ئامېرىكا تاموژنا چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى بىلەن ئالاھىدە سۆھبەت

مۇخبىرىمىز ئالىم سېيىتوف/شەھرىزاد
2020-12-17
Share
ئامېرىكا تاموژنا چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى بىلەن ئالاھىدە سۆھبەت ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداشنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئاننا ئىىنوخوسا خانىم بىلەن توردا سۆھبەتلەشمەكتە. 2020-يىلى دېكابىر.
Photo: RFA

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: ئاننا ئىىنوخوسا خانىم، بۈگۈن ۋاقىت چىقىرىپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

ئاننا ئىىنوخوسا: سىز بىلەن كۆرۈشكىنىمدىن خۇرسەنمەن. تەكلىپىڭلارغا رەھمەت!

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: بۇنىڭدىن خۇرسەنمىز، ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئىشلەپچىقارغان پاختا ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرىغا «تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى» نى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەلۋەتتە، بۇ تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ تۇنجى «تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى» نى ئىجرا قىلىشى ئەمەس. مېنىڭ بىلىشىمچە، ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدە كەم دېگەندە ئون پارچىدەك «تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى» ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. سىزچە بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟

ئاننا ئىىنوخوسا: سوئالىڭىزغا رەھمەت، ئالىم ئەپەندى. بىز ئۆتكەن بىر يىللىق مالىيە يىلىمىزدا 13 پارچە «تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى» نى چىقاردۇق، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سىز ئېيتقاندەك، خىتاي ۋە خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار ئۈچۈن، يەنى كۆپىنچىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈچۈن چىقاردۇق. بىزنىڭ خىزمىتىمىز مەيلى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار تەرىپىدىن بولسۇن، مەيلى تەتقىقات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن بولسۇن ۋە ياكى بەزى ئەھۋاللاردا ھۆكۈمەتنىڭ باشقا ئورگانلىرى تەرىپىدىن بولسۇن، ئۇلار تاپشۇرغان ئەرزنامە ياكى ئەيىبلەشلەرنىڭ ئاساسىدا ئىشلىنىدۇ. ئۆزىڭىز بىلگەندەك، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەزىيىتىگە، شۇنداقلا ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ناھايىتى قىزىقىش بار، دەپ ئويلايمەن. شۇنداق قىلىپ، بىز ئۇ يەردە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان مەھسۇلاتلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئوخشىمىغان ئورۇنلاردىن سۇنۇلغان نۇرغۇن ئەيىبلەشلەردىن نەپ ئالدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ ئەيىبلەشلەرنى تەكشۈرۈشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ كېلىۋاتىمىز.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: ھە، مۇنداق دەڭ، 12-ئاينىڭ 2-كۈنى، يەنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بۇ بۇيرۇقنى ئېلان قىلغان ۋاقتىدا، مۇۋەققەت مۇئاۋىن سېكرېتار كېن كۇچىنېللى «خىتايدا ياسالغان» دېگەن گەپنىڭ پەقەت مەھسۇلاتنىڭ مەنبە دۆلىتىنى كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى «ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى» ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. بىز بۇ گەپنى قانداق چۈشەنسەك بولىدۇ؟

ئاننا ئىىنوخوسا: مەن مۇئاۋىن سېكرېتارنىڭ ئورنىدا گەپ قىلالمايمەن، ئەمما مېنىڭ ئۇنىڭ سۆزىگە بولغان چۈشەنچەمگە ئاساسەن ئېيتقاندا، ئۇ ئىستېمالچىلار ۋە كارخانىلارنىڭ خىتاي بىلەن سودا قىلىدىغان چاغدا مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى بىلىپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بولۇپمۇ، مەسىلەن، پاختا ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ قانداق ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان پاختىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن چىقىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىز خىتايدا ئىشپەپچىقىرىلىدىغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئۆلۈشى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلىمىز. شۇڭا مېنىڭچە ئۇ (مۇئاۋىن سېكرىتار) خۇسۇسىي ئىگىلىك، سانائەت، ھەتتا شەخسىي ئىستېمالچىلارمۇ ئەرزان باھادا ياكى مۇۋاپىق باھادىن تۆۋەن باھادا سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىش خەۋپى بارلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇلۇشى كېرەك، شۇنداقلا كارخانىلار بىلەن ئىستېمالچىلار خىتاي بىلەن سودا قىلىشتا شىنجاڭ رايونىدا تېخىمۇ كۆپ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى قوللىماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى ۋە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، دەپ ئويلايدۇ.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: بۈگۈن ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا «مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا پاختىنى چەكلەش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. بۇ قانۇن لايىھەسىدە يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە پرېزىدېنت ئېلىپ بارغان بىر قاتار ھەرىكەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەنگەن خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش ئىشى تىلغا ئېلىندى. قارىماققا ئامېرىكادا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەر ئامېرىكانىڭ باشقا ئىتتىپاقداشلىرىغا ئانچە تەسىر كۆرسەتمىگەندەك قىلغىنى بىلەن ئاۋىستىرالىيەدە رەسمىي ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، سىز ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدىكى بۇ ھەرىكەتنى قارشى ئالامسىز؟ شۇنداقلا سىز يەنە ئامېرىكانىڭ باشقا ئىتتىپاقداشلىرى ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەرنى بۇ مەسىلىدە ئامېرىكانىڭ يېتەكچىلىكىگە ئەگىشىشنى تەشەببۇس قىلامسىز؟

ئاننا ئىىنوخوسا: ئەلۋەتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە زامانىۋى قۇللۇقنى يوقىتىشقا دائىر كېلىشىم ۋە ئەھدىنامەلەرنىڭ بارلىقىنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ. بىز بۇنى يالغۇز ئامېرىكانىڭ ئىشى ئەمەس دەپ قارايمىز، بۇ دۇنياۋىي بىر مەسىلە. بارلىق دۆلەتلەر بۇ خىلدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە سەۋەب بولىدىغان سودىنى قوللىماسلىقى كېرەك، دەپ ئويلايمەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: ئەلۋەتتە، تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى خىتاينىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرى، كىيىم-كېچەكلىرى، چاچ مەھسۇلاتلىرى، كومپيۇتېر زاپچاسلىرى ۋە باشقا مەھسۇلاتلارغا بىر قاتار «تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى» چىقارغان. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ پاختىنى چەكلەش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئېنىقكى، بىڭتۈەن پاختىدىن باشقا مەھسۇلاتلارنىمۇ ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئۇنداقتا، سىزدىن سورىماقچى بولغىنىم شۇكى، نېمىشقا پاختا مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا مەھسۇلاتلارغا «تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى» ئېلان قىلىنمايدۇ؟

ئاننا ئىىنوخوسا: بۇ ئىنتايىن ياخشى بىر سوئال بولدى، ئالىم ئەپەندى. مېنىڭچە، بۇ ماڭا خىزمىتىمىزنى قانداق قىلىدىغانلىقىمىز توغرىلىق ئازراق چۈشەنچە بېرىشكە ناھايىتى ياخشى بىر پۇرسەت بېرىدۇ، دەپ ئويلايمەن. مەن يۇقىرىدا دېگەندەك، بىز نۇرغۇن ئەھۋاللاردا، ئوخشىمايدىغان مەنبەلەردىن پالانى بىر ئىشلەپچىقارغۇچىدا ياكى پوكونى بىر سانائەتتە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بارلىقىغا دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەرزنامە ۋە باشقا ئۇقتۇرۇشلارنى تاپشۇرىۋالىمىز، ئاندىن بىز بۇ ئەيىبلەشلەرنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، ھەرىكەت ئىجرا قىلىشقا ئۆتىمىز. مەن سىزگە ئەڭ ئالدى بىلەن بىزنىڭ گۇرۇپپىمىزنىڭ دائىرىسىنىڭ كىچىك ئىكەنلىكىنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ. شۇنداق، بىز چوڭ بىر گۇرۇپپا ئەمەس، شۇڭا ئەيىبلەشلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرلا ۋاقىتتا بىر تەرەپ قىلالمايمىز، ئەمما بىز بارچە ئەيىبلەشلەرنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمىز. شۇڭا بىز ئۇلارنى قولىمىزدىن كېلىشىچە تەكشۈرۈپ، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن بىزدە بار تاكتىكىلاردىن پايدىلىنىمىز ۋە ئۇنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىمىز. مەيلى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بولسۇن، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار بولسۇن، ھەتتا مۇخبىرلەر بولسۇن، كىم مەجبۇرىي ئ‍ەمگەكتىن پايدىلىنىدىغان تەمىنلەش زەنجىرى توغرىسىدا ئۇچۇر تاپالىسا، بىز داۋاملىق ئۇلاردىن شۇ ئۇچۇرلارنى بىزگە يوللاشنى تەلەپ قىلىمىز.

بىزنىڭ تور بېتىمىزدە ئېلېكترونلۇق شەكىلدىكى ئەيىبلەشلەرنى ئەۋەتىدىغان بوشلۇق بار. بۇ كىشىلەرنىڭ بىزگە ئەرزنامە ياكى سىن ماتېرىياللىرى، سۈرەت ۋە ياكى ھۆججەت قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى ئەۋەتىشىدىكى قولاي بىر ئۇسۇلدۇر. بۇ يەردە ئىككى

نەرسىنى تەكىتلەشنى مۇھىم دەپ قارايمەن. تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى نىزامىنىڭ ئىككى ئ‍ۆلچىمى بار. بىرىنچىسى، ئامېرىكاغا كېلىدىغان مەھسۇلاتلار چوقۇم مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇشى كېرەك، بۇ بالىلار ئەمگىكى، تۈرمە ئەمگىكى، تۇتقۇنلار ئەمگىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن پۈتۈنلەي ئىشلەپچىقىرىلغىنى شەرت ئەمەس، گەرچە ئۇ مەھسۇلاتنىڭ بىر قىسمى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان تەقدىردىمۇ، بىزنىڭ يەنىلا ئىجرا قىلىش ھوقۇقىمىز بار. ئەمما بىز مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان يەكى يىغىۋېلىنغان مەھسۇلاتلار توغرىسىدا ئاڭلايدىغان ۋاقتىمىزدا، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغانلىقىلا يېتەرسىز، بىز شۇ مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكاغا كىرىۋاتقان ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىغا باغلىيالىشىمىز كېرەك. شۇڭا باشقا دۆلەتتە ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان مەلۇم بىر مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكاغا كىرىدىغان ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىغا باغلىيالمىساق، بىزنىڭ ئىجرا قىلىش ھوقۇقىمىز بولمايدۇ. بىزدە پەقەت ئامېرىكاغا كىرىدىغان ماللار ئۈستىدىلا ئىجرا قىلىش ھوقۇقى بار. ئەگەر شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان بىر قاتار مەھسۇلاتلار خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ياكى ئامېرىكادىن باشقا بازارلارغا سېلىنسا، بىزنىڭ ئۇ مەھسۇلاتلارغا چەكلىمە ئىجرا قىلىش ھوقۇقىمىز يوق. شۇڭلاشقا بىزنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن نېمەلەر ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقى، ئۇنى ئامېرىكاغا كىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، ھېچ بولمىغاندا تەمىنلەش زەنجىردە يەنە كىم بارلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى بىلىشكە ئېھتىياجىمىز بار. ئۆزىمىزنىڭ تاموژنا سىستېمىسىنى ئىشلىتەلەيمىز. ئەمما نۇرغۇن ۋاقىتلاردا، بەلكىم سىز ياخشى بىلىشىڭىز مۇمكىن، مەھسۇلاتلار شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلىپ بولۇپ خىتاينىڭ ئىچكىي ئۆلكىلىرىگە بارىدۇ، ئاندىن ئۇ يەر ياكى باشقا ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە باشقا مەھسۇلاتلارغا بىرلەشتۈرۈلىدۇ. ئاندىن ئۇلار ئامېرىكاغا كېلىدۇ. ئەگەر بىز ئاشۇ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىر قىسمى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلىسەك، بۇ بىزنىڭ ۋەزىپىمىزنى ئىجرا قىلىش قابىلىيىتىمىزنى كۈچەيتىدۇ.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: شۇنداق، سىز ئېيتقاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى، بولۇپمۇ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ھازىر نۇرغۇن پاختا ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئەمما ھازىر ئەنسىرەيدىغان بىر نۇقتا شۇكى، ئامېرىكا پاختا مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەندىن كېيىن، ئۇلار بارلىق مەھسۇلاتلارنى خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە ماڭغۇزالايدۇ. ئۇلار يەنە ئوخشىمىغان شىركەتلەرنىڭ ناملىرىنى سۈيئىستېمال قىلىپ، نۇرغۇن پاختا مەھسۇلاتلىرى ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ، ئامېرىكاغا داۋاملىق ئېكسپورت قىلالايدۇ. بۇنداق بولغاندا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئىشلەپچىقارغان پاختا ۋە ئۇلار ئېكىسپورت قىلىۋاتقان پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئالدىنى قانداق ئالغىلى بولىدۇ؟

ئاننا ئىىنوخوسا: بۇ سوئالىڭىزغا رەھمەت، ئەلۋەتتە ئۇ پاختا، پاختا تالاسى ياكى پاختا يىپى بىلەن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارغا كەلگەندە، مەجبۇرىي ئەمگەك ھەقىقەتەنمۇ خام ئەشيا بىلەن باغلاقلىق، دەپ قارايمىز. بۇ خام ئەشيالار بىزنىڭچە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان، شۇڭلاشقا ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كىرگۈزۈلگەن باشقا ھەرقانداق مەھسۇلاتلارنىمۇ چەكلەشتىن دېرەك بېرىدۇ. مەسىلە بۇنى تېپىشتىن ئىبارەت، شۇنداقمۇ؟ شۇڭلاشقا بىزنىڭ قىلىۋاتقىنىمىز، كۈچىمىزنى ئەڭ خەتەرلىك مەھسۇلاتلارنى بايقاش ۋە ئۇنى تېپىپ چىقىش، ئاندىن باشقا مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىشقا سەرپ قىلىۋاتىمىز. شۇڭا بۇ پاختالارىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى بىرەر مەھسۇلاتقا قوشۇلۇپ ئىشلەنگەنلىكى ئۇنىڭ مەنبەسىنىڭ شىنجاڭدىن كەلگەنلىكىدەك ئارقا كۆرۈنۈشىنى يوقىتالمايدۇ. چۈنكى شىركەتلەر ئۆز مەھسۇلاتلىرىغا خام ئەشيا قىلىنغان پاختىنىڭ شىنجاڭدىن كەلمىگەنلىكىنى ئىسپاتلىشى كېرەك بولىدۇ.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: تۆنۈگۈن، يەنى 7-دېكابىر ئىككى ئامېرىكالىق تەتقىقاتچى «ۋاشىنگىتون پوچتىسى» گېزىتىدە ناھايىتى كۈچلۈك پىكىر بايان قىلىپ، تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىرادىسىنىڭ «تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى» ئارقىلىق پاختا چەكلەش قارارىنى ئالقىشلىدى. ئۇلار لاۋرا مۇرفى بىلەن رىيان تۇمدۇر. ئەمما ئۇلار بۇ ھەرىكەتنى ئالقىشلىغاندىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ياكى قۇللۇق ئەمگىكىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى چەكلەش، تېخىمۇ كۆپ شىركەتلەر، بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە باشقا چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ شىنجاڭدىن چېكىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سىز ئۇلار ئېلان قىلغان پىكىرگە قوشۇلامسىز؟

ئاننا ئىىنوخوسا: مەن ئەمدى بۇ ئىشنىڭ گېئو-سىياسىي تەرەپلىرى توغرىلىق ئانچە پىكىر بېرەلمەيمەن، ئ‍ەمما مەن مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ خېلى كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلىمەن. بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە بۇنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ تۇرۇمىز ھەمدە يېتەرلىك ئىسپاتلارنى توپلاپ، تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلارنى ئېنىقلاپ، «تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى» نى داۋاملىق كېڭەيتىمىز.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: خىتاينىڭ يېغىۋېلىش لاگېرلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى بويىچە مۇتەخەسسىس دوكتور ئادرىئان زېنز نۇرغۇن قېتىم ئەگەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن بارلىق مەھسۇلاتلار ئۇ يەردىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سەۋەبلىك ئامېرىكادا چەكلەنگەن تەقدىردە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىنڭتۇەنى ئىشلەپچىقارغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا ئەۋىتىپ، شۇ يەردىن ئېكىسپورت قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتايدىن كەلگەن بۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى مۇتلەق چەكلەش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ياكى مەلۇم بىر شىركەت چەكلەنگەن تەقدىردە، مەسىلەن، خوتەن رايونىغا جايلاشقان چاچ مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنى مىسالغا ئالساق، ئۇلار شىركەتنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىپ، چاچنى باشقا بازارلارغا ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئامېرىكاغا داۋاملىق ئېكسپورت قىلالايدۇ. سىز بۇنىڭغا، يەنى دوكتور ئادرىئان زېنزنىڭ شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلارغا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەنگەن دەپ مۇئامىلە قىلىش كېرەك، دېگەن كۆز قارىشىغا قانداق قارايسىز؟

ئاننا ئىىنوخوسا: ئەلۋەتتە، مەن دوكتور زېنزنىڭ خېلى كۆپ ماقالە ۋە دوكلاتلىرىنى ئوقۇغان. مەن ئۇنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسى ۋە بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن ئورتاقلاشقان ئۇچۇرلىرىنى ئىنتايىن قەدىرلەيمەن. مەن ئۇ ئېيتقان ئۇچۇرلارنى سەل چاغلىيالمايمەن. ئەمما مېنىڭ چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغىنىم، بىزنىڭ جەريانىمىز ۋە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمىزدىن ئىبارەت. شۇلار بىزدىن ھېچ بولمىغاندا تاۋارلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن قىسمەن ياكى تولۇق ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىشنى ئىشپاتلايدىغان بىر جەرياننى تەلەپ قىلىدۇ. مەن سىزگە يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك، بۇ مەھسۇلاتلارنى شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ دېيىشلا كۇپايە قىلمايدۇ. بىز چوقۇم ئۇ ماللارنىڭ ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىش ئۈچۈن تەييارلانغانلىقىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر ئۇلار شىنجاڭدا ئىشلىنىپ، ئامېرىكادىن باشقا جايلارغا ئەۋەتىلسە، بىزنىڭ ئۇنى توسۇپ قېلىش ھوقۇقىمىز يوق. شۇڭا بىز ئۆزىمىز بىزگە بېرىلگەن ئۇچۇرلارنى تەتقىق قىلىپ باھالاش، شۇنداقلا بۇ تەمىنلەش زەنجىرلىرى ئارىسىدىكى باغلىنىشلارنى ئېنىقلاش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. بىز قانچە كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەنسېرى، تېخىمۇ كۆپ ئىجرا قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنالايدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز، دەپ قارايمەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: رەھمەت سىزگە. ئەڭ ئاخىرقى سوئالىم، ئالدىنقى ھەپتە «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» ئامېرىكانىڭ ئالما، كوكاكولا ۋە نايكې قاتارلىق شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىغا قارشى لوبىچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى سىزنىڭ خىزمەت دائىرىڭىزدە ئەمەسلىكىنى بىلىمەن. بىراق مېنىڭ سوئالىم، بۇلار دېگەن ئامېرىكادىكى داڭلىق شىركەتلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لاھىيىسىگە قارشى تۇرىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، سىزنىڭ، يەنى تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن بىۋاسىتە ياكى ۋاستىلىق ھالدا پايدا ئېلىۋاتقان شىركەتلەرگە دەيدىغان گېپىڭىز نېمە؟

ئاننا ئىىنوخوسا: بىزنىڭ شىركەتلەر ۋە ئىمپورت قىلغۇچىلارغا بولغان كۆز قارىشىمىز ناھايىتى ئېنىق. ئامېرىكادا بىزنىڭ ئىمپورت تەلىپىمىز شۇكى، ئىمپورت قىلغۇچىنىڭ ئامېرىكىغا ئېلىپ كەلگەن ھەرقانداق مەھسۇلاتلىرى بىزنىڭ بارلىق قانۇن-نىزاملىرىمىزغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. يەنى ئىمپورت قىلغان شىركەتلەر بۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۇ ئۇلار ئېلىپ كەلگەن تاۋار مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىدا مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىلمىگەن بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ. مەن بەزى چوڭ شىركەتلەرنىڭ قوشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىدىغان بەزى قاتتىق قانۇنلارغا ئۆز ئەندىشىسىنى ئىپادىلىشىدىن ھەيران قالمايمەن، چۈنكى سودا دېگەن شۇنداق بولىدۇ. ئەمما بىزنىڭ گېپىمىز شۇكى، بۇنىڭدا مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈمى ناھايىتى ئېنىق يېزىلغان. مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن تولۇق ياكى قىسمەن ئىشلەپچىقىرىلغان ھەر قانداق مەھسۇلاتلار چەكلىنىدۇ، دەپ يېزىلغان. ئۇلارنى ئامېرىكاغا ئېلىپ كىرىشكە بولمايدۇ. بىزنىڭ ئىشىمىز بولسا ئۇ مەھسۇلاتلارنى تېپىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەتتۇر. شۇڭا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەن ۋە مۇۋاپىق پەرۋىش قىلمىغان ھەر قانداق شىركەتلەر ھەقىقەتەنمۇ تۇتۇپ تۇرۇش ۋە تۇتۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولغان مەھسۇلاتلىرىنى يوقىتىدۇ ياكى ھەق تەلەپ جازاسىغا دۇچ كېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلاردىن پايدا ئېلىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن جىنايى جازاغا ياكى جىنايى ئىشلار بويىچە ئەيىبلەش خەۋىپىگە دۇچ كېلىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا بۇ تەلەپكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمايدىغان، ئامېرىكاغا ئېلىپ كەلگەن ماللىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئانچە ئاكتىپ تەدبىر قوللانمايدىغان شىركەتلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن قاتتىق جازا مەۋجۇت.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: سوئالىم تۈگىدى. باشقا دەيدىغان گېپىڭىز بارمىدۇ؟

ئاننا ئىىنوخوسا: پروگراممىڭىزدا ماڭا پۇرسەت بەرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن سىزگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن، ئالىم ئەپەندى. بىز تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭ رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن خەۋىرىمىز بار. بىز بۇ دەپسەندىچىلىكلەرنى ئاشكارىلاش ۋە كىشىلەرنىڭ بۇ خىل كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن نەپ ئېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئەگەر كىچىككىنە رول ئوينىيالىساق، بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەن بولىمىز.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: سىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقارغانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

ئاننا ئىىنوخوسا: سىزگىمۇ رەھمەت!

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت