«شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» ناملىق پائالىيەت بۇرسادا باشلاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021-08-03
Share
«شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» ناملىق پائالىيەت بۇرسادا باشلاندى «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» نامىدا پۈتۈن تۈركىيەنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئاڭلىتىش پائالىيىتى رەسىم كۆرگەزمىسى بىلەن باشلاندى. 2021-يىلى 3-ئاۋغۇست، بۇرسا، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

لاگېر قۇربانلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە يېقىنلىرى بىر يېرىم يىل بۇرۇن «ئائىلەم قەيەردە» ماۋزۇلۇق پائالىيەت باشلىغان بولۇپ، كېيىن بۇ پائالىيەتنى «خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات، خىتاي جازا لاگېرلىرىنى تاقا، ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىشنى توختات» دېگەن شوئارلار بىلەن «مىللەت نۆۋەتتە» نامدا ئېلىپ بارغانىدى. بۇلار ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ تۈرك خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. بۇ ياشلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تۈركىيە ئاممىسىغا تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» نامىدا پۈتۈن تۈركىيەنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئاڭلىتىش پائالىيىتىنى باشلىدى. بۇ پائالىيەتنىڭ بىرىنچى بېكىتى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى بولغان بۇرسا شەھىرىدە باشلاندى. 2-ئاۋغۇست كۈنى بۇرسا شەھىرىدىكى 15-ئىيۇل مەيدانىدا رەسىم كۆرگەزمىسى، ئىككىنچى كۈنى ئورخان غازى باغچىسىدا ئىمزا توپلاش ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ پائالىيەتكە ئىزچىل ھالدا ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقان ياشلاردىن جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» ماۋزۇلۇق بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرىنى بارلىق تۈركىيە جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

«شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» نامىدا پۈتۈن تۈركىيەنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئاڭلىتىش پائالىيىتى رەسىم كۆرگەزمىسى بىلەن باشلاندى. 2021-يىلى 3-ئاۋغۇست، بۇرسا، تۈركىيە.
«شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» نامىدا پۈتۈن تۈركىيەنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئاڭلىتىش پائالىيىتى رەسىم كۆرگەزمىسى بىلەن باشلاندى. 2021-يىلى 3-ئاۋغۇست، بۇرسا، تۈركىيە.

جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندى 2-ئاۋغۇست كۈنى 15-ئىيۇل مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن جازا لاگېرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان كۆرگەزمىنى كۆپ ساندا كىشىنىڭ قىزىقىپ زىيارەت قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

«شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» ماۋزۇلۇق پائالىيەتنىڭ ئىككىنچى كۈنى بۇرسا شەھىرىنىڭ ئۇلۇ مەسچىتىنىڭ ئالدىدىكى ئورخان غازى باغچىسىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچقان ئاشۇ ياشلارنىڭ بىرى مىرزا ئەخمەت زىيارىتىمىزنى نەق مەيداندىن قوبۇل قىلىپ، كۆرگەزمىگە لاگېرلار ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغان، لاگېردا ئۆلتۈرۈلگەن زىيالىيلار، ئالىملار، جامائەت ئەربابلىرى، كارخانىچىلار، داڭلىق شەخسلەر ۋە لاگېر قۇربانلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنىڭ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

3-ئاۋغۇست كۈنى لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن تەركىب تاپقان 9 ياش تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھىرىدە ئاچقان كۆرگەزمە جەريانىدا كىشىلەردىن ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئىمزا قويۇشىنىمۇ تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئۇلار بۇ يىغىلغان ئىمزالارنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن. مىرزەخمەت ئەپەندى كۆرگەزمىنى ئايلانغان كىشىلەرنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىنكاسلارنى بىلدۈرۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

«شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» ناملىق پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىۋاتقان 9 نەپەر ئۇيغۇر ياش بۇ سەپەرنىڭ بىرىنچى بېكىتى بولغان بۇرسا شەھىرىدە تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن «يۈسۈپ يۈزلۈ» تەشكىلاتىنىڭمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشكەن.

بۇلار شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلغان ۋاراقچىلارنى تارقاتقاندىن سىرت ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. مىرزەخمەت ئەپەندى تۈركىيەنى ئايلىنىپ بۇ دەۋانى ئاڭلىتىشتىكى مەقسىتىنىڭ كىشىلەرگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا «ئائىلەم قەيەردە» ۋە «ئائىلە نۆۋەتتە» دېگەندەك ناملاردا پائالىيىتىنى باشلىغانىدى. پائالىيەت بۇ يىل 3-فېۋرال ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يۆتكەلگەن بولۇپ، «ئائىلە نۆۋەتتە» پائالىيىتى «مىللەت نۆۋەتتە» پائالىيىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. پائالىيەتكە گېرمانىيە، نورۋېگىيە، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كۆپلەپ لاگېر قۇربانلىرىنىڭ يېقىنلىرى ئاۋاز قوشقان بولۇپ، «مىللەت نۆۋەتتە» پائالىيىتى ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىمۇ ئېلىپ بېرىلماقتا.

9 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ بۇ قېتىمقى پۈتۈن تۈركىيەنى ئايلىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىلمىشلىرىنى تۈرك خەلقىگە تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش سەپەر پائالىيىتى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭمۇ ئالقىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت