3-قېتىملىق ئاناتولىيە سەپىرى قىزغىن داۋاملاشماقتا

0:00 / 0:00

1-نويابىر كۈنى «شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» پائالىيىتىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق سەپىرى تۈركىيەنىڭ چورۇم شەھىرىدە باشلانغانىدى. مەزكۇر پائالىيەت لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى يېقىنلىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، پائالىيەتچىلەر تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەر ۋە ۋىلايەتلىرىدە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشى ئۈچۈن جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرۈش مەقسىتىدە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.

پائالىيەتچىلەر 3-قېتىملىق «شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» پائالىيىتى جەريانىدا يوزگات، مالاتيا ۋە قەھرىمانماراش قاتارلىق شەھەرلەرنى ئايلىنىپ نۆۋەتتە ئادىيامان شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن. ئۇلار تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئادىيامان شۆبە باشلىقى گۆكھان تۇرسۇن ۋە ئادىيامان ۋالىيسى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغان.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن مەدىنە نازىمى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 3-قېتىملىق ئاناتولىيە سەپىرى پائالىيىتى جەريانىدا ئېلىپ بارغان خىزمەتلەر توغرىسىدا توختالدى.

«شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» پائالىيىتىنى تەشكىللىگەن لاگېر تۇتقۇنلىرى يېقىنلىرى تۈركىيەدىكى ھەر قايسى شەھەرلەردە شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ۋە ۋالىيلار تەرىپىدىن قىزغىن كۈتىۋېلىنماقتا. لاگېر تۇتقۇنلىرى يېقىنلىرىنىڭ ئاناتولىيە سەپىرى پائالىيىتى جەريانىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى يەرلىك پۇقراۋى تەشكىلاتلار، سىياسىي پارتىيەلەر ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى تەرىپىدىن كەڭ قوللاشقا ئېرىشمەكتە.

لاگېر تۇتقۇنلىرى يېقىنلىرىدىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جەۋلان شىرمەمەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پائالىيەت ئېلىپ بارغان شەھەر ۋە ۋىلايەتلەردىكى يەرلىك تەشكىلاتلارنىڭ قايسى سىياسىي چۈشەنچىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، پائالىيەتچىلەرنىڭ پائالىيەت جەريانىدا، ھەرقايسى شەھەرلەردىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن ئۇيغۇر يەر-جاي ناملىرىدىن بىرىنى، مەزكۇر شەھەرلەردىكى بىر يەرگە بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھەرقايسى شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە ئىجابىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

لاگېر تۇتقۇنلىرى يېقىنلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ خەۋەر قىلىنىپ كېلىنىۋاتقان بولۇپ، لاگېر تۇتقۇنلىرى يېقىنلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەدىكى خىتاي دىپلوماتىك ئورگانلىرى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان «مىللەت نۆۋەتتە» ھەرىكىتى ۋە «شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» پائالىيىتى قاتارلىقلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان تۈركىيەدىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتى دەپ قارالماقتا. مەزكۇر پائالىيەت تۈركىيەدىكى يەرلىك پۇقراۋى تەشكىلاتلار ۋە سىياسىي پارتىيەلەردىن باشقا ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىنمۇ كۈچلۈك قوللاشقا ئېرىشمەكتە.

مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن مىرزەخمەت ئىلياسئوغلى ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۈچ قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى پائالىيىتى جەريانىدا مەزكۇر پائالىيەتنىڭ توسالغۇسىز ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن «ئىلى مەشرىپى ۋەخپىسى» نىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئالاھىدە ياردەمدە بولغانلىقىنى، ھەبىبۇللا كۈسەن، ئېلى ئەكبەر داموللام، ماخمۇت داموللام قاتارلىق ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن سىرت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى تۈپەيلى ئائىلە ئەزالىرىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان ياكى يىغىۋېلىش لاگېرىغا سولانغان ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. تۈركىيەدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرى يېقىنلىرى ھەر خىل سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ئارقىلىق تۈرك ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.