ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچ كۈندىن بۇيان يىغىن-مۇراسىم ۋە ھەر خىل پائالىيەتلەر ئېلىپ باردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2019-12-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

29-نويابىر جۈمە كۈنى ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئادېلايدې شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئادېلايدې شەھىرىگە زىيارەتكە كەلگەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىم بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش تەپتىشى ئابلىكىم ئىدرىسنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتتە ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد ئەپەندى قارشى ئېلىش سۆزى قىلغان. كېيىن روشەن ئابباس خانىم ۋە ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلغان.

شۇ كۈنى ئەتىگەندە روشەن ئابباس خانىم ۋە ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد مىجىد قاتارلىق جەمئىيەت ئىدارە-ھەيئىتى ئەزالىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا جەنۇبىي ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلغان ۋە ناشتىلىق زىياپەتكە قاتناشقان. ئۇيغۇر ھەيئەت پارلامېنت زالىغا كىرگەندە ئۇلار زالدىكى چوڭ ئېكراندا كۆرسىتىلىپ ئىسىملىرى ئېلان قىلىنغان ۋە يىغىن باشقۇرغۇچى ئۇلارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. يىغىندا روشەن ئابباس خانىم ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن.

روشەن ئابباس خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ يىغىندا توختالغان تېمىسى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى. روشەن ئابباس خانىم يىغىندا، ئامېرىكادا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەر ۋە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان يېڭىلىقلار توغرىسىدا سۆز قىلغان.

ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى تاش ھاجىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، روشەن ئابباس خانىم ۋە ئابلىكىم ئىدرىس قاتارلىق ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋەكىللىرى ئادېلايدې شەھىرىدە زىيارەتتە بولۇپ، پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان كۈنلەردە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر سەنئەتچى شۆھرەت تۇرسۇننىڭ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان مۇقام ئانسامبىلى ئۆز سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتكەن. ئىگىلىنىشىچە بۇ مۇقام ئانسامبىلى ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشماقتا ئىكەن. ئۇلار ئاۋستىرالىيەدە مۇقام سەنئىتىنى نامايان قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇپ پائالىيەتلىرىنىمۇ ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. مەزكۇر مۇقام ئانسامبىلىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 30-نويابىر كۈنى ئادېلايدې شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مۇقام سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ سەنئەت كېچىلىكىدە ئۇيغۇر سەنئەتچىلەر ئۇيغۇر مۇقامى ۋە ھەر خىل سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتكەن. بۇ سەنئەت كېچىلىكىگە ئۇيغۇرلار ۋە ئاۋسترالىيەلىك بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان. بۇ سەنئەت كېچىلىكىگە ئامېرىكا، كانادا، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق ئەللەردىن ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبۇرن، سىدنېي قاتارلىق شەھەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر سەنئەتچى شۇنداقلا ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلىنىڭ قۇرغۇچىسى شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ قېتىمقى سەنئەت كېچىلىكى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلىنىڭ قۇرۇلۇش باسقۇچى ۋە غايە-مەقسەتلىرىنى توغرىسىدا توختالدى.

شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندى، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلىنىڭ 2019-يىلى 20-ئىيۇل كۈنى ئاۋىسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ ئانسامبىلىنىڭ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ياشلارنى سەنئەت بىلەن تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بارسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاۋستىرالىيەنىڭ سىدنېي، مېلبورن، ئادېلايدې قاتارلىق ھەر قايسى جايلىرىدا سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇنداش ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار مۇقام سەنئىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى، سەنئىتى ۋە مەدەنىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ئۇ، ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنى ئورۇنداش جەريانىدا كىشىلەردىن ناھايىتى ياخشى ئىنكاس ۋە باھالارغا ئېرىشكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر ئېغىر ئەھۋالغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنى ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە تېز سۈرئەتتە كۆپلىگەن كىشىلەرگە بىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندى سۆزىدە يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنى يوق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىنى يوق قىلىۋاتقانلىقىنى، مەسچىتلىرىنى چېقىپ دىنىي ئالىملارنى يوق قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك يەنە يازغۇچىلار، ئالىملار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى ۋە ھەتتا سەنئەتكارلارنىمۇ زەربە بېرىش نىشانى قىلغانلىقىنى، بۇنداق كىشىلەرنىڭ كۆپىنىڭ تۈرمە ۋە لاگېرلارغا سولانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى يەنە ئادېلايدې شەھىرىدە، ئادېلايدې ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپى، سىدنېي ۋە مېلبۇرن شەھەردىكى شۇنداقلا يېڭى زىللاندىيەدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ كېچىلىكى پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ بۇ پائالىيەتكە روشەن ئابباس خانىم ۋە يولدىشى ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى شۇنىڭدەك ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان. پائالىيەتتە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلىنغان ۋە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ھەر خىل نومۇر كۆرسەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش تەپتىشى ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ ئاۋستىرالىيەدىكى پائالىيەتلىرى بىر ھەپتە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ جەرياندا ھەر خىل يىغىن ۋە پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە دۆلەت ئورگانلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت