ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ مالىيە كومىتېتى تېسلا، ھەممەباب ماشىنىسازلىق شىركىتى، مېرسىدېس، فورد قاتارلىق 8 چوڭ خەلقئارالىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ماتېرىيال ياكى ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ئىشلەتكەن-ئىشلەتمىگەنلىكىگە قارىتا تەكشۈرۈشنى باشلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، كېڭەش پالاتاسى مالىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى رون ۋايدېن 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئامېرىكانىڭ تېسلا، ھەممەباب ماشىنىسازلىق شىركىتى، فورد، ستېلانتېس، گېرمانىيەنىڭ مېرسىدىس، ۋولكىسۋاگېن، ياپونىيەنىڭ خوندا، تويوتا قاتارلىق شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىغا خەت يازغان. رون ۋايدېن خېتىدە بۇ شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئېنىقلاشقا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
رون ۋايدېن خېتىدە: «ئەستايىدىل تەكشۈرۈش نەتىجىسى زاپچاسلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىمىغۇچە، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكادا سېتىشىغا بولمايدۇ ياكى ساتماسلىقى كېرەك. بۇ، شىنجاڭدا قېزىلغان ماتېرىيال ياكى ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىل پارچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدى»، «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قەبىھ باستۇرۇشنى، داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، دەپ ھېسابلايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
رون ۋايدېننىڭ بۇ خېتى ئەنگلىيەدىكى شىفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتى ھېلېنا كېنىدى مەركىزىنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى يېقىندا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى دوكلاتىنىڭ ئارقىسىدىنلا يېزىلغان. دوكلاتتا، تەتقىقات گۇرۇپپىسى خەلقئارالىق چوڭ ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ياكى خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىپ ياسالغان ياكى بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىل پارچىلىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىغا ئائىت دەلىللەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.
رون ۋايدېن خېتىدە بۇ دوكلاتنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «ئىشلەپچىقارغۇچىلار تەمىنلەش زەنجىرىدىكى خام ئەشيا، كانچىلىق، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە زاپچاس ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ ۋە ئانالىز قىلىپ، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان باغلىنىشىنى ئېنىقلايدىغان-ئېنىقلىمايدىغانلىقى، ئەگەر ئېنىقلىسا، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ خەرىتىسى ۋە ئانالىزىنى چۈشەندۈرۈشى، بولۇپمۇ بۇ كان ۋە مىنېرال ماددىلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانى ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارماق تەمىنلىگۈچىلەرگە ئېنىقلىما بېرىشى» نى تەلەپ قىلغان.
ھېلېنا كېنىدى مەركىزىنىڭ دوكلاتىدا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى زاپچاس ئىشلەپچىقىرىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا مەركەزلەشكەنلىكى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ رۇدا ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
شىفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ھېلېنا كېنىدى مەركىزىنىڭ دىرېكتورى، بۇ دوكلاتنى تەييارلاشقا يېتەكچىلىك قىلغان پروفېسسور لاۋرا مۇرفېينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلغىچە يۇقىرىقى شىركەتلەر ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرمەسكە سېلىپ كەلگەن. ئۇ، 3-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ دوكلات كېڭەش پالاتاسى مالىيە كومىتېتىنىڭ دىققىتى قوزغىشى زور ئىش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
لاۋزا مۇرفېي مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بايقاشلىرىمىز ۋە تەتقىقاتىمىزغا جىددىي قارىغانلىقى، شىركەتلەردىن ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلىش ياخشى ئىش. بىز ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتۇق. بىز دوكلات ئېلان قىلغىچە بۇ شىركەتلەر بىز بايقاپ ئاشكارىلىغان خەۋپلەرگە جىددىي مۇئامىلە قىلماي كەلگەنىدى».
لاۋزا مۇرفېينىڭ قارىشىچە، كېڭەش پالاتاسى گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىرغان تەقدىردىمۇ، لېكىن شىركەتلەرنىڭ كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى تولۇق ئاشكارىلىشى قىيىن ئىكەن. لاۋزا مۇرفېي مۇنداق دېدى: «شۇڭا، بىز ئۈچۈن كېڭەش پالاتاسىنىڭ شىركەتلەرنى كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى تولۇق ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلىشىنى كۆرۈشىمىز مۈشكۈل مەسىلە. مېنىڭ پەرەز قىلىشىمچە، نۇرغۇن شىركەتلەر كېڭەش پالاتاسىنىڭ مالىيە كومىتېتىغا كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى تولۇق ئاشكارىلىماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى، بۇ شىركەتلەرنىڭ كۆپى ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى خام-ئەشيا ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىغىچە تەكشۈرۈپ باققان ئەمەس. شۇڭا، مېنىڭچە بۇ مەيلى ئىستېمالچىلار ئۈچۈن بولسۇن، مەيلى ھۆكۈمەت ئۈچۈن بولسۇن بىر ئاشكارىلاش، بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن».
بىز 3-يانۋار كۈنى ھەممەباب ماشىنىسازلىق شىركىتى، فورد، تېسلا ۋە ۋولكىسۋاگېن قاتارلىق شىركەتلەرگە خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى ئىلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن ۋولكىسۋاگېندىن باشقا شىركەتلەر خېتىمىزگە ھازىرغا قەدەر جاۋاب بەرمىدى. ۋولكىسۋاگېن رەئىس رون ۋايدېن خەت يازغان ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدە زاۋۇتى بار بىردىن-بىر شىركەتتۇر. ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتى يېقىنقى 4-5 يىل مابەينىدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچراپ، زاۋۇتنى تاقاش ھەققىدىكى چۇقانلار ئەۋجىگە چىققان بولسىمۇ، لېكىن ۋولكىسۋاگېن زاۋۇتنى تاقاشنى رەت قىلغانىدى.
ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ باياناتچىسى مارك گىللېس 3-يانۋار رادىيومىزغا ئەۋەتكەن يازما باياناتىدا، ۋولكىسۋاگېننىڭ كېڭەش پالاتاسى مالىيە كومىتېتىنىڭ خېتىگە جاۋاب بېرىشكە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى كەمسىتىشكە، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە قۇللار ئەمگىكىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ۋولكىسۋاگېننىڭ باياناتىدا: «مال تەمىنلىگۈچىلەر ۋولكىسۋاگېن گۇرۇھى بىلەن سودا مۇناسىۋىتى قىلماقچى بولسا، بىزنىڭ ئىزچىللىق تەلەپلىرىمىزنى قوبۇل قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشى كېرەك. بىزنىڭ بىۋاسىتە مال تەمىنلىگۈچىلىرىمىز بۇ ئىزچىللىق تەلەپلىرىمىزنى ئۆزلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى باشقا سودا شېرىكلىرىگە يەتكۈزۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بىز 2019-يىلدىن بېرى تىجارەت شېرىكلىرىمىزنىڭ ئىپادىسىنى باھالاپ، ئىپادىسىگە قارىتا دەرىجىگە تۇرغۇزۇشنى يولغا قويۇپ كېلىۋاتىمىز. ئەگەر بىرەر ھۆددىگەر بىزنىڭ ئىزچىللىق ئۆلچەملىرىمىزدىكى تەلەپلەرگە يەتمىسە، ھۆددىگەرلىك توختامىغا ئېرىشىشكە لايىق كۆرۈلمەيدۇ» دېيىلگەن. لېكىن باياناتتا، بۇ شىركەتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقاش پىلانىنىڭ بار-يوقلۇقى، مال تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلماسلىقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىلمىگەن.
لېكىن شىفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور لاۋرا مۇرفېي، شىركەتلەرنىڭ مەلۇم خەلقئارالىق نىزامنى ئۆزىگە ئۆلچەم قىلسىمۇ، لېكىن كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭغا تولۇق ئەمەل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا كەڭ كۆلەملىك يۆتكىگەندىمۇ بۇ شىركەتلەر بۇنىڭغا زۇۋان سۈرمىگەن.
لاۋرا مۇرفېي مۇنداق دېدى: «ئۇلار كۆپ ھاللاردا مال تەمىنلىگۈچىلىرىىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە قائىدىگە ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ خام ماتېرىياللارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى سۈرۈشتە قىلىش ئىمكانىيىتىمۇ يوق. ئۇلارغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مال تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئېيتقانلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپمۇ ئولتۇرمايدۇ».
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، شىركەتلەر ئۆزى ئىشەنچ تۇرغۇزغان مال تەمىنلىگۈچىلىرىنى تاشلاپ، باشقا تەمىنلىگۈچىلەرنى ئىزدەشنى ئانچە خالىمايدىكەن. ئۇ بۇنىڭ يەنە بىر مەسىلە ئىكەنلىكى، بۇنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلاتلاردا تېخىمۇ شۇنداق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
لاۋرا مۇرفېي: «مەن شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۆزگەرتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى چۈشەنسەممۇ، لېكىن ئۇنىڭغا چوڭقۇرلاپ كىرسىڭىز، ھەقىقەت شۇكى ئىكەنلىكى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ شۇنداق تېز ئۆزگەرگەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ناھايىتى كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ، تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۇيغۇر ئېلىغا شۇنداق تېز يۆتكىگەنلىكىنى كۆرىسىز. بۇ، رۇدا قېزىپ، خام ئەشيا پىششىقلاپ ئىشلەشنى، شۇنداقلا مەھسۇلات ياساشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېدى.
رەئىسى رون ۋايدېن ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىغا يازغان خېتىدە يەنە، بۇ شىركەتلەرنى زاپچاس بىلەن تەمىنلەيدىغان 3-دۆلەتتىكى مال تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقىغا چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
رون ۋايدېن خېتىدە بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۆزىگە 13-يانۋارغا قەدەر جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، مۇنداق دېگەن: «ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى خەرىتىسىنى ۋە مېكسىكا، كانادا قاتارلىق 3-دۆلەتلەردىكى ئاپتوموبىل زاپچىسى ئىشلەپچىقىرىشىنى ئانالىز قىلىپ، بۇ زاپچاس تەمىنلىگۈچىلىرىنىڭ شىنجاڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەمىنلەش زەنجىرى بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ خەرىتىسى ۋە ئانالىز دائىرىسىنى تەسۋىرلەپ باقامسىلەر؟ ئەگەر بۇ ئۇرۇنۇشلار تارماق تەمىنلىگۈچىلەرنى، يەنى رۇدا قېزىش، مىنېرال ماددىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ياكى ئالمايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەلەمسىلەر؟».
