ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى سوۋۇغان مەزگىلدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن يەكشەنبە يەنى 2023-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى خىتايغا يېتىپ كەلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى. 2023-يىلى 18-ئىيۇن، بېيجىڭ
US Secretary of State Antony Blinken travels to China ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى. 2023-يىلى 18-ئىيۇن، بېيجىڭ (AP/AFP)
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى. 2023-يىلى 18-ئىيۇن، بېيجىڭ
US Secretary of State Antony Blinken travels to China ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى. 2023-يىلى 18-ئىيۇن، بېيجىڭ (AP/AFP)

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بېيجىڭدىكى دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا كۆرۈشتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى 18-ئىيۇن، بېيجىڭ
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى 18-ئىيۇن، بېيجىڭ (AP/AP)

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىلىنكېن چىن گاڭ بىلەن يەكشەنبە كۈنىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن مۇخبىرلارغا بەرگەن بايانىدا بۇ قېتىمقى زىيارەت ھەققىدە ماھىيەتلىك ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىمىغان.

ئاخباراتلارغا قارىغاندا، بىلىنكېننىڭ دۈشەنبە كۈنى خىتاي سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، خىتاي مەركىزى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يى ۋە خىتاينىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن ئىكەن.

بىلىنكېننىڭ مەزكۇر زىيارىتى ئامېرىكا بۇ يىل فېۋرالدا خىتاي جاسۇسلۇق شارىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەن، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز ۋە تەيۋەن بوغۇزىدىكى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرى قاتارلىق بىر قاتار كرىزىسلار تۈپەيلى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى زىددىيەت ۋە رىقابەت كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

بىلىنكېن خىتاي سەپىرىنى باشلاشتىن بۇرۇن ياپونىيەنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ھاياشى يوشىماسا ۋە جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پارك جىن بىلەن سۆھبەتلەشكەن ئىدى.

بىلىنكېن لوندونغا بېرىشتىن بۇرۇن يەكشەنبە ۋە دۈشەنبە كۈنى خىتايدا زىيارەتتە بولىدۇ.