«ئانار گۈلى پىلانى» ۋە ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنىڭ ئاسسىمىلاتسىيە تەقدىرى
2022.01.28
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا مەجبۇرىي يوسۇندا يولغا قويۇپ كەلگەن «تۇغقان بولۇش» سىياسىتى بىر مىليوندىن ئارتۇق خىتاي كادىرنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە يېمەك-ئىچمەك ۋە يۈرۈش-تۇرۇشتا بىللە بولۇشقا ئەۋەتكەن ئىدى. بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك خەۋەرلەر «تۇغقان بولۇش» قا كەلگەن بۇ خىتاي كادىرلارنىڭ ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى تېخىمۇ قاتتىق بولغان نازارەت مېخانىزىمىنىڭ ئىجراچىلىرى ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلدى. بۇ جەرياندا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ 2014-يىلىدىن تارتىپ «ھەر مىللەت خەلقى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشىشى لازىم» دېگەن مەزمۇندا كۆپ قېتىم سۆز قىلدى. ئاقىۋەت 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ بۇ خىلدىكى «ئانار گۈلى پىلانى» نىڭ ئوبېكتى تەدرىجى ھالدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى گۆدەكلەرگە قارىتىلىشقا باشلىدى.
مانا بۇ خىل بىر قاتار تەرەققىياتلار ۋاشىنگتون شەھرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى 27-يانۋار كۈنى ئېلان قىلغان «مەجبۇرىي تۇغقاندارچىلىق: ‹ئانار گۈلى پىلانى› ۋە ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئاسمىلاتسىيە قىلىنىشى» ناملىق دوكلاتتا تەپسىلى يورۇتۇلدى. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي ئائىلىلىرى بىلەن «ئانار دانىسى» شەكلىدە «تۇغقان» قىلىپ چېتىپ قويۇشنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئاسمىلاتسىيە قىلىش ھەركىتىنىڭ بىر يېڭى باسقۇچى ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ماھىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ئاجرالماس بىر تەركىۋىي قىسمى ئىكەنلىكىمۇ ئالاھىدە يەر ئالدى.
مەزكۇر دوكلاتقا قەلەم تەۋرەتكەن دوكتۇر ئەلىس ئاندېرسون (نازاكەت) نىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرىشىچە، بۇ دوكلاتتا بايان قىلىنغان مەركىزىي تېما ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنىڭ ئاددىيغىنە شەكىلدە خىتايلار بىلەن «تۇغقان بولۇش» شەكلىدە دوست بولۇشىلا بولۇپ قالماستىن كۆپ تەرەپلىمە ئەھۋاللارغا چېتىلغان، شۇنىڭدەك تولىمۇ قورقۇنچلۇق بولغان بىر ئاچچىق رېئاللىقنى ئىپادە قىلىدىكەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلى سېنتەبىر ئايلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى كونتروللۇقىدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا دەسلەپ بولۇپ «36 جۈپ ئانار گۈلى پورەكلەپ ئېچىلدى» دېگەن مەزمۇندا بۇ جەھەتتىكى دەسلەپكى ئۇرۇنۇشلار خەۋەر قىلىنغان. شۇ قاتاردا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىمۇ بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللاردىن مەلۇمات بەرگەن. بۇ ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ياندۇرما يېزىسىدىكى 36 نەپەر ئۇيغۇر گۆدەك خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئوخشاش بولمىغان 30 شەھەردە ياشايدىغان خىتايلار بىلەن «جۈپ تۇغقان» قىلىپ قويۇلغان. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى قويۇق سۆھبەتلەر تېلېفوندا پاراڭلىشىش ياكى بۇ خىتاي بالىلىرىنىڭ قەشقەرگە ساياھەتكە بېرىشى ئارقىلىق داۋام قىلىپ تۇرغان. بۇ بالىلارنىڭ خىتاي «تۇغقان» ئائىلىلىرىدىكى «قېرىنداشلىرى» بولسا بۇ ئۇيغۇر بالىلارغا ئاي توغاچ قاتارلىق تىپىك خىتايچە سوۋغىلارنى ئەۋەتكەن. ئەمما بۇ خىتاي بالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىدىن ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان مەدەنىيەت، دىن ياكى تىل بىلىملىرى ئۆگەنگەنلىكى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ مەلۇمات تىلغا ئېلىنمىغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، قانداق ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى «ئانار گۈلى پىلانى» ئۈچۈن تاللىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمىلەر يوق بولۇپ، ھازىرقى مەۋجۇت پاكىتلاردىن قارىغاندا نامرات دېھقانلارنىڭ بالىلىرى تاللانغان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن. يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەتكە يېتەكلەش» شوئارى بۇنىڭدا يېتەكچىلىك رولىنى ئوينىغان. ئاقىۋەت ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي ئائىلىلىرى بىلەن «جۈپ قىلىش» لايىھەسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» نامىدا ئۇيغۇر تىلىنى مەنئىي قىلىۋاتقان مائارىپ بەلگىلىملىرى بىلەن پاراللېل شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققان. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشلىرى جەريانىدا مىڭلىغان دارىلتاملارنىڭ ئېچىلغانلىقى، بۇ جايلارغا غايەت زور ساندىكى ئۇيغۇر نارىسىدىلىرىنىڭ «قاماق» شەكلىدە توپلانغانلىقى، بۇ دارىلتاملاردا بالىلارنىڭ خىتايچە تىل ۋە مەدەنىيەت ئۆگىنىشنى ئاساسىي دەرسلىك قىلىدىغانلىقى نۆۋەتتە بارغانسېرى كۆپلەپ مەلۇم بولماقتا ئىكەن. ئەمدىلىكتە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغىمۇ رازى بولماستىن ئۇيغۇر گۆدەكلىرىگە «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» نامىدا ئۇلارنى خىتاي ئائىلىلىرى بىلەن «تۇغقان» قىلىپ چېتىپ قويۇشى ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئائىلە رىشتىنى بۇزۇپ تاشلاش ۋە ئۇيغۇرلاردىكى ئەۋلات بىلەن ئەجدادنى ئۈزۈپ تاشلاش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارغا خىتاي بولۇشنى ئاساس قىلغان «جۇڭخۇا كىملىكى» نى سىڭدۈرۈش ئۇرۇنۇشىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە ئىكەن. يەنە كېلىپ نۆۋەتتە بۇنىڭ بارغانسېرى كەڭ ئەۋج ئېلىشى بۇنىڭدىكى يېتەكچى ئىدىيەنىڭ بېيجىڭدىن كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئاخىرقى مەقسىدى بولسا تېز سۈرئەتتە ئۇيغۇرلارنى ئاسمىلاتسىيە قىلىپ تۈگىتىش ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىماقتا ئىكەن. شۇڭا بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا «ئانار گۈلى پىلانى» ئەمىلىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان نۆۋەتتىكى قىرغىنچىلىقنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى ھېساپلىنىدىكەن.
مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھەر ساھەنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، ئانار ھېچقاچان خىتاي مەدەنىيەت دۇنياسىدا مەۋجۇت بولمىغان بىر تېما بولۇپ، «ئانار» تېمىسىنى سۈيئىستىمال قىلىشتەك بۇ قىلمىشنىڭ ئۆزى «مەدەنىيەت ئوغرىلىقى» بولۇشتىن باشقا تېخىمۇ مۇھىمى «بىر ئەۋلات ئۇيغۇرنى ئوغرىلاش» قىلمىشى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئىلشات ھەسەننىڭ بىلدۈرىشىچە، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەندە كىشىلەر ھەرقاچان بۇنى يەھۇدىيلارنىڭ يۈزلەپ-مىڭلاپ زەھەرلىك گاز بىلەن ئۆلتۈرۈلۈشى ياكى ئېتىپ تاشلىنىشى بىلەن باغلاپ چۈشىنىۋالىدىكەن. ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىڭ قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى تەبىرىدە بايان قىلىنغان مەزمۇنلار قىرغىنچىلىقنىڭ بىرنەچچە خىل شەكلىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولۇپ، ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنىڭ «ئانار گۈلى پىلانى» بويىچە مەجبۇرىي شەكىلدە خىتايلارغا ئاسمىلاتسىيە بولۇشى ماھىيەتتە قىرغىنچىلىقنىڭ ئەنە شۇ خىل مەزمۇنلىرىدىن ھېساپلىنىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى كېيىنكى ئەۋلات ئۇيغۇرلارنى ئاسمىلاتسىيە قىلىش ھەركىتىنى بۇنىڭدىن ئىلگىرىلا «يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش، نەسەبىنى ئۈزۈپ تاشلاش، مەنبەسىنى بۇزۇپ تاشلاش» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن تەسۋىرلىگەن ئىكەن. نۆۋەتتە بولسا بۇنىڭ تۈرلۈك ئىجراسى ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن.