ئاقسۇ شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى كېڭەيتىلىپ لاگېر قىلىنغان

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020-11-17
Share
aqsu-shehiri-lager-suniy-hemra-8.jpg نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» بايقىغان ئاقسۇ شەھىرىدىكى لاگېرنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى. 2020-يىلى ئۆكتەبىردە تارتىلغان بۇ سۈرەتتە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ۋە لاگېرنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى كۆرۈنگەن.
Bextiyar Ömer teminligen

ئاقسۇ شەھەر سىرتىغا قۇرۇلغان ئىككى چوڭ لاگېرنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا تېپىلغان پاكىتلار، بۇ لاگېرنىڭ بىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئاقسۇ شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنى كېڭەيتىپ ياسالغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ لاگېرلار ياسالغان ئوخشاش ۋاقىتتا، ئاقسۇ ئايرودرومىدا ئادەم ئىچكى ئەزاسى يېشىل كارىدورى ئېچىلغانلىقىدەك ئامىللار پاش بولدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نەزىرىدە بۇلار، خىتاينىڭ ئادەم ئىچكىرى ئەزالىرىنى يۆتكەش جىنايەتلىرىنىڭ دەلىلى بولالايدىكەن. مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە مەلۇمات بېرىدۇ.

ئاقسۇ شەھىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ شەرقىگە 900 مېتىر كېلىدىغان يول بويىغا 2017-يىلىدىن باشلاپ قۇرۇلغان لاگېر ھەققىدە، ئۇنىڭ ئورنى ۋە ئەتراپىدىكى جايلارنى ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈشلىرىمىزدىن ئاقسۇ شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ دەل بۇ لاگېرنىڭ مەركىزى قىسمىدا ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارپىنىڭ دىرېكتورى بەختىيار بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «2003-يىلىدىن باشلاپ خاتىرىلەنگەن سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن باشلاپ بۇ دوختۇرخانا ئەتراپىدىكى قۇرۇلۇش ۋە ئۆزگىرىشلەرنى سېلىشتۇرغاندا، 2017-يىلىغا قەدەر، بۇ جايدا مەزكۇر دوختۇرخانا بىناسىدىن باشقا قۇرۇلۇش يوق بولۇپ، لاگېر مۇشۇ دوختۇرخانىنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ ھەم بۇ جاي داۋانلىق كېڭەيتىپ قۇرۇلماقتىكەن».

ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى ئاشكارىلىغان، بىر مىڭ 200دىن ئارتۇق ئاپېلسىن رەڭلىك مەھبۇس كىيىمى كىيگەن كىشىلەرنىڭ لاگېر رايونىدىن چىقىپ مەجبۇرىي ئەمگەك رايونىغا ئۆتۈۋاتقان بىر كۆرۈنۈشى بار بولغان سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى دەل مۇشۇ لاگېرغا ئائىت ئىدى. كۆلىمى 25 مىڭ كۋادرات مېتىر دائىرىنى ئىگىلىگەن لاگېر ھازىرمۇ داۋاملىق كېڭەيتىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ جايدا 16 مىڭ 300 ئەتراپىدا مەھبۇس بارلىقى تەخمىنلەنمەكتە. بۇ لاگېرنىڭ كۆزىتىش مۇنارى، ئېگىز تىكەن سىملىق قورشاۋ تاملىرى، بىخەتەرلىك سىستېمىسى ھەمدە مەھبۇسلارنىڭ ئۈستىدىكى ئاپېلسىن رەڭلىك مەھبۇس كىيىملىرى بۇ لاگېرنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق تەدبىرلەر بىلەن باشقۇرۇلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ.

ئۇنىڭغا يېقىن جايدا يەنە بىر لاگېر بار بولۇپ، بۇ ئىككىلا لاگېرغا بىر كىلومېتىر يەتمەيدىغان ئارىلىقتا بىر جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنى بار.

ئاقسۇ شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى نېمە ئۈچۈن غايىب بولدى؟

ئاقسۇ شەھەرلىك قىزىل كىرىست جەمئىيىتىنىڭ تېلېفونىنى بىر خىتاي خادىم ئالغان بولسىمۇ، ئادەم ئورگانلىرىنى ئىئانە قىلىش ئىشلىرى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا ئۇ جىددىي ھالدا، ئۆزىنىڭ ۋە بۇ ئورگاننىڭ بۇ ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

ئاقسۇدىكى سەھىيە تارماقلىرى ھەمدە دوختۇرخانىلارنىڭ بەزىلىرىگە تېلېفون ئۇلانغان تەقدىردىمۇ، زىيارىتىمىز رەت قىلىنىپ كەلمەكتە.

ئاقسۇ شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ ئىلگىرى خاتىرىلەنگەن نومۇرلىرىنىڭ ھېچقايسىسى ئېلىنمىدى، ئەمما ئاقسۇ ۋىلايىتى سەھىيە ئىدارىسى يۇقۇم كونترول باش ئاپپاراتى ئارقىلىق، مەزكۇر دوختۇرخانا ئامانلىق قوغداش بۆلۈمىگە تېلېفون ئۇلاندى. تېلېفوننى ئالغان ئۇيغۇر ئامانلىق ساقچىسىنىڭ قىسقا جاۋابىدىن بۇ دوختۇرخانىنىڭ بىرلەشمە دوختۇرخانا ئىكەنلىكى ئەمما يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، كېسەل قوبۇل قىلىنمايۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. ئۇ: ئوپېراتسىيە ۋە ئورگان ئىئانە ئىشلىرى ھەققىدە سورىشىمىزغىلا، «بۇنى مەن بىلمەيمەن جۇمۇ» دەپ تەكرارلىدى.

ئوچۇق مەنبەلەردىن ئىزدەش نەتىجىلىرى، بۇ دوختۇرخانا ئۇچۇرلىرىنىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ پۈتۈنلەي توسىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى. تورلاردا ئاقسۇ يۇقۇملۇق كېسەللىك دوختۇرخانىسىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان پەقەت ئاخىرقى ئىككىلا ئۇچۇر ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى، «جېجياڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تورى» دا 2016-يىلى 29-ئۆكتەبىر تارقىتىلغان.

«ئاقسۇدىن كەلگەن 5 مۇھىم دوختۇر خاڭجۇغا بېرىپ كەسپىي تېخنىكا ئۆگەندى» تېمىلىق بۇ خەۋەردىن، 2016-يىلى مارتتا، خاڭجۇ قىزىل كىرىست دوختۇرخانىسى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى، ئاقسۇ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدىكى دوكتور مەخمۇت ئابدۇكرىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش مۇھىم دوختۇرنى ئالاھىدە تاللاپ، خاڭجۇدىكى ھەرقايسى دوختۇرخانىلارغا ئۆگىنىش مەزمۇنى ۋە نىشانىنى ئېنىق بەلگىلەپ ئەۋەتكەن ئىكەن. ئۇلار خاڭجۇدىكى دوختۇرخانىلاردا يۈرەك كېسەللىكلىرى، يۈرەك قان تومۇرغا ئارىلىشىش تېخنىكىسى قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئۆگىنىپ، ئاقسۇغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يۈرەك قان تومۇر تەجرىبىخانىسى قۇرۇش، ئاقسىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى يۇغۇرى كۆتۈرۈشتەك ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئىككىنچىسى، جېجياڭ «24 سائەت-چيەنجياڭ كەچلىك خەۋەرلىرى» دە بولسا خاڭجۇنىڭ تېببىي ساھەسىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ تېخنىكا ئۆگىتىش زىيارىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك بىرىنچى خەلق دوختۇرخانىسىدا «جېجياڭ خەلق دوختۇرخانىسى ۋاڭ جىفېي كلىن 3د تەقلىدىي ئورگان ئوپېراتسىيەسى تەربىيەلەش سېخى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەنلىكى ئاشكارىلاندى. مەزكۇر خەۋەردە يەنە ئاقسۇ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ ئۇيغۇر دوختۇرى ماخمۇتنىڭ «مەن بۈگۈن خاڭجۇدىن كەلگەن بىر ئوقۇتقۇچىنى كۆردۈم، ئۇمۇ بىزگە يېڭى تېخنىكىلارنى ئېلىپ كەلدى» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل ئالغان.

مەزكۇر ئۇچۇرلار ئاقسۇ يۇقۇملۇق كېسەللىك دوختۇرخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرلىك دوختۇرخانىلارنىڭ 2016-يىلى ئۆكتەبىردىلا، كۆكرەك يېرىپ قىلىنىدىغان ئوپېراتسىيە ئۈسكۈنە ۋە تېخىكىلىرىغا ئىگە بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئىككى لاگېر ئاقسۇ ئايروپورتىغا يېقىن

2017-يىلىدىن باشلاپ جازا لاگېرلىرى ۋە زاۋۇت سېخلىرىنىڭ بۇ دوختۇرخانىنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغانلىقى، بۇ سىرلىق دوختۇرخانا ۋە لاگېرغا 500 مېتىر ئارىلىقتا جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنى يەنە نېمىلەردىن دېرەك بېرىدۇ؟

«قەتلىئام» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، كوممۇنىزم قۇربانلىرى فوندىنىڭ تەتقىقاتچى ئېتان گۇتمان، خىتايدا ئۇيغۇر قاتارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىپ كۆچۈرۈش مەشغۇلاتى ئەڭ بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىدە باشلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. ئۇ بۇ ئۇچۇرلارغا تەپسىلىي قاراپ چىققاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «مېنىڭ نەزىرىمدە، بۇ ئۇچۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئورگان يۆتكەش جىنايىتىنىڭ مۇھىم دەلىلى. بولۇپمۇ دوختۇرخانا بىۋاسىتە لاگېرغا باغلانغان بۇ دەل لاگېرلارنى ئورگان يۆتكەشكە باغلاشتا مەن ئىزدەۋاتقان دەلىل. بۇنداق بىر جىددىي يەكۈن چىقىرىشىمىزغا شەك-شۈبھە قالدۇرمايدىغان يەنە بىر ئورۇننى تېپىشكە ئېھتىياجلىق بولىمىز، ئۇ بولسىمۇ ئايرودروم. چۈنكى، خىتاي بۇ ئورگاننى ئەڭ قىممەت ساتالايدىغان جايغا يۆتكەيدۇ. ئورگاننى بۇ جايدا ئېلىپ باشقا ياققا يۆتكەش، ئىنساننى يۆتكەشكە قارىغاندا بىخەتەر ۋە ئاسانراق. ئورگان يۆتكەشكە ئىشلىتىلىۋاتقان ساندۇققا سۈنئىي ئوكسىگېن ماشىنىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇ تېخنىكا بىلەن ئادەم ئورگىنىنى20 سائەت ھايات تۇتۇپ تۇرغىلى بولىدۇ. بۇ ئورگاننى خېرىدارىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئايرودروم بولۇشى شەرت، يەنى ئېنىقلانغان ئۇچۇرلاردا بىر ئايرودروم بارمۇ ؟»

مۇخبىر: سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ۋە خەرىتىگە قارىغاندا، بۇ ئىككى لاگېر يەنى دوختۇرخانىغا يېقىن جايدا، ئاقسۇ ئايرودرومى بار ئىكەن. 26 كىلومېتىر ئارىلىقتا ئىكەن، ئاپتوموبىلدا 20 مىنۇت يول بولۇشى مۇمكىن.

ئېتان گۇتمان: دېمەك خىتاي بۇ جايدىن ئورگاننى ئۈرۈمچى ۋە خىتاينىڭ ھەر قانداق جايىغا ھەتتا سەئۇدى ئەرەبستانغىمۇ يۆتكەيدىغانغا يېتەرلىك ۋاقتى بار دېگەنلىك. بىز بۇنىڭ ئالدىدا لاگېرلارغا يېقىن جايدا دائىرىلەرنىڭ جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنى قۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلەتتۇق. بۇ لاگېردىن مېڭىپ بارغىلى بولىدىغان جايدىلا بىر چوڭ جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنى بار. دوختۇرخانا ئۇنىڭ ئىچىدە، دېمەك دوختۇرخانىدا مۇۋاپىق ئىنسانلارنىڭ ئورگانلىرى ئېلىنغاندىن كېيىن بىر ئوكۇل بىلەنلا ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرالايدۇ. جەسىتى بولسا يېقىنلا جايدا بىر تەرەپ قىلىپ جىنايەت پاكىتىنى قويمايدۇ.

ئېتان ئەپەندى خىتاينىڭ لاگېرلارنى قۇرۇشى، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلىشتىن ئالىدىغان پايدىسىدىن قارىغاندا ئۇلارنى ئورگان بانكىسىغا ئايلاندۇرۇپ ئالىدىغان پايدىسىنى كۆزلىگەن دەپ قارايدىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ دوختۇرخانىنىڭ لاگېر ئىچىدە بولۇشى مەجبۇرىي ئورگان يۆتكەش ئوپېراتسىيەسى توغرۇلۇق گۇمان تۇغدۇرماي قالمايدۇ. خىتاي بۇ تۇتقۇنلارنى ئىشلىتىپ 25 مىڭ دوللار تېپىشى مۇمكىن، ئەمما ھەر بىر ئىنساننىڭ پۈتۈن ئورگانلىرىنى ئالغاندا ھەر بىر ئىنساندىن 750مىڭ دوللار قازىنالايدۇ، يەنى بىر ئىنساننىڭ ئىككى ئۆپكىسى، يۈرەك، ئىككى بۆرەك، كۆز مۈڭگۈز پەردىسى قاتارلىق ئورگانلىرىنىڭ ھەر بىرى 100 مىڭدىن 150 مىڭ دوللارغىچە ئىقتىساد يارىتالايدۇ. بۇ خىتاي ئۈچۈن لاگېرلارنى قۇرۇشقا ئۇ قەدەر كەڭ تۈردە دەسمايە سېلىشىنىڭ لوگىكىسى بولۇشى مۇمكىن. يەنى ئۇلارنى ئىشلىتىپ ۋە ئورگانلىرىنى سېتىپ ئىككى تەرەپتىن مەنپەئەت قازىنىۋاتىدۇ.

ئېتان گۇتماننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرقى ئۇچۇرلاردىن مەلۇمكى 50 مىڭ ئەتراپىدا تۇتقۇن بۇ دوختۇرخانىغا يېقىن ئىككى لاگېرغا قامالغان، جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنى ۋە بۇ ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى مېڭىپ بارغىلى بولىدىغان يېقىن ئارىلىقتا، ئايرودروممۇ يېقىن. ئۇ يەنە ئەمدى بۇنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەت قازىنىشنى مەقسەت قىلغان مەجبۇرىي ئورگان يۆتكەش سىستېمىسى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈشتە ئەڭ ئاخىرقى ھالقىلىق بىرلا ئامىل قالدى، ئۇ بولسىمۇ بۇ ئاقسۇ ئايرودرومىدا ئورگان يۆتكەش يېشىل كارىدورىنىڭ قۇرۇلغان قۇرۇلمىغانلىقىدۇر دېدى.

ئاقسۇ ئايرودرومى 2017-يىلى ئادەم ئورگانلىرىنى تېز توشۇش يېشىل قانىلى ئاچقان

ئوچۇق مەنبەلەردىن تېپىلغان جاۋابلار بىزنى ئېتان ئەپەندىنىڭ «خىتاي لاگېردىكىلەرنىڭ ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي يۆتكىمەكتە» دېگەن يەكۈنگە كېلىشىگە يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتۇرىدۇ.

خىتاي خەلق ئاۋىئاتسىيە تورىنىڭ 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورگان كۆچۈرۈش ئەترىتى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ چز6431نۆۋەتچى ئايروپىلانى بىلەن ئادەم ئەزالىرىنى ئاقسۇ ئايرودرومىدىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەشكە تەيىنلەنگەن.

ئاقسۇ ئايرودرومىدا «ئىنسانلار ئىئانە قىلغان ئورگانلارنىڭ يۆتكىلىشى ئۈچۈن يېشىل قانال قۇرۇش ئۇقتۇرۇشى» نىڭ ھۆججەت تەلىپىگە ئاساسەن، يېشىل قانال دەرھال ئېچىلغان. خىتاي جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ چز6431 نۆۋەتچى ئايروپىلانى سائەت 16 دىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە ئاقسۇدىن ئۇچۇپ، 17:20 دە بىخەتەر ھالدا ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن.

شىنجاڭ ساياھىتى تورىنىڭ شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىنى مەنبە قىلىپ، 2017-يىلى تارقاتقان «ئۇچۇش ئۈچ تىرىك ئورگاننى يۆتكەش ئۈچۈن 20 مىنۇت ساقلىدى» دېگەن يەنە بىر خەۋىرىدىن تەكرار دەلىللەرگە ئېرىشمىز.

ئۇنىڭدا «7-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاقسۇ ئايرودرومىدىن ئۈرۈمچى ۋە خاڭجۇغا 3 تىرىك ئورگاننىڭ توشۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئايروپىلان 20 مىنۇت كېچىكتۈرۈلگەن. 3 تىرىك ئورگاننى ئېلىپ ماڭغان ئايروپىلان ئاقسۇدىن ئۈرۈمچىگە، كېيىن خاڭجۇغا يۆتكەلدى» دېيىلگەن. يەنى ئاقسۇدىن ئېلىپ مېڭىلغان ئادەم ئورگىنىنى شۇ كۈنى سائەت 16 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۆز6919 نۆۋەتچى ئايروپىلانى بىلەن خاڭجۇ ئايرودرومىغا يېتىپ بولغان.

بۇ خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2017-يىلىدا، «جۇڭگو جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتى شىنجاڭ شۆبىسى» ئادەم ئورگانلىرىنى 7 قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك يۆتكىگەن ئىكەن.

ئۇيغۇرلار داۋاملىق خىتاي ئادەم ئورگىنى سودىسىغا قۇربانلىق قىلىنماقتا

يۇقىرىقى دەلىللەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن ئېتان ئەپەندى «ھازىرقى شارائىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېردىكىلەرنىڭ ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي يۆتكەۋاتىدۇ دېگەننى دەلىللەشتە بىز، ئىسپاتلارغا مۇشۇ قەدەر يېقىنلىشىش ئىمكانىيىتىمىز بار» دېدى:

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ د ن ئا قان ئەۋرىشكىلىرىنىمۇ قەرەللىك تەكشۈرۈپ سىستېمىغا كىرگۈزۈشى بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئادەم ئورگىنى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىدا، ماس كەلگەن ئادەم ئورگانلىرىنى بېكىتىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر. خىتاينىڭ ئەرەبىستان تەرەپكە ئوچۇق ئېلىپ بېرىلغان› ھالال ئورگانغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز جۇڭگوغا كېلىڭ‹دېگەندەك ئېلانى پەيدا بولدى. مەخسۇس چەتئەلدىن كېلىپ ئورگان يۆتكەيدىغانلارنى ئورۇنلاشتۇرغان دوختۇرخانىلارمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ لايىھىلەنگەنلىكى ئوچۇق كۆرسىتىلدى. ھەتتا پۈتۈن دۇنيا كوۋېد يۇقۇمىدا تۇرغان مەزگىللەردىمۇ ئورگان يۆتكەش ئوپېراتسىيەسى خىتايدا توختاپ قالغىنى يوق، ئۇلار ھەتتا بىر يۇقۇمدارنى قوش ئۆپكە يۆتكەش ئوپېراتسىيەسى قىلىپ ساقايغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. لاگېر شاھىتلىرى بەرگەن ئىسپاتلىق ۋە باشقا نۇرغۇن پاكىتلار شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتىكى، ئۇيغۇرلا خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئورگان يۆتكەش قەبىھ جىنايىتى ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانى قىلىنماقتا».

ئەنگلىيەدىكى «خىتاي كوللېگىيەسى» ناملىق مۇستەقىل خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئادۋوكاتى ھامىد سابى 2019-يىلى 24‏-سېنتەبىر كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 42‏-نۆۋەتلىك يىغىنىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە فالۇنگۇڭچىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىپ كۆچۈرۈۋاتقانلىقى ۋە سېتىۋاتقانلىقى، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بىلەن ئەيىبلىنىش مۇمكىنچىلىكى بولغان جىنايەتكە قارشى جىددىي تەدبىر ئېلىش «مەجبۇرىيىتى» نىڭ بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانىدى. بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يۆتكەش زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم ب د ت دا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

لوندوندىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھامىد سابى ئەپەندى بۇ مەلۇم بولغان دەلىللەرنىڭ ئەندىشىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:

«خىتاينىڭ ئاقسۇدا قۇرغان بۇ لاگېرلىرى ۋە ئۇنىڭغا باغلانغان دوختۇرخانا، جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنى، ئايروپورت ۋە يېشىل كارىدورى قاتارلىقلار ھەققىدىكى ئاڭلىغانلىرىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە مەجبۇرىي ئورگان يۆتكەشنىڭ قۇربانى قىلىۋاتقانلىقىغا بولغان ئەندىشەمنى كۈچەيتتى. مۇتەخەسسىسلەر بولۇپمۇ 24 ياشتىن 28 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئورگان يۆتكىشىنىڭ قۇربانى قىلىنماقتا دەپ قارايدۇ. بىز كۈچلۈك ئەندىشىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن تەڭ ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي يۆتكەشنى ھېچ قاچان توختاتمىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك دەپ قارايمىز. بۇ، ئىنتايىن جىددىي ئەندىشە قوزغاشقا تېگىشلىك داۋاملىشىۋاتقان بىر مەسىلە. بىز بىر قىسىم ئىسپاتلىق ماتېرىياللار دەلىللەنگەندىن كېيىن ۋە ماتېرىياللار تولۇقلانغاندىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا ئورگانلارغا سۇنۇش ئالدىدا تۇرماقتىمىز؟؟».

خىتاي ھۆكۈمىتى 2016‏-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا ئومۇميۈزلۈك مەجبۇرىي سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ د ن ئا ئامبىرىنى قۇردى شۇنداقلا 2017 ‏-يىلدىن باشلاپ 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قامىدى. رادىيومىزغا گۇۋاھلىق بەرگەن مېھرىگۈل تۇرسۇن، گۈلباھار جېلىلوۋا، زۇمرەت داۋۇت قاتارلىق ئۆلۈم لاگېرىدىن ھايات قالغان شاھىتلار، لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارغا قارىتا ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئاپپاراتتا كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقى، قەرەللىك قان ئېلىنىدىغانلىقىدەك ئەھۋاللارنى ئېيتقاندىن باشقا يەنە، دائىم تۇتقۇنلار ئارىسىدىكى 20 ياش ئۆپچۆرىسىدىكىلەر تۇيۇقسىز ئېلىپ چىقىپ كېتىلىپ، ئىككىنچى قايتىپ كىرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

لاگېرلار ھەققىدە ئاشكارىلانغان پاكىتلار ئاساسىدا ئانالىز يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىردەك، خىتايدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئادەم ئورگانلىرىنى يۆتكەش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى ئېلىپ-سېتىشنى ھۆكۈمەت، ئەدلىيە، سوت، ساقچى، سەھىيە، قاتناش، ئاۋىئاتسىيە تارماقلىرىغا قەدەر ئورۇنلار تىل بىرىكتۈرۈپ بىرلىكتە ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت تېررورلۇق ھەرىكىتى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.

لاگېرغا باغلانغان ئورگان يۆتكەش مەسىلىسىگە ئائىت چەكلىك ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ئاقسۇ، خاڭجۇ قاتارلىق جايلاردىكى دوختۇرخانا، قىزىل كىرىش جەمئىيەتلىرى قاتارلىق جايلارغا قاراتقان تەكشۈرۈشىمىز داۋام قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.