تارىم ئويمانلىقىدىن تېپىلغان مۇمىيالارنىڭ DNA سى ئۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئاشكارىلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.11.11
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
qan-tekshurush-dna.jpg ئۇيغۇر دېھقانلارنى يىغىۋېلىپ قان ئەۋرىشكىسى ئېلىۋاتقان كۆرۈنۈش.
xjem.gov.cn

تارىم ئويمانلىقىدىن تېپىلغان مۇمىيالار 20-ئەسىردىن باشلاپ قېزىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، بۇ جەسەتلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە تەۋەلىكى ئارخېئولوگلار ئارىسىدا ئ‍ىزچىل تالاش-تارتىش تېمىسى بولۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ بۇ تالاش-تارتىش، ئۇيغۇرلار ئېلىنى «ئەزەلدىن تارتىپ خىتاينىڭ بىرقىسمى» دەپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ مۇمىيالارنى ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرى، دەپ قارايدىغان ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك سىياسىي ئىختىلاپقا ئايلانغانىدى.

ئىلگىرى تەتقىقاتچىلار مىس قوراللار دەۋرىگە ئائىت 4000-5000 يىللىق بۇ جەسەتلەرنىڭ قىياپىتى، يۇڭدىن توقۇلغان كىيىملىرى، قەبرىلىرىدىن تېپىلغان پىشلاق، بۇغداي، سوك ۋە سكاندىنوۋىيەلىك ۋايكىڭلاردەك توغراق ياغىچىنى ئويۇپ قولۋاقتەك قىلىپ ئۇنىڭغا دەپنە قىلىش ئادەتلىرىگە قاراپ، بۇ كىشىلەرنى ياۋروپا ياكى ئاسىيانىڭ غەربىيدىكى تۆپىلىكلەردىن كەلگەن ۋە ياكى شۇلارغا چېتىشلىق ئىنسانلار، دەپ قارىغان. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەتقىقاتچىلىرىمۇ بۇ كىشىلەرگە ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىسى بولمىغان ئايرىم بىر ئىنسانلار توپىدەك مۇئامىلە قىلىپ كەلگەنىدى.

بىراق خىتاي، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يېقىندا «كىچىك دەريا گۈزىلى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 مۇمىيا ‍ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان DNA ئانالىزىدىن بۇ سىرلىق جەسەتلەرنىڭ سىرتتىن كەلگەن كىشىلەر بولماستىن، بۇ رايوننىڭ مۇز دەۋرىدە غايىب بولغان، دەپ قارالغان ئىنسانلىرىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان DNA ئانالىزىدا كۆرسىتىلىشىچە، تەتقىقاتچىلار تارىم ئويمانلىقىدىن تېپىلغان بۇنىڭدىن 3700 يىل بىلەن 4100 يىل ئاۋۋالقى دەۋرگە ئائىت بولغان قەدىمىي جەسەتلەر بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى جۇڭغار ئويمانلىقىدىن تېپىلغان بۇنىڭدىن 4800 يىل بىلەن 5100 يىل ئارىلىقىدىكى دەۋرگە ئائىت 5 جەسەتنىڭ ئىرسىيەت ئۇچۇرىنى تەكشۈرگەن.

ئوتتۇرا ئاسىيا ئىرسىيەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى بىرىكمە بىئ‍ولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى ۋاگىىش ناراسىمخاننىڭ ئېيتىشىچە، يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى «ھاياجانلىنارلىق» بايقاش بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ كىملىكى ۋە ئەجدادى توغرىسىدا ھالقىلىق دەلىللەر بىلەن تەمىنلىگەن. ۋاگىش ناراسىمخان 9-نويابىر بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مۇمىيالارنىڭ كېلىپ چىقىشى ئۇلار بايقالغاندىن بېرى مەلۇم دەرىجىدە مۇنازىرە قىلىنىپ كەلدى. بۇ ناھايىتى ھاياجانلىنارلىق بىر بايقاش. چۈنكى، بۇ جەسەتلەر تۇنجى قېتىم بايقالغاندا ئارخېئولوگلار ئارىسىدا ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىلىق نۇرغۇن مۇنازىرىلەر بولغان، ئۇلارنىڭ بۇرۇن ياشىغان كىشىلەر بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار، مەركىزى ئاسىيانىڭ باشقا رايونلىرىدىكى خەلقلەر، ياۋروپا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە باشقىلار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار، دېگەن مەسىلىلەردە. بىراق ئىرسىيەتكە ئائىت بۇ يېڭى بايقاش بۇ كىشىلەرنىڭ كىم ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادى توغرىسىدا 1-قول ھالقىلىق دەلىللەر بىلەن تەمىنلىدى».

ۋاگىش ناراسىمخان يەنە بۇ جەسەتلەرنىڭ بۇ رايونغا كەلگەن باشقا دالا خەلقلىرى بىلەن ئىرسىيەت ئالاقىسىنىڭ بولماسلىقى ھەممىدىن قىزىقارلىق بىر نۇقتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەھۋال ھەقىقەتەن بىر تاسادىپىيلىق ئىكەن. ناراسىمخىان مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كىشىلەر ھەققىدىكى ئەڭ قىزىقارلىق نۇقتا، بۇ خەلقلەرنىڭ كېيىنرەك يەنى مىس قوراللار دەۋرىدە بۇ رايونغا كەلگەن باشقا نۇرغۇن دالا خەلقلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقتەك قىلىدۇ. بۇ مۇمىيالار يەنە باشقا نۇرغۇن گۇرۇپپىلار شۇنداقلا مەركىزى ئاسىيانىڭ دېھقانچىلىق رايونلىرى بولغان باكتېرىيە، پەرغانە قاتارلىق ئارخېئولوگىيەلىك ئىزلار تەۋە بولغان خەقلەردىنمۇ پەرقلىنىدىغاندەك قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ سىرتتىكى باشقا خەلقلەر بىلەن ئارىلىشىپ كەتمىگەنلىكى ھەقىقەتەن بىر تاسادىپىيلىقتۇر.»

بىراق DNA ئانالىزىدا ئېيتىلىشىچە، چەرچەننىڭ كىچىك دەريا قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان بۇ جەسەتلەر ئىرسىيەت جەھەتتىن باشقىلارغا ئاشلىشىپ كەتمىگەن يەككە-يېگانە خەلق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە سېلىشتۇرغاندا، جۇڭغار ئويمانلىقىدىن تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ ئىرسىيەت ئۆرنەكلىرى ئۇلارنىڭ بۇ رايوندىكى مىس قوراللار دەۋرىدە ياشىغان باشقا ئاھالىلەر بىلەن ئىرسىيەت جەھەتتىن ئارىلاشقانلىقىنى كۆرسەتكەن. تەتقىقاتچىلار جۇڭغار ئادەملىرىنىڭ بۇنىڭدىن تەخمىنەن 5000 يىللار ئاۋۋالقى مىس قوراللار دەۋرىدە ئالتاي تاغلىرىدا ياشىغان كىشىلەر بىلەن مەلۇم ئىرسىيەت باغلىنىشى بارلىقىنى بايقىغان.

DNA ئانالىزى كىچىك دەريا قەبرىستانلىقىدىكى جەسەتلەرنىڭ «ئىرسىيەت جەھەتتىن يالغۇز بولغان يەرلىك ئاھالە ئىكەنلىكىگە ئائىت كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن تەمىنلىگەن» بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىن كۆپ خىل ۋە باشقا يىراق مەدەنىيەت ئېلېمېنتلىرىغا ئىگە بولۇشى تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. بەزى ئۇيغۇر ئارخېئولوگلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، چەرچەندىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقلاردىن قېزىۋېلىنغان جەسەتلەردىكى مەدەنىيەت ئېلېمېنتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن قويۇق ئالاقىسى بار ئىكەن.

1985-يىلى، چەرچەندىكى كىچىك دەريا قەبرىستانلىقىدىن باشقا بىر بىر قەبرىستانلىق بولغان زاغۇنلۇق يېزىسىدىكى قەدىمىي قەبرىلەرنى قېزىشقا قاتناشقان ئارخېئولوگ، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمنىڭ سابىق دىرېكتورى دوكتور دولقۇن قەمبىرى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرى قازغان قەبرىدىن چىققان بۇيۇملارنىڭ شۇ يەرلىك ئۇيغۇرلار ئىشىتىدىغان بۇيۇملارغا ئەينەن ‍ئوخشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دولقۇن قەمبىرى مۇنداق دېدى: «بىز قازغان قەبرىدىن تېپىلغان نەرسىلەر، مەسىلەن، يۇڭ توقۇلما ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەدە توقۇلغان يۇڭ توقۇلمىلار. بۇلارنىڭ كىيگەن كىيىملىرىمۇ خۇددى بىز ۋەتەندە ياشاۋاتقان چاغدا شۇ يەرلىك خەلق كىيگەن كىيىملەرگە ئوخشاپ كېتىدىكەن».

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار شۇ چاغدا بۇ بۇيۇملارغا قاراپلا بۇ كىشىلەرنى ‍ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى، ئىكەن، دېگەن خۇلاسىنى چىقارغان، ئەمما يەرلىك دائىرىلەر بۇ خۇلاسىگە سوئال قويغان.

دولقۇن قەمبىرى: «ناھىيەلىك پارتكومدىن خىتايلار كېلىپ، سىلەر ئۇيغۇرنىڭ ئاتا-بوۋىسى، دەپسىلەر، نەچچە مىڭ يىل، دەپسىلەر، بۇ قانداق گەپ، دېگەندىن كېيىن، بىز تېپىلغان كاۋاپ، كىيگەن كۆينىكى، چاپىنى، ئۆتۈكى، دوپپىسى ھەم تېپىلغان باشقا نەرسىلەرنى كۆرسەتتۇق. يۇڭ توقۇلمىدىن توقۇغان نەرسىسىمۇ تېپىلغان. شۇلارنى كۆرسىتىپ، بۇ ھازىرقى چەرچەننىڭ يەرلىك خەقلەر توقۇۋاتقان گىلەم، يۇڭ توقۇلمىلاردىن نېمە پەرقى بار؟ دېسەك جىم بولۇپ قالغان» دېدى.

بىراق چەتئەل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، كىچىك دەريا بويىدىكى قەبرىستانلىقتىن قېزىۋېلىنغان جەسەتلەر بىلەن تەڭ كۆمۈلگەن بۇيۇملار توغرىسىدا يەنىلا يېشىلمىگەن بەزى سىرلىق سوئاللار بار ئىكەن. تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ۋاگىش ناراسىمخان جەسەتلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن قۇملۇق ئوتتۇرىسىدا قولۋاققا ياتقۇزۇلۇپ، پالاق بىلەن تەڭ دەپنە قىلىنىشى، بۇ سىرلىق سوئاللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋاگىش ناراسىمخان مۇنداق دەيدۇ: «بۇ مەسىلىدە جەسەتلەر قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدا قولۋاققا ياتقۇزۇلۇپ، پالاق بىلەن تەڭ دەپنە قىلىنغان. بۇ يەردىكى سوئال، نېمە ئۈچۈن كىشىلەر قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدا، سۇ بولمىسىمۇ قولۋاققا ياتقۇزۇلۇپ دەپنە قىلىنىدۇ. ‍بۇ ناھايىتى سىرلىق ۋە قىزىقارلىق ئەھۋال. مانا بۇ ئۇنىڭ بىنورمال، دەپ قارىلىشىدىكى سەۋەب. ئۇنىدىن باشقا تېپىلغان نۇرغۇن نەرسىلەر ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى، رايوندىكى شۇ دەۋردە ياشىغان باشقا توپلار بىلەن مەدەنىيەت ئالاقىسى بارلىقىنى دەلىللەيدۇ».

لېكىن ئۇيغۇر ئارخېئولوگ، قەدىمكى يېزىقلار تەتقىقاتچىسى قۇربان ۋەلىنىڭ ئېيتىشىچە، توغراق ياغىچىنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئويۇپ، شۇنىڭغا سېلىپ دەپنە قىلىش بۇ رايوندىكى قەدىمكى خەلقلەرنىڭ بىرخىل ئ‍ۆرپ-ئ‍ادىتى ئىكەن. قۇربان ۋەلى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا يەنە بۇ جەسەتلەرنىڭ ئۈستىدىكى يۇڭ كىيىملەرنى ھازىرقى چەرچەن، چاقىلىق خەلقلىرىنىڭ «جاۋۇ» دەپ ئاتايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قۇربان ۋەلى مۇنداق دېدى: «بۇ مۇمىيالار توغراق ياغىچىنى ئىككى تەرەپتىن كېسىپ، ئوتتۇرىنى ئويۇپ، شۇنىڭغا سېلىپ دەپنە قىلىنغان جەسەتلەر. بۇ مۇمىيالارنىڭ بېشىغا كىيگەن ئۇزۇن تۇمىقى بار. بۇ كىگىزدىن ياسالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇنىڭ ئۈستىگە كىيدۈرۈلگەن كىيىملەر، بۇنى چەرچەن، چاقىلىق، خوتەن، كېرىيە تەرەپلەردە جاۋۇ، دەيدۇ. بۇ يۇڭ يىپتىن ئېگىرىپ توقۇلغان رەخت».

بىراق بۇ DNA ئانالىزىدا جاۋابسىز قالغان سوئاللارنىڭ بىرى، بۇ جەسەتلەرنىڭ تارىم ۋادىسىدىكى ھازىرقى يەرلىك خەلق-ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئالاقىسىدۇر. ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا بۇ جەسەتلەرنى ئۇنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىگە قاراپ ئۇيغۇرلارغا باغلىغان بولسىمۇ، بىراق خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدىن بۇنىڭغا ھېچقانداق ئىنكاس كەلمىگەن ئىكەن. ئۇ، بۇ نۆۋەت خەلقئارانىڭ تۇنجى قېتىم بۇ جەسەتلەرنىڭ كېلىش مەنىسىگە قارىتا دىئاگنوز قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ۋاگىش ناراسىمخاننىڭ ئېيتىشىچە، ‍ئۇلاردا بۇ كىشىلەرنىڭ مۇز دەۋرىدىكى ئەجدادلىرىدىن تارتىپ ئۇلارغا قەدەر يېتىپ كەلگەن جەرياننىڭ تولۇق ئىرسىيەت ئۇچۇرى بولمىسىمۇ، بىراق بۇ جەسەتلەرنىڭ DNA سى ئۇلارنىڭ مۇز دەۋرىدىكى ئەجدادلىرىغا دائىر ئۇچۇرلارنى بېرىدىكەن.

ۋاگىش ناراسىمخان: «گېننىڭ ئىزچىللىقى ھەمىشە كۆرۈلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز دائىم نوپۇس ئالمىشىش مەركەزلىرىنىڭ يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىمىز. بۇ جەسەتلەرنىڭ مەسىلىسىدە بىزدە مۇز دەۋرىدىن داۋاملىشىپ كەلگەن چوڭقۇر سانلىق ئۇچۇر مەلۇماتى يوق بولمىسىمۇ، بىراق بىز 10000 يىلدىن كېيىن بۇ رايوندا كەڭ تارقالغان بۇ خىل ئەجدادلارنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز» دېدى.

ئارخېئولوگىيە ئۇيغۇر ئېلىدە ئىزچىل ئىختىلاپتىكى ئىنتايىن نازۇك ساھەلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. بۇ قېتىم «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تارىم ئويمانلىقىدىكى قەدىمكى جەسەتلەرگە ئائىت DNA ئانالىزى، خىتاينىڭ 2017-يىلدىن باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر لاگېر، تۈرمىلەرگە قامالغان، كارخانىلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تىلى، دىنىي ئېتىقادى چەكلىنىپ، خەلقئارادا چوڭ مەسىلىگە ئايلانغان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ تۇتقۇنىدا ئۇيغۇر ئارخېئولوگلار، تارىخشۇناسلار، ئىنسانشۇناسلار، سەنئەتچى ۋە يازغۇچىلار ئۇنىڭ باستۇرۇش نىشانلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

2017-يىلى چوڭ تۇتقۇن باشلانغان ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە خىزمىتى يىغىنى چاقىرىپ، ئارخېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ «بۆلگۈنچىلىككە» قارشى كۈرەشنى نىشان قىلىشى، مەدەنىي يادىكارلىقلارنىڭ خەلق ئاممىسىغا «شىنجاڭ ئەزەلدىن تارتىپ خىتاينىڭ بىرقىسمى» دېگەن ئۇقۇمنى سىڭدۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان. يىغىندا چېن چۈەنگو «شىنجاڭ سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئالغا سۈرۈش، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئارخېئولوگىيە خىزمىتىگە ئېھتىياجلىق» دېگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.