ئانتونىي بىلىنكېن ئۇيغۇرلارغا دۆلەت ھالقىپ بېسىم قىلىشقا چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 21-مارت كۈنى خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان بېسىم ھەرىكىتىدە رول ئوينىغان ئەمەلدارلارنى ۋىزا چەكلىمىسى ئارقىلىق جازالاشنى قارار قىلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېننىڭ بىۋاسىتە ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان بۇ ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن:

«ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىتاي چىگراسىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۈملىدىن ئامېرىكانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى ئەللەردە تۇرۇۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە دىنىي ئاز سانلىق گۇرۇپپىلار، دىنىي ۋە روھانىي كىشىلەرگە قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قارشى ھەرىكەت قوللىنىدۇ».

ئۇنىڭدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە، دىنىي ئاز سانلىقلار ئەزالىرىغا ۋە شۇنداقلا بىخەتەرلىك ئىزدەپ ئامېرىكا قاتارلىق چەتئەللەرگە چىققانلارغا ھەم شۇنداقلا بۇ خەلقلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ دەردىنى ئاڭلىتىۋاتقان ئامېرىكا پۇقرالىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىش، قورقۇتۇش، تەقىب قىلىش ۋە تۇتۇش ھەرىكەتلىرىنى رەت قىلىدۇ. بىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا ۋەدە بېرىمىز ھەمدە بارلىق دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنى ئىشلىتىپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرىدىكى بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرىي تۈركەل ئەپەندى مەزكۇر قارارنىڭ ئامېرىكادا قانۇن بولۇپ ماقۇللانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى دەپ كۆرسەتتى. ئۇ شۇنداقلا بۇنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا بەرمەسلىك مەسىلىسى بولماستىن سىياسىي ۋە قانۇنىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ھەرىكەتلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردە يۈرگۈزۈۋاتقان جۈملىدىن ئامېرىكادا ياشايدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرى، ئۆكتىچىلەر، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ژۇرنالىستلار، ئېتىقادچى ئامما قاتارلىقلارغا بېسىم قىلىشقا قاتناشقان ياكى قاتناشقان دەپ قارالغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇشنى نىشان قىلغان بۇ باياناتتا گەرچە قايسى ئەمەلدارلارنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگەنلىكى ئېنىق دېىيىلمىگەن. نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بۇنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرنى قوغداش غايىسى بىلەن بىرگە بارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ۋەسۋەسىگە سېلىشتەك غايىسى بارلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتتا ئۇيغۇرلار بىۋاسىتە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:

«بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىشقا يەنە بىر قېتىم چاقىرىمىز. جۈملىدىن خىتاينىڭ ئامېرىكىلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى، ئامېرىكا خەلقىگە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى ۋە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ چېگرادىن چىقىشىنى توسۇش قىلمىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

مەزكۇر باياناتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى تىلغا ئېلىنىپ «ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىش تەھدىتىگە قارىماي باتۇرلۇق بىلەن سۆزلەۋاتقانلارنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى، تىبەتتىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى، خوڭكوڭدىكى نېگىزلىك ھوقۇقلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى، شۇنداقلا دىنىي ئەركىنلىككە دەخلى-تەرۇز قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىرىمىز. بىز خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، خىتاي، ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ۋەھشىيلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدە رولى بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز» دېيىلگەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئامېرىكادىكى ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان بېسىمىغا ئۇچراش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ بۇ ھەقتە دوكلات تەييارلىغانىدى. ئۇلار بۈگۈن ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ مەسىلىدە ئەمەلىي قەدەم ئالغانلىقىنى تەبرىكلىگەن. مەزكۇر ئورگان تەتقىقاتچىسى پىتىر ئىرۋىن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ پەقەت خىتاي چىگراسى ئىچىدىلا قالماسلىقىنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشى دېگەندە ئۇ ئاللىقاچان شەرقىي تۈركىستاندا ھەتتا خىتايدا زۇلۇم كۆرۈشتىن ھالقىپ، چەتئەللەرگە يېيىلدى. بۇ جەھەتتىن قارىغاندا ئامېرىكانىڭ بۇ مەسىلىنى تونۇشى ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۇنجى قەدەمنى تاشلىشى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان بېسىمىغا ئۇچرىشى پەقەت ئامېرىكادىلا ئەمەس، ياۋروپا ئەللىرى، تۈركىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ مەۋجۇت. شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقانلار ھەققىدە سۆزلىگەن ھۆكۈمەتلەر ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە ئۆز تۇپراقلىرىدا تۇرۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇشى ۋە تېگىشلىك تەدبىر قوللىنىشى كېرەك».

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان يۇقىرىدىكى بۇ قارارنى ئېلان قىلىشتىن سەل ئىلگىرى ئامېرىكادىكى «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» دا ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس ئاخبارات يىغىنى ئارقىلىق بىرما ئارمىيەسىنىڭ روھىنگالارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقىنى رەسمىي يوسۇندا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغان ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن يىغىندىكى نۇتقىدىمۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تىلغا ئالغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە، مەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دىپلوماتلار بىلەن ئۇكرائىنا مەسىلىسى ھەققىدە پاراڭلاشقان ۋاقتىمدا ئۇلار ئۇكرائىنا خەلقىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىش بىلەن بىرگە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ۋەھشىيلىككە ئۇچراۋاتقانلارنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى. مەسىلەن، شىنجاڭغا ئوخشاش، خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت توپىغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتىدۇ. . . . ۋەھشىيلىكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش بۈگۈن مېنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېنىڭ بىر مەسئۇلىيىتىم ئامېرىكىغا ۋاكالىتەن ۋەھشىيلىكنىڭ سادىر قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىنى بەلگىلەشتۇر. . . . يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن باشقا ئامېرىكا يەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بەلگىلەپ چىققان ئىدى. مانا بۈگۈن بۇنىڭ سەككىزىنچىسىنى يەنى بىرما ئارمىيەسى روھىنگالارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزدى، دەپ بېكىتتىم.»

نۆۋەتتە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن ئۆتكۈزگەن ھەر دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلاردا خىتاي تەرەپنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە تەيۋەن مەسىلىسى قاتارلىق سەزگۈر مەسىلىلىرىنى ئامېرىكا تەرەپكە كوزىر قىلىپ تىرەپ تۇرۇۋالغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر چىققان ئىدى. بۇ بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسى چەتكە قايرىلىپ قالارمۇ دېگەن ئەندىشىنى پەيدا قىلغان. نۇرىي تۈركەل ئەپەندى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 21-مارت كۈنى ئېلان قىلغان بايانلىرىدىكى زامان ۋە ماكان ئامىلىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى شۇنداقلا يۇقىرىدىكى ئەندىشىلەرنى ئورۇنسىز دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.