ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئانىلار خىتاي قولىدىن پەرزەنتلىرىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى باشلىدى

0:00 / 0:00

ئىستانبۇلدا ئۆزلۈكىدىن تەشكىللەنگەن 12 ئۇيغۇر ئانا، 8-مارت كۈنى گەرچە يەكشەنبە بولسىمۇ ئەمما بۇ خەلقئارا ئاياللار بايرىمىدەك ئەھمىيەتلىك بىر كۈندە، بالىلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ۋە ھەقلىق دەۋاسىنى قىلىشقا چىققان. بۇ ئۇيغۇر ئانىلار خىتاينىڭ پاسپورت ئىشلەپ بەرمەسلىكى، يولدىشى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى لاگېرلارغا قامىغانلىقى سەۋەبلىك 3 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان بالىلىرىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يالغۇز پەرزەنتىدىن، بەزىلىرى ئىككى-ئۈچتىن بالىسىدىن ئايرىلىپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان. بۇ ئانىلارنىڭ تەشكىللىنىشىگە باشلامچى بولغان مەريەم خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ كۈندىن ئېتىبارەن بۇ ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ نارەسىدە بالىلىرىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى، بىگۇناھ بالىلارنىڭ ۋە بىگۇناھ ئانىلارنىڭ بۇ زۇلۇملارنى تارتىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتى سەۋەبچى بولغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر ئانىلار نامايىشىنى دەسلەپ خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەريەم خانىم ئۆزى ۋە باشقا ئانىلارنىڭ بۇ نارازىلىق ھەرىكىتىنى باشلىشىغا ئوخشاشلا بالىلىرىنىڭ دەردى ۋە مىللەتنىڭ ئورتاق دەردى سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتتى.

تۇرپاننىڭ سىڭگىم يېزىسىنىڭ جايغوجام مەھەللىسىدىن كېلىپ چىققان 46 ياشلىق مەريەم خانىم 4 يىل ئاۋۋال، يەنى 2016 يىلى 2-ئايدا، قورسىقىدىكى «پىلاندىن سىرت قانۇنسىز بالا» ھېسابلىنىدىغان پەرزەنتىنى ساق-سالامەت تۇغۇش ئۈچۈن ئىككى بالىسىنى ئېلىپ ھامىلىدار ھالدا تۈركىيەگە كەلگەن. ئەينى چاغدا 12 ياشلىق كىچىك قىزى رىزۋانگۈل ۋە يولدىشى ئەخمەت پاسپورتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ پاسپورت ئىشلەپ بېرىشىنى ساقلاپ يۇرتىدا قالغان. ھالبۇكى ئۇزۇن ئۆتمەي دائىرىلەر يولدىشىنى لاگېرغا ئېلىپ كەتكەن، قىزى بولسا تىرىك يېتىمگە ئايلىنىپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ياردىمىدە ياشىغان. گەرچە 3 يىلدىن بۇيان مەريەم خانىم كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئېغىر ئەمگەكلەر بەدىلىگە تاپقان كىرىمىنىڭ كۆپ قىسمىنى رىزۋانگۈلنى بىر شەخسىي مەكتەپتە ئوقۇتۇشقا سەرپ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، يېقىندىن بۇيان ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئېغىر ئەمگەكلەرگە يار بەرمەي، قىزىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەشكە قۇربى يەتمەي قالغانىكەن. قىزى رىزۋانگۈلمۇ پاسپورتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئانىسىنىڭ يېنىغا بېرىشقا ئامالسىز قالغان.

مەريەم خانىم، تۇغقانلىرى ئارقىلىق ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن قىزى رىزۋانگۈلنىڭ چوڭقۇر پسىخىكىلىق ئازابلار، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ۋە ھەر تۈرلۈك خورلۇقلار سەۋەبلىك ھاياتىدىن ۋاز كېچىش گىردابىغا كېلىپ قالغانلىقىدەك ۋەھىمىلىك گەپلەرنى ئاڭلىغان. ئۇ، بىر ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن يالغۇز قالغان قىزىنىڭ ھاياتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىپ، بۇرۇنقىدەك سۈكۈتتە تۇرۇشنى تاشلاپ، ئۆزىگە ئوخشاش بالا دەردىنى تارتىۋاتقان ئانىلارغا نارەسىدە بالىلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى قوزغاش چاقىرىقى قىلغان ۋە تېزدىن 10دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئانىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

بۇ ئانىلار نامايىشتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا ۋە ئۆزىنىڭ قانۇنىغا، ئىنسانلىققا خىلاپ ھالدا بالىلارنى ئانىلىرىدىن ئايرىپ، ئائىلىلەرنىڭ پارچىلىنىشىغا ۋە تۈرلۈك پاجىئەلەرگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ، خىتاينىڭ گۆرۈگە ئېلىۋالغان بالىلىرىنى دەرھال قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار يەنە خەلقئارا جەمئىيەت، ئامېرىكا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن ئۆزلىرىگە ئوخشاش مىڭلىغان، مىليونلىغان بىگۇناھ ئانىلارغا ئە ۋە نارەسىدە بالىلارغا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى بالىلىرىنى قۇتقۇزۇش نامايىشى ئەلچىخانا قوغدىغۇچىلىرىنىڭ توختىماي كاشىلا قىلىشى ۋە قوغلىشى بىلەن تەستە داۋام قىلغان. ئەمما بالىلىرى ئۈچۈن يىللاردىن بۇيان ياش تۆكۈپ، ئازاب چېكىپ، سەبرىسى تاشقان بۇ ئانىلار توسالغۇلارغا قارىماي تەلەپلىرىنى تۈرك، خىتاي ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا بايان قىلىپ، نامايىشىنى جەسۇرلۇق بىلەن داۋام قىلغان. مەريەم خانىم ۋە باشقا نامايىشقا قاتناشقان بۇ ئانىلار خىتاينىڭ بىگۇناھ پەرزەنتلىرىنى قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ تۈركىيەگە كېلىشىگە يول قويمىغۇچە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى تۈركىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئالدىدا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىنى خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارغا بىلدۈرىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى بالىلىرى بىلەن جەم بولماي تۇرۇپ توختاتمايدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.