ئادېلايدې شەھىرىدە «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىيىنچىلىق ئەھۋاللىرى» دېگەن تېمىدا يىغىن يىغىن ئېچىلدى

0:00 / 0:00

2-دېكابىر دۈشەنبە كۈنى ئادېلايدې شەھىرىدە جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىيىنچىلىق ئەھۋاللىرى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىغىندا جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى، ئادېلايدې شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئاۋستىرالىيەنى زىيارەت قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش تەپتىشى ئابلىكىم ئىدرىس قاتارلىق مېھمانلارمۇ قاتناشقان.

يىغىندا، روشەن ئابباس خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن. يىغىندا يەنە ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد مىجىت، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش تەپتىشى ئابلىكىم ئىدرىس، جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئىسلام فېدېراتسىيەسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن پروفېسسور مۇھەممەد ئابدۇللا قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلغان.

يىغىندا سۆز قىلغان روشەن ئابباس خانىم، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىشغال قىلىنغان بىر زېمىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە «شەرقىي تۈركىستاندىكى 3 مىليون ئەتراپىدا كىشى ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقى سەۋەبىدىن يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامالدى» دېگەن.

روشەن ئابباس خانىم سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكىنىڭ چەكلەنگەنلىكى، مەسچىتلەرنىڭ چېقىلغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ يېنىغا جەسەت كۆيدۈرۈش ئۆيلىرى ياسىلىپ ئىنسانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن-قىستاققا ئېلىنىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

روشەن ئابباس خانىم سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق 24 سائەت نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۈستى ئوچۇق بىر تۈرمىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا روشەن ئابباس خانىم، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان جازا لاگېرلىرىنى دۇنياغا چىرايلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن، «كەسپى تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ كۆز بويامچىلىق قىلىۋاتقانلىقىغا رەددىيە بەردى ۋە بۇنىڭغا قارىتا نەچچە يۈزلىگەن دوكتور ۋە پروفېسسورلار، ئىلىم ئەربابلىرى، يازغۇچى-شائىر ۋە زىيالىيلارنىڭ كەسىپ ئۆگىنىشكە ئېھتىياجى يوقلۇقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاينىڭ ئۇلارنى نېمە ئۈچۈن لاگېرغا سولىغانلىقى توغرىسىدا سوئال قويدى. روشەن ئابباس خانىم سۆزىدە يەنە ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ كەسپى دوختۇر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ باشقا بىر كەسپىي ئۆگىنىشكە ئېھتىياجى بولمىسىمۇ لاگېرغا قاماپ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئاچىسى قاتارلىق پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا سۆز قىلغان جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى پروفېسسور مۇھەممەد ئابدۇللاھ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى ئەركىنلىكىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، دىندىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن جازا لاگېرلىرىغا سولانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىن ئاخىرىدا روشەن ئابباس خانىم يىغىن ئەھلىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش تەپتىشى ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ يىغىن توغرىسىدا توختىلىپ، بۇ يىغىننىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، بۇ يىغىننى جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئىسلام جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيەسى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئادېلايىدتا تۇرۇشلۇق كونسولخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇشەن ئابباس خانىم ئادېلايدې شەھرىدە، ئابك رادىئو، پودكاست، ۋە بىر قانچە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلىگەن.

ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى روشەن ئابباس خانىم بىلەن بىرگە ئاۋسترالىيەدە داۋام قىلىۋاتقان زىيارىتى توغرىسىدا توختىلىپ، ئادېلايدې شەھىرىدە يەنە ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا لېكىسىيە بەرگەنلىكىنى، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئايرىم ئولتۇرۇپ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا قانداق خىزمەت پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

3-دېكابىر كۈنى يەنە جەنۇبىي ئاۋسترالىيە پېرىس شەھىرىدە ئامېرىكا كونسولخانىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن يەنە بىر يىغىن ئېچىلغان بولۇپ بۇ يىغىندا رۇشەن ئابباس خانىم ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكىلات بەرگەن.

بىز رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ ئاۋستىرالىيە زىيارىتى ۋە يىغىندا يىغىندا سۆزلىگەن مەزمۇنلار توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. رۇشەن ئابباس خانىم ئۆزىنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى.