خىتاي ئۇيغۇر مائارىپىنى يوقىتىۋاتقاندا قازاقىستاندا 1493 ئۇيغۇر بالىسى بۇ يىل ئانا تىللىق مەكتەپكە كەلدى
2021.09.01

قازاقىستاندا ھەر يىلى 1-سېنتەبىردە يېڭى ئوقۇش يىلى باشلىنىپ، ئۇنىڭغا مەكتەپ بوسۇغىسىنى تۇنجى قېتىم ئاتلاپ كەلگەنلەرنى، يەنى 1-سىنىپقا كىرگەنلەرنى مۇبارەكلەش ئەنئەنىگە ئايلانغان. قازاق، رۇس، ئۆزبېك ۋە تاجىك بالىلىرى بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇر ئوغۇل-قىزلىرىمۇ بۇ كۈنى مەكتەپكە كېلىپ، «بىلىم كۈنى» بايرىمىغا قاتناشتى.
مەلۇمكى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر مائارىپىنى يوق قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈپ، ئۇيغۇر مائارىپىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئېغىر بىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى. ئۇيغۇر تىلىدا مائارىپ تەربىيەسى ئېلىش چەكلىنىپ، پۈتۈن مەكتەپلەر خىتايچىلاشتۇرۇلغانىدى. بىراق، ئومۇمىي ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاز بىرقىسىمى ياشايدىغان قازاقىستاندا بولسا ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپ ئۈچۈن كەڭ يول ئېچىلماقتا. قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى يولغا قويۇلغاندىن تاشقىرى يەنە ھەتتا بەزى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدىمۇ دەرسلەر بار.
ئۇيغۇرلار مەملىكەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى بويىچە يارىتىلغان ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئانا تىلىدا ئوقۇتماقتا. ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يىلى قازاقىستاندا 1493 ئۇيغۇر بالىسى ئانا تىللىق مەكتەپلەرنىڭ 1-سىنىپىغا كىرگەن. بۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى خۇشال قىلغان.
لېكىن، ئۇيغۇرلار تېخىمۇ كۆپ پەرزەنتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىدىكى مەكتەپلەرگە بېرىشىنى ئۈمىد قىلماقتا شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار مىللىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان ئەھۋاللارنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسەتمەكتە. قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆز نوپۇسىنىڭ كۆپ بولۇشىغا قارىماي، مۇنداق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشى كۆپچىلىكنى ئەندىشىگە سالماقتا.
بىز بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىللىق مائارىپنى ساقلاپ قېلىش ئالدىدا تۇرغان بەزى مەسىلىلەرنى ئىگىلەش مەقسىتىدە «مەكتەپ» نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىراتىنىڭ باشلىقى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە ھەمكارلىشىش شتابىنىڭ ئەزاسى رەخمەتجان غوجامبەردىيېف ئەپەندىگە مۇراجىئەت قىلدۇق.
ئۇ، مىللىي مائارىپنى ساقلاپ قېلىشنىڭ قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاساسىي مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىشنىڭ نەقەدەر قىممەت ئىكەنلىكىنى، ھەتتا تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى قانداشلىرىمىزنىڭمۇ ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىشتەك ئەڭ ئالىي قەدرىيەتتىن مەھرۇم بولۇپ تۇرغان بۈگۈنكى كۈندە تەقدىر تەقەززاسى تۈپەيلى چەتئەللەرگە تېرىقتەك چېچىلىپ كەتكەن ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشتا قانچىلىك سەرسانچىلىققا چۈشۈۋاتقانلىقىنى ئىجتىمائىي تورلار ئارقىلىق ئاڭلاپ، كۆرۈۋاتىمىز. مانا مۇشۇنداق پەيتتە بىز، قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار مىللىي تەرەققىياتىمىزنىڭ ئاساسىنى تىكلىگەن ئابدۇللا روزىباقىيېفتەك دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئەربابلىرىمىز ئاساسىنى سېلىپ بەرگەن ۋە بۈگۈنكى تاڭدا قازاقىستان ھۆكۈمىتى ھەرتەرەپلىمە قوللاۋاتقان مىللىي مەكتەپلىرىمىز مەۋجۇت تۇرۇقلۇق ئۆز ئانا تىلىمىزدا ئوقۇشتىن كۆرە بالا-چاقىلىرىنى باشقا تىللارغا بېرىۋاتقان ئەھۋاللارنى كۆرۈپ، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە دېگەن مەسىلە ئۈستىدە مىللەت جانكۆيەرلىرى كۆپتىن بۇيان باش قاتۇرۇپ كەلمەكتە».
رەخمەتجان غوجامبەردىيېف بۇنىڭ بىر نەچچە سەۋەبلىرى بار ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇ سوۋېت دەۋرىدە قېلىپلاشقان رۇس تىلىنى بىلمىگەنلەرنىڭ كېلەچىكى يوق دېگەن مەسىلىگە كېلىپ تىرىلىدۇ. ئىككىنچىدىن، بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرى تارىخىي ۋەتىنىمىزدىن سوۋېتقا كۆچۈپ چىققان قانداشلىرىمىزنىڭ رۇس تىلىنى بىلمەسلىك تۈپەيلى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىلىرى سەۋەبلىك دۆلەتلىك تىلنى ئۆگىتىش مەقسىتىدە بالىلىرىنى رۇس تىللىق مەكتەپلەرگە بېرىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى».
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت دەۋرىدە ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇۋاتقان بالىلار سانى 30 مىڭ ئەتراپىدا بولسا، كېيىنكى يىللاردا ئۇلارنىڭ سانى 15 مىڭغا قىسقىراپ كەتكەنىكەن. ھازىر ئەنە شۇ مەسىلە كۆپچىلىكنى قاتتىق ئويلاندۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنى ھەرتەرەپلىمە ئۆگىنىش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستانغا قوشنا قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئەينى ۋاقىتلاردا ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتلەرنى قىلغان بولسىمۇ، ھازىر ئۇلار ئانا تىللىق مەكتەپلەرنىڭ يوقلۇقىنى باشتىن كەچۈرمەكتە.
بىز قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپ ئەۋزەللىكلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن بىشكەكتە ياشاۋاتقان شائىر ۋە ژورنالىست مۇزەپپەرخان قۇربانوف بىلەن خەۋەرلەشكىنىمىزدە ئۇ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى ھەققىدە سۆز قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنى تىلغا ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ھازىر ئۇيغۇرىستاندا خىتايلار پۈتۈنلەي ئۇيغۇر مائارىپىنى، مىللىي مەدەنىيىتىنى يوقىتىۋېتىشكە ھەرىكەتلەرنى ئىشلەۋاتىدۇ. مەقسەت مىللىي مائارىپ، ئانا تىل، مىللىي مەدەنىيەت يىتكەن يەردە مىللەت يوقايدىغان گەپ. ئۇيغۇرىستاندا ئۇيغۇر خەلقى مىللەت سۈپىتىدە يوقاپ كېتىش ھالىتىگە يېتىپ قالدى. شۇنىڭغا نىسبەتەن ھازىر قازاقىستاندا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە مائارىپىنىڭ يۈكسىلىۋاتقىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ ئۇتۇقتۇر. مېنىڭ بىلىشىمچە، قازاقىستاندا 63 ئۇيغۇر مەكتىپى، شۇنىڭ ئىچىدە 11 ساپ ئۇيغۇر مەكتەپ، قالغىنى ئارىلاش ئىكەن. شۇنىڭ ئىچىدە 16مىڭ ئۇيغۇر ياشلىرى ئوقۇيدىكەن. ئۇيغۇرنىڭ ئاتا ۋەتىنىدىكى مۇرەككەپ ھالەتكە نىسبەتەن بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قايتا تىرىلىش مەنبەسىدۇر».
مۇزەپپەرخان قۇربانوف ئەينى ۋاقىتلاردا قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر سىنىپلىرىنى ئېچىش مەقسىتىدە كۆپ ئىشلار قىلىنغان بولسىمۇ، ھازىر ئۇيغۇر تىللىق سىنىپلارنىڭ، ھەتتا قوشۇمچە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى ئوقۇتۇش دەرسلىرىنىڭمۇ يوق ئىكەنلىكىگە ئەپسۇسلاندى. ئۇ بۇ ئەھۋالنىڭ تەپسىلىي ئۆگىنىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىر قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلىرى ۋە سىنىپلىرى بار رايونلاردا ئاھالىلار ئارىسىدا ئانا تىلىنىڭ، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى تەرغىب قىلىش ئىشلىرى كەڭ قانات يايغان بولۇپ، ئۇنىڭغا مىللەتپەرۋەر زىيالىيلار، يۇرت جامائەت ئاقساقاللىرى، ياشلار، خانىم-قىزلار ئاكتىپلىرى، يىگىت باشلىرى جەلپ قىلىنغانىكەن.