ستوكھولم ۋە ميۇنخېندا ئانا تىل پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
خەلقئارا ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 24-فېۋرال شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدا «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا «مۇھاجىرەتتە ئانا تىل سۆيگۈسى» ناملىق ئەركىن سۆھبەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.
-
ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2024-02-26 -
-
-
Your browser doesn’t support HTML5 audio
خەلقئارا ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 24-فېۋرال شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدا «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا «مۇھاجىرەتتە ئانا تىل سۆيگۈسى» ناملىق ئەركىن سۆھبەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ پائالىيەتكە سىتوكھولمدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىغا بولغان سۆيگۈسىنى ئىپادە قىلىپ شېئىرلار دېكلاماتسىيە قىلىشقان.
«شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بەختىنۇر خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى شەرھلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە ئاتا تىل سۆيگۈسىنى ئۇرغۇتۇش ۋە ئانا تىلنى پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈشنىڭ ئەھمىيەتلىرىنى تىلغا ئالدى.
25-فېۋرال گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى «لۇدۋىگ ماخسىمىلىئانس ئۇنىۋېرسىتېتى» دىمۇ خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ پائالىيەتكە مەركىزى ميۇنخېن شەھىرىدىكى «گېرمانىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە مائارىپ بىرلىكى» تەشكىلاتىمۇ تەكلىپكە بىنائەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر كىملىكلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.
«گېرمانىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە مائارىپ بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى پەرىدە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تۇنجى قېتىم «لۇدۋىگ ماخسىمىلىئانس ئۇنىۋېرسىتېتى» دا ئۇيغۇرلار ھەققىدە لېكسىيە بېرىشكە تەكلىپ قىلىنىشى بولۇپ، بۇ، پەخىرلىنىشكە ئەرزىگۈدەك ئىش ئىكەن. پەرىدە خانىم سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇرلار ئېغىر ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى باشقىلارغا ھېس قىلدۇرۇش ۋە چۈشەندۈرۈش ئىمكانىيەتلىرىگە ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.