قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئانا تىللىق مەكتەپلەرنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020.08.11
Qazaqistanning-emgekchiqazaq-nahiyesi-qaraturuq-yezisi-uyghur-sinip.jpg قازاقىستاننىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسى قاراتۇرۇق يېزىسىدا ئۇيغۇر سىنىپىغا بالا يىغىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان بىر گۇرۇپپا.
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرىدىن كېيىن قازاقىستاندىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان ئىدى. بۇ بىرىنچى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققانلار ھېسابىغا يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ كۆچۈپ چىققانلارنىڭ يەنە بىر قىسمى ئۆز پەرزەنتلىرىنى رۇس تىللىق مەكتەپلەرگىمۇ بەرگەن. چۈنكى ئۇ دەۋردە قازاقىستان سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىدە بولۇپ، رۇس تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلانغانلىقتىن ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆز بالىلىرىنى رۇس تىللىق مەكتەپلەرگە بېرىشكە مەجبۇر بولغانىدى. ئەمما 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغان بولسىمۇ، رۇس تىلى ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى مۇشۇ كۈنگىچە ساقلاپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى مىللىي مەكتەپلىرىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە تەرغىب-تەشۋىقات ئىشلىرىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈشنى ھېلىغىچە توختاتمىغان.

شۇ سەۋەبتىن بۇ يىلىمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان بەزى يېزا ۋە مەھەللىلەردە بۇ ھەرىكەت داۋام قىلماقتا. يېقىندا بىز شۇنداق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىگە قاراشلىق قورام ۋە غەيرەت يېزىلىرىدىكى ئەھۋالنى ئىگىلىدۇق.

ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئاھالىلىرى ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار بولسىمۇ، ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى رۇس تىللىق سىنىپلارغا بېرىش ئادىتى بۈگۈنكى كۈنگىچە ساقلىنىپ قالغانىكەن. مۇنداق ئەھۋال ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان تالغىر، ئۇيغۇر، ياركەنت (پانفىلوف) ناھىيەلىرىدىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، ھەر بىر يۇرتنىڭ جامائەتچىلىكى بۇ يۆنىلىشتە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتىكەن.

ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ غەيرەت يېزىسى ئىسمايىل ساتتاروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قازاق تىلى ۋە ئەدەبىياتى پەنى مۇئەللىمى ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، ھازىر بارلىق مەكتەپلەردە 1-سىنىپقا بالا قوبۇل قىلىش قەرەلى ئۇزارتىلغانلىقتىن ئۇيغۇر سىنىپلىرىغا ۋە مەكتەپلىرىگە بالىلارنىڭ كېلىشى داۋام قىلىنماقتىكەن.

ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف ھازىرقى ئەھۋالنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «تەخمىنەن ئېيتقاندا، خۇشال بولىدىغان يېرىمۇ بار ھەم ئەپسۇسلىنىدىغان جايىمۇ بار. خۇشال قىلىدىغىنى ھەر بىر جايدا يىلدىكىدەك بىر سىنىپ ئېچىلىۋاتقان بولسا، بۇ يىلىمۇ بىر سىنىپ ئېچىلىدىغان تۈرى بار. ئىككى سىنىپ ئېچىلغان بولسا، يەنىلا ئىككى سىنىپ ئېچىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر سىنىپىغا پەرزەنتلىرىنى بەرمەيۋاتقاننىڭ سەۋەبى يۇقىرىقى ئوقۇشقا چۈشكەندە بىر پۈتۈن مىللىي ئېمتىھاندا قىينىلىپ قالىدۇ دېگەن سەۋەب مەۋجۇت. ئىككىنچىدىن، رۇس تىلىغا بولغان قىزىقىش ئۈستۈن بولغانلىقتىن، رۇس تىلىغا بېرىۋاتقانلار نۇرغۇن. بۇ يىلى جاھاندا ئورۇن ئېلىۋاتقان كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن تەرغىبات ئىشلىرىنى ئاسانلىقچە قىلالمىدۇق.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسى قورام ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى پەنى مۇئەللىمى گۈلچېھرەم سادىروۋا خانىم بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا تەرغىب-تەشۋىقات ئىشلىرىنى توختىماي ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئۆز سۆزۈمنى تونۇلغان يازغۇچى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ سۆزلىرى بىلەن باشلىماقچى: ‹ئانا تىلىڭ ئۆز كۆزۈڭگە ئوخشايدۇ، قالغان تىللار كۆزەينەك، مىكروسكوپ، تېلېسكوپقا ئوخشايدۇ. ئۇلار ھەر قانچە ئىلغار بولسىمۇ، كۆزۈڭ يەنىلا سالامەت بولۇشى كېرەك. › مۇشۇ پىكىر بويىچە ئۆز ئويۇمنى يوللۇغۇم كەلدى. يەنىلا ئۆز تىلىنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن، ئۆزگە تىلدا بالىلىرىنى ئوقۇتۇشقا كىرىشىپ كەتكەن ياشلىرىمىزغا يوللۇغۇم كەلدى. ياشلارغا ئېيتقان بولار ئىدىمكى، ھازىر بىز مىللەت بولۇپ ساقلىنىپ قېلىشىمىز ئۈچۈن، ئۆزىمىزنىڭ ئۇلۇغ بىر مىللەتنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز، ئەدەبىي مىراس، تىل، ئۆز تارىخىمىزنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ساقلىشىمىز ئۈچۈن پەقەت ئانا تىللىق سىنىپلاردىكى بالا سانىنى كۆپەيتىشىمىز كېرەك.»

گۈلچېھرەم سادىروۋا قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارغا چوڭ يۈكنىڭ ئارتىلغانلىقىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ قازاقىستاننىڭ ئاساسىي قانۇنى ئاساسىدا ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىشى ئۈچۈن بارلىق مۇمكىنچىلىكلەرنىڭ يارىتىلغانلىقىنى، شۇ مۇمكىنچىلىكلەردىن پايدىلىنىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئۆزى ئىشلەۋاتقان ئارىلاش تىللىق، يەنى ئوقۇتۇش قازاق، ئۇيغۇر ۋە رۇس تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان قورام ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئۇيغۇر سىنىپلىرىغا بىلىم بېرىۋاتقان مۇئەللىملەرنىڭ بارلىقىنىڭ ئالىي بىلىملىك بولۇپ، بارلىق پەنلەر بويىچە مۇئەللىملەرنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھەر يىلى ئۆز كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بويىچە تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىن قالسا، ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇش سىستېمىسى پەقەت قازاقىستاندا ساقلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەر ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىغا ئېلىنغانىكەن. ئاخىرقى رەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازاقىستاندا 250 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ياشاۋاتقان بولۇپ، 15 مىڭدىن ئوشۇق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئانا تىلىدا ئوقۇيدىكەن. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ يەركەنت (پانفىلوف)، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق ۋە تالغىر ناھىيەلىرىدە ئولتۇراقلاشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.