ئاۋسترالىيە ماگنىتسكىي ئۇسلۇبىدىكى يېڭى قانۇننى ئويلاشماقتا

0:00 / 0:00

ئامېرىكالىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى، ئاتاقلىق كىنو چولپىنى جورجى كلونېينىڭ ئايالى ئامال كلونېي، ئامېرىكالىق مىلياردېر بىل بروۋدېر، رۇسىيە ئۆكتىچى سىياسىيونى ۋىلادىمىر كارا-مۇرزا قاتارلىقلار ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق يىغىنىغا ۋىدېيو ئارقىلىق قاتنىشىپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى «ماگنىتسكىي قانۇنى» نى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرغانىدى.

بولۇپمۇ ئامال كلونېينىڭ ئاۋسترالىيە پارلامېنتىغا ۋىدېيو ئارقىلىق بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزىدە ئاۋسترالىيەنىڭ قانۇن چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشقا قاتنىشىۋاتقان شىركەت ۋە شەخسلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئالاھىدە ئىنكاس قوزغىغانىدى. ئۇ سۆزىدە «ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا چېتىشلىق بارلىق شىركەتلەرنى نىشانغا ئېلىشى، بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى بىر يېرىم مىليوندەك ئۇيغۇر قامالغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكى» نى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋسترالىيە ئۆزىنىڭ ماگنىتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنى ماقۇللاپ، كىشىلىك ھوقۇق كۈشەندىلىرىگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك ئىكەن.

ماگنىتسكي قانۇنى رۇسىيە ئەمەلدارلىرىنى باج ئالدامچىلىقى بىلەن ئەيىبلىگەندىن كېيىن موسكۋا تۈرمىسىدە قازا قىلغان ئادۋوكات سېرگېي ماگنىتسكىينىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان بولۇپ، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە كانادا بۇ قانۇندىن پايدىلىنىپ، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقىغا تاقابىل تۇرماقتا.

كلونېي خانىم شۇ كۈنى ئامېرىكادىن سىن ئۇلىنىشى ئارقىلىق ئاۋسترالىيە پارلامېنت كومىتېتىغا: «مېنىڭچە ئاۋسترالىيەنىڭ ماگنىتسكي كۇلۇبىغا قوشۇلىدىغان ۋاقتى كەلدى» دېگەن.

ئۇ نۆۋەتتە ئاۋسترالىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلىشىنى توسىدىغان يېتەرلىك چەكلەش تەدبىرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ؛ «چىقىرىلغۇسى قانۇندا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق شىركەت ۋە شەخسلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشىغا يول قويۇلسا، بۇنىڭ ئىجابىي رولى بولىدۇ» دېگەن. ئاۋسترالىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق ئاخباراتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكادىن ئۈلگە ئېلىپ، شۇنىڭكىگە ئوخشاش بىر قانۇن چىقىرىش ھەققىدە پىكىر ئېلىشنى باشلىۋەتكەن.

ئامال كلونېي مۇنداق دېدى: «ئاۋسترالىيە خەلقئارا جىنايەتچىلەرنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلەيدىغان قانۇنلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دۇنياۋى داھىيسى بولالايدۇ».

ئاۋسترالىيە «ساما خەۋەرلىرى» يەنى «سكي نەۋس» نىڭ 18-ماي تارقاتقان خەۋىرىدە ئەركىن قوللىغۇچى كېۋىن ئاندرېۋس «ئاۋسترالىيە ماگنىتسكىي ئۇسلۇبىدىكى ھەرىكەتنى قوللىنىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، بۇ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنىڭ ئېرىشكەن پايدىسىنى ئاۋسترالىيە ئىچىدە ئۆتكۈزمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن»، دېگەن.

ئەمەلىيەتتە، ئاۋسترالىيەدە بۇ قانۇن 2018-يىلى رەسمىي تۈردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ تونۇشتۇرۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، ماگنىتسكي قانۇنىنىڭ تەشەببۇسچىسى مىلياردېر بىل براۋدېر بۇ قېتىمقى پارلامېنت يىغىنىدا مەزكۇر قانۇننىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە ئامال كلونېينىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان كىشى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 16-ماي مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىل براۋدېر ئەپەندى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئېچىلغان بۇ يىغىننىڭ بىر قانچە يىللاردىن بېرى ئاۋسترالىيەنىڭ ماگنىتىسكي قانۇنىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەت ۋە تىرىشچانلىقلارنىڭ نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن مۇھىم بىر ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا ئامال كلونېي قاتارلىق 6 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋە قانۇنچىلار ۋىدېيو ئارقىلىق قاتناشتۇق. كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئېلىنغان تەدبىرلەر تۈپەيلىدىن يىغىننى ۋىدېيو ئارقىلىق ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلدى. بۇ ئەمەلىيەتتە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى بولۇپلا قالماي، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر، فالۇنگوڭ قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ماگنىتسكي قانۇنىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى تەشەببۇس قىلغان ئاممىۋى پىكىر ۋە ئىمزالىق تەكلىپلىرىنى كۆرۈپ چىقىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بىر ئىسپات يىغىنى. بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ماگنىتسكي قانۇنى قوللىنىش ئارقىلىق جازالاشنى كلوني خانىم ۋە مەنمۇ ئوخشاشلا ئوتتۇرىغا قويدۇق».

بىل براۋدېر ئەپەندى، ئادۋوكات ئامال كلونېينىڭ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغۇچىلارغا قاراتقان ئىقتىسادىي جازانى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىشىدىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇ تەلەپلىرىنىڭ پارلامېنتتا ئالاھىدە تەسىر قوزغىغانلىقىدىن ناھايىتى سۆيۈنگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە كورونا ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان دۇنياۋى تەھدىت سەۋەبلىك دۇنيا جامائەتچىلىكى ھەم ھۆكۈمەتلەرگە تېخىمۇ ئېنىق ئىپادىلەندى. بۇ، ماگنىتسكي قانۇنىنى قوبۇل قىلىش تەشەببۇسىمىزغا قارىتا ھۆكۈمەتلەرنىڭ يەنىمۇ جىددىي قارىشىغا تۈرتكە بولماقتا دەپ قارايمەن. مەن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە قانۇننى قوبۇل قىلىشىغا كۆزۈم يېتىدۇ. ماگنىتسكي قانۇنى ئاۋسترالىيەدە تەستىقلىنىپ تەتبىقلىنىشتىن كېيىن، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندە قىلغۇچىلىرىنى بۇ ماگنىتسكي قانۇنى ئارقىلىق جازالاشنىڭ خەلقئارالىشىشىدا زور رول ئوينايدۇ. مەن ئېيتىپ كېلىۋاتقاندەك ئۇيغۇرلار ئەمەلىي قوللاش ۋە ئادالەتكە موھتاج. مەن ماگنىتسكي قانۇنىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردە تەتبىقلىنىشى بىلەن ئۇيغۇرلار بېرىۋاتقان قۇربانلارنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈشتە ئىجابىي رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىپ كەلدىم».

«ساما خەۋەرلىرى» گە قارىغاندا بۇ قانۇن ئارقىلىق جىنايەتچىلەرنىڭ ئاۋسترالىيە ئىچىدە پۇل خەجلىشىنى توسقىلى بولىدىكەن. ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ ئىككى پارتىيەدىن تەركىب تاپقان تاشقى ئىشلار كومىتېتى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارغا قارىتا مال-مۈلكىنى توڭلىتىش، ساياھەت چەكلىمىسى يۈرگۈزۈش قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئويلاشماقتا. ئاۋسترالىيە «يەرشارى ماگنىتسكىي قانۇنى» ئارقىلىق ئىراق ۋە ئۇگاندا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 94 كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىسىغا جازا يۈرگۈزگەن ئامېرىكاغا ئەگىشىدىكەن.

ھوللېۋود كىنو چولپىنى جورج كلونېينىڭ ئايالى، ئاتاقلىق قانۇنشۇناس ۋە ئادۋوكات كلونېي خانىم، قاتىللىق، قىيناش، جىنسىي زوراۋانلىق، چىرىكلىك، يالغان ئەيىبلەش بىلەن تۇتۇپ تۇرۇش، تاراتقۇلارنى جىمىقتۇرۇش، شۇنداقلا ئىرق، دىنىي سەۋەبلەردىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىتىش قاتارلىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرز قىلىش قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغۇچىلارغا قارىتا ماگنىتسكي قانۇنى ئارقىلىق جازا قوللىنىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان.

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىن تەشكىل تاپقان ئۇيغۇر ھەيئىتى، 2018-يىلى 12-ئايدا كانبېررادىكى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا يېشىللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ۋە باشقا پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئاۋسترالىيە پارلامېنتى چىقارماقچى بولغان ماگنىتسكىي قانۇن لايىھەسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. خەلقئارادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى تەرز قىلىش مەسىلىسىدە ئىزچىل ھالدا ئاۋسترالىيە پارلامېنتىغا چاقىرىق قىلىشلىرى نەتىجىسىدە ئاۋسترالىيە ماگنىتسكي قانۇنىنىڭ ئاۋسترالىيە نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان. پارلامېنت ئەزاسى مايكېل دانبى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ھەرىكەتنىڭ رەسمىي ئىسمى 2018-يىللىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە چىرىكلىك قانۇن لايىھىسى بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ناچارلىقىنى ئەيىبلەش ۋە باشقىلاردا ئۇيغۇرلار مايكېل دانبى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلاشقانىدى.

ئۆتكەن يىلى نويابىردا ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان «قورقۇنچلۇق» مۇئامىلىسى، خوڭكوڭ ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى سەۋەبلىك خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە خاتىمە بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئاۋسترالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار ۋە سودا مىنىستىرلىقى ئۆتكەن يىلى، 18‏-نويابىر خىتاي بىلەن بولغان 20 نەچچە يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە خاتىمە بەرگەنلىكى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە ئاجراتقان 4. 7 مىليون دوللارلىق كىشىلىك ھوقۇق تېخنىكا ياردەم پروگراممىسىنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر پروگرامما 3 يىل ئاۋۋال يولغا قويۇلغانىكەن.

يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئاۋسترالىيە پارلامېنتىغا يەرشارى ماگنىتسكي قانۇنى ئارقىلىق مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماشتا قولى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاۋسترالىيەدىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن دوكتور نۇرگۈل ساۋۇت خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق يىغىنىنىڭ ياخشى نەتىجە بېرىدىغانلىقىغا زور ئۈمىد پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرگۈل خانىم يەنە تۇنجى قېتىم يۇقىرى خەلقئارالىق تەسىرگە ئىگە كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ئامال كلونېينىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن ماگنىتسكي قانۇنىنى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقا تەدبىقلاشنى تەشەببۇس قىلىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇنىڭ، يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان تەلەپلىرىنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنىپ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارشى رەسمىي شەكىلدە تەدبىر قوللىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ئىشەنچىسىنى بىلدۈردى.

بىل براۋدېر مۇنداق دېدى: «بىز تارىختا گېرمانىيەدە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلىمىز. ئەمدىلىكتە بۇ تارىخىي پاجىئەنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەزىل قىلمىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن تەكرارلىنىشىغا ھەر قانداق ئادەم بولۇپمۇ غەربتىكى دۆلەتلەر قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك، ھازىرقى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە بولغان ماگنىتسكي قانۇنىنى تەتبىقلىغىنىمىزدا، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇش دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئۇيغۇرلار يەنىمۇ زور كۆڭۈل بۆلۈشىمىزگە لايىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل باستۇرۇش ھەرىكىتىنى چەكلەش زۆرۈر، مېنىڭچە ئاۋسترالىيەنىڭ بۇ قانۇننى قوللىنىشى پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى دەپ قارايمەن.»