«جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى» ئانا تىل ئوقۇتۇشى بىلەن مىللىي مەدەنىيەت مۇھىتىنى قانداق بىرلەشتۈردى؟
2024.05.09

ئۇيغۇر ئانا تىلى ئوقۇتۇشىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە بايراملىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئەمەلىي ئوقۇتۇش مىتودى، نۆۋەتتە ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىدە تەشەببۇس قىلىنىپ، ئۈنۈمى كۆرۈلمەكتە. ئىگىلىشىمىزچە، ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدىكى «جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى» بۇ يىل 5-ماي كۈنىدىكى «ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى» دا، بۇ خىل ئوقۇتۇش مېتودىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلغان.
«جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى» نىڭ 5-ماي كۈنىدىكى پائالىيىتى ھەققىدە فېيسبۇك، ئىنستگرام قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلىگەن سىن كۆرۈنۈشلىرى تارقىتىلغان. ئۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ تەڭلا شۇ كۈنىدىكى پائالىيەتكە قاتناشقانلىقى، ئوقۇغۇچىلار كۆرسەتكەن سەنئەت نومۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش مەدەنىيىتى بىلەن ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىرلەشتۈرۈلگەنلىكى، شۇنداقلا «دوپپا بايرىمى» نىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئەنئەنىسى ۋە ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنى ھېس قىلدۇرۇشتا مۇھىم سەھنە بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
«جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى» نىڭ نۆۋەتتىكى مەكتەپ مۇدىرى يۇلتۇز تېيىپجان خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى ھەر يىلى دېگۈدەك ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە ئىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنداق پائالىيەتلەردە ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇھىتى بىلەن تويۇنغان بايرام كەيپىياتىنى ئۆزى بىۋاسىتە ھېس قىلىدىكەن، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزىنى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇھىتى ئىچىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارايدىغان كىملىك تۇيغۇسى كۈچىيىدىكەن.
يۇلتۇز خانىم يەنە بۇ يىلقى دوپپا بايرىمىنىڭ مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ئورۇندىغان سەنئەت پىروگراممىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى؛ ئۇلارنىڭ شۇ كۈنىدىكى پائالىيەتلەر داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى ۋە مېھمان كۈتۈش ئادەتلىرى بىلەنمۇ تونۇشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
مەكتەپ مۇدىرى يۇلتۇز خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ يىلقى «5-ماي ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى» دا ئاۋسترالىيەگە ئۇيغۇر ئانا تىل ئوقۇتۇشىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، روبېرت ۋىلسون قاتارلىق تەتقىقاتچىلارنىمۇ كۈتۈۋالغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئادېلايد شەھىرىگە يېتىپ بارغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىمۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ، ئادېلايد شەھىرىدىكى «جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى» نىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى، بۇ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «5-ماي دوپپا بايرىمى» دىكى نومۇرلىرىدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش مېتودىدا ئەمەلىي ئۈنۈملەرنىڭ كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئۆزلىرى ئىشلەۋاتقان غەرب دۆلەتلىرىدىكى «ئۇيغۇر ئانا تىل ئوقۇتۇش ئەھۋالى» نى تەكشۈرۈش پىروگراممىسى بويىچە، دەسلەپ ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، بۇ قېتىم ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە بارغان ئىكەن.
ئۇ، بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ «جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى» دىكى بىرقانچە كۈنلۈك تەكشۈرۈشتىن كېيىن، ئۇيغۇر ئانا تىلى ئوقۇتۇشىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە بايراملىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىشنىڭ مېتود جەھەتتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمىنىڭ قانچىلىك بولۇۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.