ئا ق پارتىيەنىڭ باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى باياناتى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

0:00 / 0:00

19 يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك ئەپەندى 29-سېنتەبىر كۈنى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى سۈكۈتىنى بۇزدى. ئۇ باياناتىدا تۈركىيەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى، دىنىي-ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشىنى، لاگېرلارنى ئېتىۋېتىشىنى ئىزچىل ھالدا تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پاراۋان، خاتىرجەم تۇرمۇش كۆچۈرۈشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا تېخنولوگىيە يەرمەنكىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىنىڭ تۈركىيەدە زور ئەنسىرەش پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە مۇسۇلمان خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى ھازىر دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىدە، ئەلۋەتتە بۇ مەسىلە ھەر دائىم بىزنىڭمۇ كۈنتەرتىپىمىزدە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنى كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى جەھەتتىن ھەر دائىم كۆزىتىۋاتقانلىقىمىزنى تەكىتلەپ قويماقچىمەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى 4-ئايدا يولغا قويۇشقا باشلىغان ‹ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش بەلگىلىمىسى› ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە زور سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەييارلىغان بۇ ھەقتىكى دوكلاتلار بىزدە زور ئەنسىرەش پەيدا قىلماقتا.»

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك ئەپەندى تۈركىيەنىڭ يېگانە ئارزۇسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پاراۋان ۋە خاتىرجەم تۇرمۇش كۆچۈرۈشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېگەن: «بىز تۈركىيە تەرەپ خىتايغا ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى، دىنىي-ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشىنى، لاگېرلارنى ئېتىۋېتىشىنى ئىزچىل ھالدا دەپ كېلىۋاتىمىز. تۈركىيە ئۇيغۇرلارنىڭ پاراۋان ۋە خاتىرجەم تۇرمۇش كۆچۈرۈشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئادىللىق بىلەن ھەمكارلىشىپ تۇرۇپ ھەل قىلىشنى خالايدۇ. تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاينى زىيارەت قىلغاندىمۇ بۇ تەلەپلىرىمىزنى خىتاي رەھبەرلىرىگە يەتكۈزدى.»

ئۆمەر چەلىك ئەپەندىنىڭ 29-سېنتەبىر كۈنىدىكى باياناتى دۆلەت تېلېۋىزىيەسى تەرىپىدىن نەق مەيداندىن تارقىتىلدى. ئۇ باياناتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى توغرىسىدىمۇ توختالدى.

يىغىۋېلىش لاگېرلىرى مەسىلىسى ئامېرىكادا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاشقا باشلىغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى، ئۇنىڭ 2019-يىلى ۋە بۇ يىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا زۇلۇم تارتىۋاتقان مۇسۇلمانلارنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالماسلىقى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى، ئۆكتىچى پارتىيەلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.

ئۆمەر چېلىك ئەپەندى بۇ يىل 2-ئايدا بىر بايانات بېرىپ قويۇپ، 8 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم بايانات بەردى. بۇنىڭغا ئۆكتىچى پارتىيەلەر قانداق قارايدۇ؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان «ئىيى»، يەنى ياخشى پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئۇ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە خىتايغا خەلقئارالىق سورۇنلاردا ئىنكاس قايتۇرمايۋاتىدۇ. خىتايغا قارشى بىر نارازىلىق بىلدۈرمەيۋاتىدۇ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا خىتاينىڭ ئالدىغا قويۇدىغان تەكلىپىمۇ يوق. بىر قانچە يىل بۇرۇن ئۇيغۇر رايونىغا ھەيئەت ئەۋەتىپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەكشۈرۈرۈش ئېلىپ بارىمىز دېگەن ئىدى. ئۇمۇ يوق. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھازىرقى ھۆكۈمەت بىلەن ئۇنىڭ شېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان بىر ئېنىق سىياسىتى يوق ئىكەن. ئۇلار يىلدا بىر قېتىم بايانات بېرىپ قويۇپ، خەلقنىڭ كۆزىنى بوياۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، تۈرك خەلقى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدۇ.»

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك ئەپەندىنىڭ خەلقئارا بېسىم ۋە تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە بۇنداق بايانات بېرىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامىدخان گۆكتۈرك ئەپەندى ئۆزىنىڭ 55 يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، كېيىنكى 5 يىلدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدىن چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھامىدخان گۆكتۈرك ئەپەندى 29-سېنتەبىر كۈنى ئۆمەر چېلىك بەرگەن باياناتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خۇرسەن قىلىدىغان تەرىپى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ يىل 9-فېۋرال كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاشقا چاقىرغاندىن كېيىن، 11-فېۋرال كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى سۆز قىلىپ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ پوزىتسىيەسى «ناھايىتى قەبىھ» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. ئارقىدىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئۆمەر چېلىك ئەپەندى، كېيىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى جازا لاگېرلىرىنى تاقاشقا چاقىرغان ئىدى.