قازاقىستاندا ئانا تىلىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانى كۆپەيمەكتە

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، ھەر يىلى 1-سېنتەبىر كۈنى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى قازاق، رۇس، ئۆزبېك، تاجىك مىللەتلىرىنىڭ مىللىي مەكتەپلىرى بىلەن بىر قاتاردا بىلىم كۈنىنى، يەنى ئوقۇش باشلاش كۈنىنى خاتىرىلەپ كەلمەكتە. بۇ يىلىمۇ مەملىكەتنىڭ ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ھەمدە ئارىلاش، يەنى رۇس، قازاق تىللىق مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر سىنىپلىرى يېڭى ئوقۇش يىلىنىڭ باشلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن بىلىم كۈنىنى قارشى ئالدى. شۇ جۈملىدىن ئالمۇتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەدە، سۇلتانقورغان مەھەللىسىدىكى مەسۇم ياقۇپوف نامىدىكى 101-مەكتەپ-گىمنازىيە ۋە زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدىكى مۇرات ھەمرايېف نامىدىكى 150-مەكتەپتە ئوقۇغۇچى ۋە مۇئەللىملەر، بىلىم ئىدارىلىرى، جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلار، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، ئاتا-ئانىلار ھەم يۇرت-جامائەتچىلىكنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تەنتەنىلىك مۇراسىملار بولۇپ ئۆتتى.

بىز دوستلۇق مەھەللىسىدە ئورۇنلاشقان ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەنى زىيارەت قىلدۇق. مەزكۇر گىمنازىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا سۆزگە چىققان پېداگوگىكا پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى يېمېليان ھوشۇروف، شائىر مەھەممەتىمىن ئوبۇلقاسىموف، ئالمۇتا شەھەرلىك باش يىگىت بېشى سابىت ھاجىم يۈسۈپوف ۋە باشقىلار مەكتەپ بىناسىنىڭ پۈتۈنلەي رېمونت قىلىنىپ، بۇنىڭدىن كۆپچىلىكنىڭ خۇرسەن بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇنىڭدا گىمنازىيە مۇدىرى، ئالمۇتا شەھەرلىك ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئۆمەروفنىڭ كۆپ كۈچ چىقارغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. سۆزلىگۈچىلەر شۇنداقلا ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىنىڭ ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا كۆپلەپ چۈشۈۋاتقانلىقىنى، مەزكۇر گىمنازىيەنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىنى، ئايرىم مىللەتپەرۋەر شەخسلەرنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان خەيرخاھلىق ئىشلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سابىق مەكتەپ مۇدىرى، ئۇزۇن يىللار داۋامىدا «مەكتەپ» نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىراتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن زېرىپ مولوتوف قازاقىستاندا ئانا تىلىدا ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق شارائىتلارنىڭ بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق ۋە تالغىر ناھىيەلىرىدە ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم ئالغۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بۇ يىلى بىر قەدەر كۆپەيگەن. بۇنىڭدا بولۇپمۇ يېزا ئاكتىپلىرى، شۇ جۈملىدىن يىگىت باشلىرى، خانىم-قىزلار ۋە ياشلار كومىتېتلىرى، ئايرىم مىللەتپەرۋەر شەخسلەر ئالاھىدە پائالىيەتچانلىق كۆرسەتكەن.

بىز ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسى قورام يېزىسىنىڭ يىگىت بېشى قۇربانجان ئىسلاموف بىلەن ئالاقىلىشىپ، مەزكۇر يېزىدىكى ئۇيغۇر سىنىپلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەم ئۇلارغا بالا توپلاش مەسىلىسى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاساسىي مەقسىتىمىز تىلىمىز يوقاپ كەتمىسۇن دەۋاتىمىز. بىز ھەر بىر ئۆيگە بېرىۋاتىمىز. بۇ يىلى ئىككى سىنىپ ئاچتۇق. بۇنىڭغا قارشى چىقىۋاتقانلارمۇ بار. رۇس تىلى يوقىمايدىغان ئوخشايدۇ. مۇئەللىملەر ئارىسىدا ئۆز مىللىتىگە كۆيۈنمەيۋاتقانلارمۇ كۆپ. قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن بۇيان ھەر مىللەت ئۆزۈڭلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىڭلارنى، تىلىڭلارنى ساقلاپ قېلىڭلار دەۋاتىدۇ.»

قۇربانجان ئىسلاموف ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە ئىشلەش لازىملىقىنى، جامائەتچىلىك ئارىسىدا چۈشەندۈرۈش ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

بىز ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ چارىن يېزىسىدا ئەنە شۇنداق ئىشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھىسامىدىن مۇتەللىپوف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار تىل، ئۆرپ-ئادەتلەر مەسىلىسىدە قازاقىستانغا قاراپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ھەقىقەت. باشقا يەرلەردە، ھەتتا ۋەتىنىمىزدە بۇنى يوقىتىۋاتىدۇ. بۇنى بىز بۇرۇن چۈشەنگەن ئىدۇق. بۇنىڭدىن بەش يىل بۇرۇن ‹ئىنايەت› بىرلەشمىسىنىڭ پرېزىدېنتى تۇرغانجان روزاخۇنوف كەلگەنىدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلساق دەپ كېلىشكەن ئىدۇق. ھازىر بىزدە ئىككى رۇسچە سىنىپ، ئىككى ئۇيغۇرچە سىنىپ بار. كېلەچەكتە بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولىدۇ دەپ ئويلاۋاتىمەن.»

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يىلى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ قاراتۇرۇق يېزىسى ئاۋۇت ساتتاروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە 22 بالا، بايسېيىت يېزىسىنىڭ ئىسمائىل تايىروف نامىدىكى مەكتىپىگە 74 بالا، مالىۋاي ئوتتۇرا مەكتىپىگە 45 بالا، چېلەك يېزىسىنىڭ ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى مەكتەپكە 26 بالا، قورام مەكتىپىگە 37 بالا ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىشقا كەلگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، 2014-يىلقى رەسمىي مەلۇماتلار بويىچە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ سانى 246 777 ئادەمگە يەتكەن ئىكەن. مەملىكەتتە ئۇيغۇر تىللىق تازا ۋە ئارىلاش مەكتەپلەر سانى 62 بولۇپ، ئۇلاردا 13 مىڭ ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى ئانا تىلىدا بىلىم ئالىدىكەن. ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، ئۇلار ئايرىم بىنا ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوقۇش قوراللىرى، جابدۇق ۋە ئىش ھەققى بىلەن تەمىنلىنىپ تۇرىدىكەن.