ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپى توغرىسىدا تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

21-فېۋرال دۇنيا ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتكۈل دۇنيادا ئانا تىل توغرىسىدا ھەر خىل مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى. شۇ كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتا ئانا تىل مائارىپىنىڭ مۇھىملىقى» ناملىق تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىملىق تور مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتۇر مەغپىرەت كامال خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئاۋسترالىيە سىدنېي «ئۈمىد» ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى سەلىمە كامال خانىم، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇر ئانا تىلى كومتېتىنىڭ مۇدىرى زۇلھايات ئۆتكۈر، نۇرۋېگىيە ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىنىڭ مۇدىرى گۇلنار ئىمام قاتارلىق چەت ئەللەردە ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەكلىپ بويىچە سۆز قىلدى.

«ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتا ئانا تىل مائارىپىنىڭ مۇھىملىقى» دېگەن تېمىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ تور مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ھېسابى بىلەن يۇتۇب ۋە فېيسبوك سەھىپىلىرىدە بىۋاسىتە تارقىتىلدى.

تور مۇھاكىمە يىغىندا ئالدى بىلەن رىياسەتچى مەغپىرەت خانىم سۆز قىلىپ، «دۇنيا ئانا تىلى كۈنى» ۋە دۇنيادا ئانا تىلنى قوغداش يولىدا ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەر توغرىسىدا توختالدى. ئاندىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، بۈگۈنكى بۇ پروگراممىنى مەخسۇس ئۇيغۇر ئانا تىلىغا بېغىشلاپ ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاندىن سەلىمە كامال خانىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بېرىلغان مىللىي مائارىپنىڭ تارىخىي مۇساپىلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپنىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيان، بولۇپمۇ 11-ئەسىردىكى بۈيۈك ئالىملاردىن مەھمۇد قەشقەرى دەۋرىدىن بۇيان نۇرغۇنلىغان بىلىم ئىگىلىرىنى، ئالىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

گۇلنار ئىمام خانىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىملىقى، بولۇپمۇ چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تىلى مائارىپى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەتقىقاتلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپى ئاچقان 30 دەك كىشى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى، بىر تۇتاش دەرسلىك تۈزۈش، ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

گۇلنار ئىمام خانىم ھازىرقى ئەھۋالدا دۇنيانىڭ ھەرقايسىي جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن ئىنىتىرنېتتا تور سىنىپلىرىنى كۆپلەپ ئېچىش، كېڭەيتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكتۇر مەغپىرەت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1999-يىلى ب د ت پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) تەرىپىدىن 21-فېۋرال كۈنى «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» قىلىپ بېكىتىلگەن ئىكەن.