چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر ئانىلار: «ئانىلار بايرىمى» نى ئانىلارسىز تەبرىكلەۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن يىغلايمىز!

0:00 / 0:00

ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئىككىنچى يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئانىلار بايرىمى» بۇ يىل 8-ماي كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل شەكىللەردە تەبرىكلەندى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان «ئانىلار بايرىمى» غا بېغىشلانغان تىلەكلەر ئارىسىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئانىلار بايرىمى» لىق تىلەكلىرى بىر-بىرىدىن ئازابلىق ئىدى. ئۇلار پۈتۈن دۇنيا «ئانىلار بايرىمى» نى تەبرىكلەۋاتقان شۇ پەيتتە، مىليونلىغان ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ بالىلىرىدىن ئايرىۋېتىلىپ، لاگېر ۋە تۈرمىلەردە ئىگە-چاقىسىز قالدۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىشكەن.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 9-ماي كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە، كۇچادىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 800 دىن ئارتۇق بالىنىڭ خىتاي مۇئەللىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە خىتاي تىلىدا ئانىلار بايرىمىلىق ئاتكىرىتكىلارنى ياسىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. خەۋەردىكى سۈرەتلەرگە قارىغاندا، بالىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇر بالىلار بولۇپ، ئۇلار پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا «ئانىلار بايرىمى» غا بېغىشلاپ ئۆز تىلەكلىرىنى يازغان. سىنىپنىڭ تېمىغا چاپلانغان يازمىلارمۇ پۈتۈنلەي خىتايچە يېزىلغان.

رادىيومىز ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئىنقىلاشلىرى داۋامىدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇ-ئوقۇتۇشنىڭ پەقەت خىتاي تىلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلەنلەنگەنلىكىنى دەلىللىگەنىدى. ھەتتا ئوقۇش يېىشىغا توشمىغان كېچىك بالىلارنىڭمۇ ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىلىپ، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا تەربىيەلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 2014-يىلى 7-يانۋاردىكى خەۋىرىدە، كۇچا ناھىيەسىدە 96 «قوش تىللىق يەسلى» ئېچىلغانلىقى، بۇ يەسلىدە ئوقۇۋاتقان 12 مىڭ 200 نەپەردىن ئارتۇق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى دۆلەت تەرىپىدىن بېقىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

2019-يىلى 4-ئىيۇل كۈنى BBC مۇخبىرى جون سادۋورسنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرۋېتىلگەن ئۇيغۇر بالىلار ھەققىدىكى مەخسۇس خەۋىرى تارقىلتىلغاندىن كېيىن، ناھايىتى زور غۇلغۇلا قوزغىغانىدى. مەزكۇر ۋىدىيولۇق خەۋەردە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «بالىلار يەسلىسى» دەپ ئاتالغان جايلارنىڭ ئەتراپى پۈتۈنلەي ساقچىلارنىڭ قورشاۋىدا ئىكەنلىكى، ئۇ يەرلەرنىڭ پۈتۈنلەي تىكەنلىك سىملار بىلەن قورشالغانلىقى، ئەتراپىغا كۆزىتىش كامېرالىرىنىڭ ئورنىتىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر خەۋەردە بۇ خىلدىكى «يەسلى» لەرنىڭ جازا لاگېرلىرىنىڭ يېنىغا قۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمشىدىن خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر بالىلارنى ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرۋېتىپ، ئاندىن ئۇلارغا ‹ئانىلار بايرىمى› لىق ئاتكىرىتكىلارنى يازدۇرۇشى تولىمۇ رەھىمسىزلىك. ئۇلار ئەگەر راستىنلا ئۇيغۇر بالىلارغا بايراملىق سوۋغا ياساشنى ئۆگەتمەكچى بولسا، ئۆزلىرى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىپ تېرىك يېتىم قىلغان بالىلارنى چوقۇم ئانىلىرى بىلەن جەم قىلسۇن، شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئانىلىرىغا ھەقىقىي بايرام بولىدۇ.»

خىتاي مەركىزى خەلق رادىيوسى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاتالمىش «قوش تىللىق يەسلى» قۇرۇلۇشى 2008-يىلىدىن باشلانغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسىي رايون، يېزا بازار ۋە مەھەللىلىرىگە كەڭ كۆلەمدە ئاتالمىش «قوش تىللىق يەسلى» قۇرغان بولۇپ، ئۇلارغا خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئۆگىتىشنى چىڭ تۇتقان.

زۇبەيرە شەمشىدىن خانىم مۇشۇنداق يەسلىلەرگە يىغىۋالغان بالىلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇ بالىلارنىڭ كەلگۈسى ناھايىتى خەتەرلىك. بالىلار بىزنىڭ كەلگۈسىمىز. ئەگەر ۋەزىيەت مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، ئۇ چاغدا پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسى خەتەرلىك بولىدۇ، ئەلۋەتتە.»

2016-يىلى چېن چۇەنگو ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغا پارتكوم سېكرىتارى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ھەر قەدەمدە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» نى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلارغا «خىتاي كىملىكى» نى سىڭدۈرۈش تەدبىرىلىرىنى كۈچەيتكەنىدى. بۇ تەدبىرىنىڭ ئاساسى سۈپىتىدە ئۇيغۇر بالىلىرىنى پۈتۈنلەي ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرگە يىغىۋېلىپ، خىتاي تىلىدا خىتاي ئىڭى بويىچە تەربىيەلەشنى يولغا قويغان ئىدى.

ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتىدىكى «مېھرىبان ئانا» ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى سۈرەييە قەشقىرى خانىم، ئۇزۇن يىللىق ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسىدۇر. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ، خىتاي تىلىدا تەربىيەلىشى، ئۇيغۇر بالىلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆز كىملىكىدىن ئايرىۋېتىدۇ، دەپ تەكىتلىدى.

«ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىنىڭ 2020-يىلى 10-ئايلىق سانىدا تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇمات ئاساسىدا «ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زىيانكەشلىك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە قەشقەر ۋىلايىتى ۋە يەركەن ناھىيەسىدە 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 880,500 بالىنىڭ ياتاقلىق مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، بۇ ساننىڭ 2017-يىلدىن بۇيان 383 مىڭغا يېقىن ئاشقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئاخىرىدا زۇبەيرە خانىم بىلەن سۈرەييە خانىم بىردەك بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىپ خىتاي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈپ تەربىيەلەشنىڭ ئۇيغۇر بالىلار ئۈچۈن بەكمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇلار بۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن خەلقئارانىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچلىق سىياسىتىنى توختىتىشنىڭ ئىنتايىن تەخىرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان گۈلنار ئىمام خانىم ئىككى بالىنىڭ ئانىسى ۋە شۇنداقلا تەجرىبىلىك ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى. ئۇ ئىلىخەت ئارقىلىق رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ «ئانىلار بايرىمى» كۈنىدىكى ئوي-پىكىرلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان ئىدى: «ۋەتەندە ئانىلارنىڭ شۇ قەدەر زۇلۇمغا ئۇچرىشى، دەپسەندە قىلىنىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئانىلىرى بىلەن غەمسىز، بەختىيار ھايات كەچۈرۈش ھوقۇقلىرى تارتىپ ئېلىنغان بالىلارنىڭ ‹ئانىلار بايرىمى› تەبرىكلەنگەن ساختا كۆرۈنۈشلەردە رول ئېلىشقا مەجبۇرلىنىشىدەك رەزىللىكلەر، غەزىپىمنى ھەسسىلەپ قاينىتىدۇ. مەن ئۈچۈن بۇ پەقەت خورلۇق ئۈستىگە خورلۇق. ئاشۇ بالىلارنىڭ شۇ چاغدىكى ئېزىلگەن روھىي دۇنياسىنى، تۇيغۇلىرىنى، ھېسسىياتىنى ئويلىغىنىمدا، ئانىلىق يۈرۈكۈم پارە-پارە بولىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، «ئانىلار بايرىمى» نى ئۆتكۈزۈش ئەڭ بۇرۇن ئامېرىكادا پەيدا بولغان. 1906-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېرىكانىڭ فىلادېلفىيە شەھىرىدە ئولتۇرۇشلوق ئاننا جاۋىسنىڭ ئانىسى بەختكە قارشى ۋاپات بولىدۇ، ئۇ بۇ ئىشتىن قاتتىق ئازابلىنىدۇ. ئىككىنچى يىلى ئانىسىنىڭ ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنىدە، ئۇ ئانىلارنى ياد ئىتىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، باشقىلارنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق كۆيۈمجان ئانىلىرىغا بولغان تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈشكە چاقىرىق قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ھەممە جايدا تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ ھەمدە جەمىئيەتتىكى ھەر ساھەگە مۇراجىئەت قىلىپ، «ئانىلار بايرىمى» تەسىس قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇنىڭ مۇراجىئىتى قىزغىن قوللاشقا ئىرىشىدۇ. 1913-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسى قارار ماقۇللاپ، ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئىككىنچى يەكشەنبە كۈنىنى «ئانىلار بايرىمى» قىلىپ بېكىتىدۇ. 1948-يىلى ئاننا ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر 43 دۆلەت «ئانىلار بايرىمى» نى رەسمى بايرام قىلىپ بېكىتىدۇ.