ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى خىتاينى ئەڭ زور تەھدىت دەپ كۆرسەتتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-12-14
Share
ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى خىتاينى ئەڭ زور تەھدىت دەپ كۆرسەتتى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋاشىنگتوندىكى تاراتقۇلارغا سۆز قىلماقتا. 2020-يىلى 24-نويابىر، ۋاشىنگتون.
REUTERS

يېقىندا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكانىڭ دېموكراتىيەلىك قىممەت قاراشلىرى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچىگە زور تەھدىت ئىكەنلىكى ئامېرىكانىڭ 3 مۇھىم ئەمەلدارى تەرىپىدىن تىلغا ئېلىندى. بۇلاردىن بىرى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو.

ئۇ 9-دېكابىر كۈنى، ئامېرىكانىڭ جورجىيا شتاتىدىكى تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخسۇس خىتاي تەھدىتى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇنىڭ بۇ نۇتقى ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخباراتنىڭ مۇدىرى جون راتكىلىفنىڭ خىتاي تەھدىتى ھەققىدىكى باياناتىدىن كېيىنكى يەنە بىر مۇھىم باياناتتۇر.

مايك پومپېيو جورجىيا تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ بۇ مەكتەپنى تاللىشىدىكى سەۋەبكە ئىزاھات بەردى. ئۇ بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تەتقىقاتلار بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىغا تەسىر كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر ئورۇنلۇقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۈگۈنكى نۇتقىدا پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنى ئۆز تەسىرى ئاستىغا ئېلىش ۋە ئەقلىي مۈلك جاسۇسلۇقى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا مەركەزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مايك پومپېيو خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ھەر يىلى يۈز مىڭلىغان ئوقۇغۇچى، تەتقىقاتچىلارنى ئەۋەتىپ، ئامېرىكادا ئوقۇۋاتقان ياكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتايلارغا بېسىم قىلىپ ۋە ياكى ئۆزىنىڭ جاسۇسلىرىنى تەتقىقاتچى ياكى ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە ھەرقايسى تەتقىقات ئورۇنلىرىغا كىرگۈزۈپ تۇرۇپ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدا مۇھىم تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوغرىلاش، پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلەش، ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى پىكىر ئېقىمىنى تەسىر ئاستىغا ئېلىشتەك ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى مىساللىرى بىلەن چۈشەندۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكالىقلار چوقۇم خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىزنىڭ ئالىي مائارىپ يۇرتلىرىمىزنى قانداق قىلىپ زەھەرلەۋاتقانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئەركىنلىكىمىز ۋە ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە قانداق خەۋپ تۇغدۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىشى كېرەك. ئەگەر بىز ئۆزىمىزنى بۇ جەھەتتە تەربىيەلىمىسەك ۋە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى سەمىمىيلىك بىلەن قوبۇل قىلمىساق، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بېيجىڭ بىزگە دەرسىمىزنى بېرىدۇ».

مايك پومپېيو سۆزىدە يەنە، خىتاي ھەققىدىكى خاتا تونۇش سەۋەبىدىن نەچچە ئون يىل بويىچە خىتاينىڭ ئامېرىكانى ھەر جەھەتتىن سۇيىئىستېمال قىلغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ بۇ جەرياندا ئامېرىكادىن ئوغرىلىغان تېخنىكىلار ئارقىلىق ئۆزىنى كۈچلەندۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. ، بۇلارنىڭ ھەممىنى ئامېرىكادىن ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن ئوغرىلىغان تېخنىكىلار ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ شۇڭا ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە بىۋاسىتە تۇتۇشىدىغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«قاراڭ، خىتاي كومپارتىيەسى بىزنىڭ ئىجادچانلىقىمىزغا ھەرگىزمۇ يېتىشىپ بولالمايدۇ. چۈنكى ئۇ يەردە ھەممە ئورۇن دۆلەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. ئۇ بىر مۇستەبىت ھاكىمىيەت. شۇڭلاشقا ئۇ ھەر يىلى 400 مىڭ ئوقۇغۇچىنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ. ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان 400 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسى بىرلا دۆلەتتىن كەلگەن. بۇ ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. خىتاي ئىچىدىكى ئالىي دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا بازىلىرى ئاساسەن ئوغرىلانغان ياكى باشقا دۆلەتلەردىن سېتىۋېلىنغان تېخنىكىلارغا تايىنىدۇ. ھېچبىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەس. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتاي تەتقىقاتچىلارنىڭ ئامېرىكادا قېلىشىنى خالىمايدۇ. ئۇلارنىڭ تەربىيەلەنگەندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ سوتسىيالىستىك خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ».

پومپېيو سۆزىدە يەنە، بىر قىسىم ئامېرىكالىق تەتقىقاتچى-بىلىم ئادەملىرىنىڭمۇ خىتاي بەرگەن پۇلغا ئالدىنىپ، بىلىپ-بىلمەي ئۆز تەتقىقات نەتىجىسى ئارقىلىق خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشىگە خىزمەت قىلغانلىقىنى مىسال قىلىپ ئۆتتى.

ئۇ جورجىيادىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىدىن مىسال بەرگەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلىشقا ئالاھىدە قىزىقىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «جورجىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى 2018-يىلى بىزگە ‹خىتاينىڭ مەخپىي ساقچىلىرى مېنى قايتا-قايتا پاراكەندە قىلدى. مەندىن چەتئەلدىكى دېموكراتىك پائالىيەتچىلەر ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشىمنى تەلەپ قىلدى، ئۇلار بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىگە بەك قىزىقىدىكەن›، دېدى. مەنچە بىگۇناھ خىتاي پۇقرالىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەڭ كۆپ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلاردۇر».

مايك پومپېيو سۆزىدە يەنە ئېنىق قىلىپ «كۇڭزى ئىنستىتۇتى»، «خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى»، «خىتاي تەتقىقاتچىلار ئۇيۇشمىسى» قاتارلىقلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدىكى ئورۇنلار، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا پىكىر ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىش، ئامېرىكالىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى تەسىر ئاستىغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

مايك پومپېيو سۆزىدە يەنە، خىتاي كومپارتىيەسى پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتلەرنى سۆزلەشنىڭ گاھىدا ئىرقچىلىق ياكى سىنوفوبىيە(خىتايغا قارشى ) دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن جىمىقتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ «بۇنداق يالغان پەريادلار بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتلەرنى سۆزلەش باستۇرۇلۇپ قويۇلماسلىقى كېرەك» دېدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ زالىم ھاكىمىيەتنىڭ بىزنىڭ تېخنىكىلىرىمىزنى ئوغرىلاپ ئۆز ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا، خەلقىمىزنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇشىغا ۋە بىزنىڭ ئورگانلىرىمىزنى سېتىۋېلىشىغا يول قويالمايمىز».

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش، ئۇلارنىڭ ئامېرىكادىكى بىلىم يۇرتلىرىدا پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئاكادېمىيە ئەركىنلىكىنى چەكلىشىگە يول قويماسلىق ئۈچۈن چوقۇم ئامېرىكالىق ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە بارلىق ئامېرىكالىقلارنىڭ ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈشى ۋە ئۆزلىرىگە ماسلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۆتكەن ھەپتە ئىچىدە يەنە، ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانى مارك مىللېي خىتاي تەھدىتى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇ «خىتاي ھەربىي كۈچىنى 2035-يىلىغىچە ئامېرىكا بىلەن تەڭلەشتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئاندىن ئۇ بۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بىر ھەربىي توقۇنۇش ئارقىلىق ئامېرىكانى مەغلۇپ قىلىشنى كۆزلەۋاتىدۇ» دېدى.

گېنېرال مارك مىللېي بۇ سۆزلەرنى 8-دېكابىر كۈنى، «ۋال سىترىت ژۇرنىلى» ئۇيۇشتۇرغان بىر يىغىندا قىلغان. ئۇ شۇ كۈندىكى سۆزىدە خىتاينىڭ ھازىر يۇقىرىقىدىكى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ «خىتاي ئامېرىكانىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى يىللاردىكى ئەڭ مۇھىم بىخەتەرلىك كۈشەندىسى» دېگەن.

گېنېرال مىللېي يەنە مۇنداق دېگەن: «قەد كۆتۈرۈۋاتقان خىتايدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن، ئامېرىكا چوقۇم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. بىز چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتىنىڭ چوڭ دۆلەتلەر ئۇرۇشىغا ئايلىنىشىنى خالىمايمىز. بۇ بىر ئاپەت بولىدۇ. . . ئامېرىكا ئارمىيەسى چوقۇم ئالەم بوشلۇقى ۋە تور دۇنياسىدا ھۇجۇم قىلىش ۋە مۇداپىئەلىنىش خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەرنى قوزغىتىشقا تەييارلىق قىلىشى كېرەك، بولۇپمۇ خىتاي ۋە رۇسىيە قاتارلىق رەقىبلىرىگە قارشى تۇرۇشى كېرەك، چۈنكى ھەر ئىككىسى بۇ ساھەدە ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرماقتا».

ئالدىنقى ھەپتە يەنە، ئامېرىكانىڭ سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر رۇس سىنگاپورنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئېچىلغان بىر خەلقئارالىق يىغىنغا قاتناشقاندا خىتاي تەھدىتى ھەققىدە توختالغان. ئۇ خىتاينى «ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي تەھدىت» دەپ سۈپەتلىگەن. ئۇ خىتاينىڭ سودا ئۇسۇللىرىدا نۇرغۇن يولسىزلىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تىلغا ئېلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا تەدبىر قوللىنىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن ۋە «بىز دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزنى ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتىمىزنى قوغداش بىلەن بىللە، ئەركىن ۋە تېخىمۇ ئادىل سودىنى داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈشىمىز زۆرۈر» دەپ ئەسكەرتكەن.

بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەردە كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ سۆزلىرى ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىنى تولۇق نامايان قىلىدىكەن. ترامپ ھۆكۈمىتى تېخى يېقىندا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 نەپەر ئەزاسىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلغان. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ھىندو-تىنچ ئوكياندىكى كېڭەيمىچىلىك ھەرىكەتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن رايوندىكى دېڭىز سەپەرلىرىنى ۋە شۇنداقلا مانېۋىرلىرىنى كۆپەيتكەنىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت