مۇھاجىرەتتە ئانا تىل ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى: ئۇتۇقلار ۋە خىرىسلار

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.12.12
مۇھاجىرەتتە ئانا تىل ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى: ئۇتۇقلار ۋە خىرىسلار ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس(Sean R. Roberts) ئەپەندى يىغىندا سۆز قىلماقتا. 2022-يىلى 12-نويابىر.
Photo: RFA

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىگە ئورتاق بولغان خىرىسلارنىڭ بىرى چەتئەل تۇپرىقىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇۋاتقان ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر بوغۇنلىرىنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى قانداق ۋە قانچىلىك ساقلاپ قېلىش مەسىلىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى كۈنىدىكى مۇھاكىمىسىدە بۇ مەسىلە يەنە بىر مۇھىم تېما قاتارىدا مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىندى.

جورجى ۋشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس ئالدى بىلەن سۆز قىلىپ بۇ ساھەنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا قىسقىچە سۆز قىلدى. يىغىن رىياسەتچىلىرىدىن دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ ساھەدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە بۇ ھەقتىكى كونكرېت ئەھۋاللارنى يىغىن مېھمانلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ھاۋالە قىلدى. .

تۈركىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقى ھەققىدە مەخسۇس توختالدى. پەرھات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەسىرلەر بويى داۋام قىلىپ زامانىمىزغا قەدەر يېتىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتى ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى زامانلاردىلا ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى دۇنياغا تونۇتۇپ كەلگەن مۇھىم ۋاستىلاردىن بىرى بولغان. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا «غۇز» دېگەن ئورتاق نام ئاستىدا ئەدەبىيات، مۇزىكا، سەنئەت قاتارلىق ساھەلەردىكى دۇردانىلار خىتاي تەۋەسىدىن ھالقىپ ياپونىيە ۋە كورېيە تېررىتورىيەسىگە قەدەر تارقالغان. بۇ خىل يۈزلىنىش دەۋرىمىزگە قەدەر داۋام قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىز تەسۋىرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئەمما ھازىر بۇ ھال چېكىنىش ۋە يوقىلىش قىسمىتىگە دۇچ كېلىشكە باشلىغان. .

يىغىن مېھمانلىرى ئورتاق تەكىتلىگەن بىر مۇھىم نۇقتا دەل مۇشۇ خىل كرىزىس تۇيغۇسىدىن ئىلھام ئالغان مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىل مەكتەپلىرى بولدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دوكتۇر مەغپىرەت كامال بۇ ساھەدىكى بىر قاتار مەسىلىلەرنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە بۇنى ھەل قىلىشتىكى چارىلارنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، مۇمكىن بولغان دائىرىدە خەلقئارادىكى ھەرقايسى كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىشىش، لازىملىق كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش، بولۇپمۇ ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان ئىجتىمائىي پەن ساھەلىرىدە ياشلارنى كۆپرەك تەربىيەلەش، شۇ ئارقىلىق ئانا تىلنى قوغداپ قېلىش قاتارلىقلار ھازىر قوللىنىشقا بولىدىغان چارىلەر ئىكەن. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان ئورتاق ئىدېئولوگىيە ۋە مەپكۈرىلەرنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۇقۇشلۇق يەتكۈزۈپ بېرەلەيدىغان دەرسلىك ماتېرىيال كەمچىل بولۇپ، مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىكنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن دەرسلىك كىتابلارنى قوللىنىدىغان ئانا تىل مەكتەپلىرى دەل بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم قەدەم ھېسابلىنىدۇ.

بۇ خىل ئانا تىل مەكتەپلىرى ھەققىدە سۆز بولغاندا بوستون ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىدىن دوكتۇر قەيسەر مىجىت، تېكساس ئانا تىل مەكتىپىدىن شاكىر شەمشى، ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى «غەمگۇزار ئانا» مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى روشەن خەمىت، شۇنىڭدەك باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئابدۇلھەمىت قاراخان، پەرىزات غەيرەت، ماھىرە ياقۇپ، ھەلىمە ياسىنوپ، دىلنۇر ئابدۇرېھىم قاتارلىقلار ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنى ئانا تىل مەكتىپىدە ئۇيغۇر كىملىكى بويىچە تەربىيەلەش ئۇسۇللىرى، شۇنىڭدەك بۇ ساھەدىكى ئىزچىل بولالماسلىق، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ كەملىكى، مەبلەغ يېتىشمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئورتاق پىكرىچە، مۇھاجىرەت ھاياتىدا ئانا تىل مەكتەپلىرىنى ھەمدە ئۇيغۇرلار مەركەزلەشكەن ئىجتىمائىي توپنى ھاسىل قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ خىل ئانا تىل مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر بوغۇنلىرى ئىمكان قەدەر ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئۇيغۇرچە تىل ئۆگىنەلەيدىغان مۇھىت يارىتىش ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئۇسۇللاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ۋاسىتىلەر ھەققىدە سۆز بولغاندا ئۇيغۇر دىنىي زىيالىيلىرىدىن ئەنقەرە ھاجى، ئابدۇلمۇقتەدىر ئۇدۇن، مەھلىيا چېتىنكايا قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنى ئەسىرلەر بويى ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشتىن ساقلاپ قېلىشتا ئەڭ قۇدرەتلىك «قالقان» بولۇپ كەلگەن ئىسلام دىنىنى ئۇيغۇر كىملىكى بىلەن قانداق مۇجەسسەملىگەن ھالدا ئۇيغۇر بوغۇنلىرىغا سىڭدۈرۈشنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. .

ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئالىمجان ھەمرايېف، سەيفۇللا ئابدۇللايېف، زۇمرەت روزىيېۋا، ئەكبەرجان باۋۇدۇن قاتارلىقلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىقى، ئۇنىڭ رۇس تىلى مۇھىتىدا قانداق خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى. .

مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىل مەكتەپلىرىدە تىل ئوقۇتۇشىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تەجرىبىلەرمۇ بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «كارۋان ساداسى» نامىدىكى بىر قاتار قىسقا فىلىملار ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى سىمالارنى جانلىق ئوبراز شەكلىدە توپلام قىلىۋاتقان دىلنۇر ئابدۇرىشىد، ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز، ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرىدىن بەختىيار ئۆمەر قاتارلىقلار ئوبراز ئارقىلىق، بولۇپمۇ كۆرۈش سەزگۈلىرى بىلەن سۆزلەش ۋە ئاڭلاش سەزگۈلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ئوقۇتۇشنىڭ ئۆلۈك ھالدا يادلىتىش شەكلىدىكى كونىچە ئۇسۇلدىن كۆپ ئۈنۈملۈك ۋە ئەمەلىي بولىدىغانلىقىنى جانلىق مىساللار ئارقىلىق كۆرسىتىپ ئۆتتى. .

يىغىن ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاكادېميەىسىنىڭ سابىق پەخرى رەئىسى، ئالىي ئوپتىكا ئىنژېنېرى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى رادىيومىزنىڭ ئايرىم زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىككى كۈنلۈك يىغىن جەريانىدا كۆرگەنلىرى ۋە ئاڭلىغانلىرى ئاساسىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى مۇھاجىرەت ھاياتىدا ساقلاپ قېلىشتىكى ئۈمىدلەر، شۇنداقلا بۇنىڭدىكى مەسىلىلەرنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

بوستون ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ۋەكىللىرىدىن دوكتۇر قەيسەر مىجىتمۇ بۇ ساھەدىكى مەسىلىلەر قاتارىدا مەبلەغ مەسىلىسىنىڭ ئەڭ چوڭ يېتىشسىزلىكلەردىن بىرى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭدىمۇ بەزى «يوللار» نىڭ ئوچۇقلۇقىنى تىلغا ئالدى. .

بۇ قېتىمقى يىغىن جەريانىدا داۋام قىلغان ئۆزئارا ئۇچرىشىشلار جەريانىدا يەنە بىر قىسىم شەخسلەرنىڭ «مۇھاجىرەت مۇھىتىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس» دېگەن قاراشقا مايىل ئىكەنلىكىمۇ مەلۇم بولدى. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا دوكتۇر مەغپىرەت كامال خانىم ئۆزىنىڭ بۇ قاراشقا قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. .

ئۈچ باسقۇچلۇق مۇھاكىمىدىن كېيىن يىغىن ئىشتىراكچىلىرى يېرىم كۈنلۈك تەجرىبە ئالماشتۇرۇش مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. كەچقۇرۇن بولسا كۆپ قىسىم يىغىن ئىشتىراكچىلىرى «10-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن لىنكولىن خاتىرە سارىيى ئالدىغا توپلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىش ئۇرۇنۇشىغا قارشى نارازىلىق نامايىشىغا قاتناشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.