ئامېرىكادىكى بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» دىكى يۈرەك سۆزلىرى

يېقىندىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلنى ئۆگىتىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدىكى پىكىر-مۇلاھىزىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

قاسىم ئابدۇرېھىم ۋىرجىنىيەدىكى ئۆيىدە بالىلىرى بىلەن كىتاب ئوقۇۋاتىدۇ. 2024-يىلى، فېۋرال، ۋىرجىنىيە قاسىم ئابدۇرېھىم

21- فېۋرال «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» دۇر.

ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ كۈننى خاتىرىلەش، ئانا تىلى خىتاينىڭ يوقىتىش نىشانىغا ئايلانغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

يېقىندىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلنى ئۆگىتىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدىكى پىكىر-مۇلاھىزىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتىدا ياشاۋاتقان ژۇرنالىست قاسىم ئابدۇرىھىم قەشقەر ئەپەندى ئانا تىلنىڭ مۇھىملىقىنى ئىزچىل تەكىتلەۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرنىڭ بىرى.

قاسىم ئابدۇرېھىم بالىلىرى بىلەن ۋىرجىنىيە مەسەناتىن قار تېيىلىش مەيدانىدا. 2024-يىلى، فېۋرال، ۋىرجىنىيە
قاسىم ئابدۇرېھىم

بىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇھاجىرەتتە پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىش ۋە ئۇيغۇرلۇقنى سىڭدۈرۈش جەھەتتە بەلگىلىك نەتىجە قازانغان قاسىمجان ئابدۇرەھىمنىڭ ئائىلىسىنى زىيارەت قىلدۇق. قاسىم قەشقەرنىڭ تۆت بالىسى بار بولۇپ، ئۇ ئامېرىكانىڭ شارائىتىدا بالىلىرىغا ئانا تىلدا راۋان سۆزلەشنى، ئۇيغۇرچە كىتابلارنى راۋان ئوقۇشنى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىدا بىمالال خەت يېزىشنى ئۆگەتمەكتىكەن.

قاسىم ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىرى ئۆيدە كىتاب ئوقۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى، فېۋرال، ۋىرجىنىيە
قاسىم ئابدۇرېھىم

زىيارىتىمىز جەريانىدا قاسىمجان بالىلىرىغا ئۇيغۇرچە ئۆگىتىش جەريانى ۋە بۇ جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن بولسا، ئۇنىڭ ئىككى قىزى راۋان ئۇيغۇر تىلى بىلەن بىر قىسىم شېئىر ۋە ھېكايىلىرىنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى.

سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.  

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org