خىتاي ئاۋسترالىيەنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ئالماس نىزامىدىننىڭ قاماقتىكى ئانىسى ۋە ئايالى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.04.02
2019.04.02
ئاۋسترالىيە پۇقراسى ئالماس نىزامىدىن تۈرمىدىكى ئايالى بۇزەينەپ ئابدۇرېشىت ۋە قاماقتىكى ئانىسى زۇلپىيە جالالىدىن ھەققىدە خىتاي دائىرىلىرىدىن ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان ۋە بۇ ئەھۋالنى بىر يىلدىن بۇيان ئالاقىدار ھۆكۈمەت ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىغا بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۇ تۈنۈگۈن، يەنى 1-ئاپرېل كۈنى بۇ ھەقتە ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن خەت تاپشۇرۇۋالغان. خەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەرەپ ئاۋسترالىيەنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ئالماس نىزامىدىننىڭ ئايالىنىڭ ئاتالمىش «توپلىشىپ جامائەت تەرتىپىنى بۇزۇش جىنايىتى» بىلەن ئەيىپلىنىپ 7 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە ئانىسىنىڭ ئوخشاش جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.