ئاۋستىرالىيەدىكى «شىنجاڭ جەمئىيىتى» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئىچكى مۇناسىۋىتى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2020-09-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئاۋستىرالىيەنىڭ «قانال 9» تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ جەمئىيىتى» توغرىسىدىكى پروگراممىسىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان.
ئاۋستىرالىيەنىڭ «قانال 9» تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ جەمئىيىتى» توغرىسىدىكى پروگراممىسىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان.
RFA/Arslan

ئاۋستىرالىيەنىڭ «قانال 9» تېلېۋىزىيەسى جەنۇبىي ئاۋستىرالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدە قۇرۇلغان ئاتالمىش «شىنجاڭ جەمئىيىتى» نىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىگىلىنىشىچە، ھازىر بۇ جەمئىيەت ئۈستىدىن ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

«ئادىلايد قانال 10» تىلىۋېزىيەسى ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايد شتاتلىق پارلامېنت ئەزاسى جىڭ لىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن يېقىن مۇناسۋېتى بار دەپ قارىلىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ جەمئىيىتى» بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈدى.

بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئاۋستىرالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى ئەپەندى ئالدى بۇ جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبلىرى ۋە تارىخى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «جەنۇبىي ئاۋستىرالىيەدە تىزىمغا ئېلىنغان ‹شىنجاڭ جەمئىيىتى› دېگەن بۇ ئاتالمىش جەمئىيەت 2009-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان. بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى مۇنداق: 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەدىن كېيىن غەرب دۇنياسىدا، بولۇپمۇ ئاۋستىرالىيەدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەڭسىز مۇئامىلىسىگە ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى سادالار كۈچەيدى. مۇخبىرلار خىتاينىڭ رەزىللىكلىرىنى خەۋەر قىلىشقا باشلىدى. سىياسىيونلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. مۇشۇنداق بىر شارائىتتا خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ ئالدامچىلىق تاكتىكىسىنى ئىشقا سېلىپ، كامبېرا شەھىرىدە ‹تەڭرىتاغ تورى› نامىدا بىر تور بېكەت ئېچىش ئارقىلىق يالغان-ياۋىداق تەشۋىقات تارقاتتى. 2009-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبىي ئاۋستىرالىيەدىكى ئادېلايد، ۋېكتورىيە قاتارلىق رايونلاردا ئاتالمىش ‹شىنجاڭ جەمئىيىتى› دېگەن جەمئىيەتلەرنى قۇرۇپ چىقتى. جەنۇبىي ئاۋستىرالىيەدە قۇرۇلغان بۇ جەمئىيەتكە ئاساسلىق ئىشتىراك قىلغۇچىلار خىتاي كونسولخانىسى، خىتاينىڭ ئاۋستىرالىيەدە ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان ‹بىرلىكسەپ› نامدىكى ئورگىنى ۋە باشقا ئايرىم شەخسلەر بولدى.»

نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى ئاۋسترالىيەدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ جەمئىيىتى» گە خىتاي بىلەن توي قىلغان خالىدە ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئەزا ئىكەنلىكىنى، قالغان ئەزالىرىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدىن كېلىپ ئاۋسترالىيەدە ئولتۇراقلاشقان خىتايلاردىن تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى ئاتالمىش «شىنجاڭ جەمئىيىتى» نىڭ پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇلار جەنۇبىي ئاۋستىرالىيەدە شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان ھەقىقىي ئەھۋالنى بۇرمىلاپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىتىنى ئاقلاپ، ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ئاۋۇستىرالىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە قارشى يالغان ئۇچۇرلارنى تارقاتقان. بۇ 11 يىل مابەينىدە خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ جەمئىيەتنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق جەنۇبىي ئاۋستىرالىيەنىڭ ئاخبارات، سىياسەت ۋە ئىلمىي ساھەلىرىدىكى بىر قىسىم شەخسلەرنى سېتىۋېلىش، ئۇلارغا پارا بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنغان.»

نۇرمۇھەممەد تۈركىستان ئەپەندى ئاتالمىش «شىنجاڭ جەمئىيىتى» نى جەنۇبىي ئاۋسترالىيە پارلامېنتى قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان جىڭ لى ئىسىملىك (ئەسلى مالايسىيالىق خىتاي بولۇپ، كېيىن ئاۋسترالىيە پۇقراسى بولغان) بىر خىتاي ئايالنىڭ قوللاپ كېلىۋاتقانلىىنى بىلدۈردى.

نۇرمۇھەممەد تۈركىستان ئەپەندى بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «يېقىندا جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئاخباراتلىرى ۋە سىياسىيونلىرىنىڭ نەزىرىدە بۇ مەسىلە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئاتالمىش ‹شىنجاڭ جەمئىيىتى› نىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقى بىلەن ماڭدىغانلىقى ۋە شۇنداقلا خىتاي مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق بەس-مۇنازىرىلەر بولۇۋاتىدۇ.»

نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ جەمئىيىتى» نى شەرقىي تۈركىستاندىكى ھازىرقى ئېچىنارلىق ئەھۋالنى تۈپتىن بوراپ، ئۇنى باشقىچە چۈشەندۈرىدىغان سېپى ئۆزىدىن يالغانچى تەشكىلات دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى ئەپەندى يەنە ئاتالمىش «شىنجاڭ جەمئىيىتى» توغرىسىدا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەت ئەربابلىرىغا، سىياسىيونلارغا، مۇخبىرلارغا ۋە ئىلمىي ساھەدىكى تەتقىقاتچىلارغا خەت يېزىپ، بۇ «جەمئىيەت» نىڭ ئەمەلىيەتتە بېيجىڭدىن باشقۇرۇلىدىغان ۋە خىتاي مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، ئاۋستىرالىيەنىڭ دېموكراتىك قىممەت قارشىغا قارشى بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاۋسترالىيەنىڭ «قانال-9» تىلىۋېزىيە قانىلى بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر تارقىتىپ، ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايد شتاتلىق پارلامېنت ئەزاسى جىڭ لىنىڭ خىتاي كوممۇنسىت پارتىيەسى بىلەن يېقىن ئالاقىسى بار دەپ قارىلىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ جەمئىيىتى» بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.

«قانال-9» تېلېۋىزىيەسى ئادېلايدتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىش قىلىۋاتقان ۋىدېيو كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن بېسىم سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر جەنۇبىي ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتى، ئاۋستىرالىيە فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلار جەنۇبىي ئاۋستىرالىيەدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ جەمئىيىتى» ئۈستىدىن قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

ئاۋستىرالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى تاش يارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ جەمئىيىتى» ئۆزلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئورۇنغان. ئاۋستىرالىيەنىڭ مىللىي مەدەنىيەت پائالىيەت كۈنلىرىدە خىتايلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىيچە كىيىملىرىنى كىيدۈرۈپ، بىر قانچە قېتىم مەدەنىيەت پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. ئاتالمىش «شىنجاڭ جەمئىيىتى» نىڭ خىتاي ئەزالىرى ئىلگىرى ئاۋسترالىيەدىكى مىللىي مەدەنىيەت پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مىللىي كىيىملىرىنى كېيىپ، پائالىيەتكە قاتناشقان ۋە بىرىنجى بولۇپ مۇكاپات ئالغان ئىكەن.

تاش يارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋستىرالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى بىر قانچە قېتىم مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-ئورگان ۋە مۇھىم شەخسلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، بۇ مەسىلە ئۈستىدە سۆزلەشكەن. 2016-يىلىدىن باشلاپ ئاۋسترالىيەدىكى دۆلەتلىك بايرام ۋە پائالىيەتلەرگە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن خىتايلارنىڭ قاتنىشىشىنىڭ ئالدى ئېلىنغان. ئاۋستىرالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى بۇنداق پائالىيەتلەردە ئۆز رولىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان.

ئادېلايد «قانال-10» تىلىۋېزىيە قانىلى پارلامېنت ئەزاسى جىڭ لىنىڭ «شىنجاڭ جەمئىيىتى» بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىنى ئېلان قىلدى. «قانال-10» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىدە جىڭ لېينىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: «مەن بىر پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن يۈزلىگەن ئوخشىمىغان ھەر خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشتىم. مېنى ئۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئادەملىرى بىلەن ئالاقىسى بار دەپ قاراش ئورۇنسىز.»

ئادىلايد «قانال-10» تېلېۋىزىيە قانىلى جىڭ لىنىڭ «شىنجاڭ جەمئىيىتى» ئۇيۇشتۇرغان يىغىن مۇراسىملىرىغا قاتناشقان ۋاقىتتا چۈشكەن خاتىرە رەسىملەرنى كۆرسەتكەن.

جىڭ لى بايانات بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «شىنجاڭ جەمئىيىتى» بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ «شىنجاڭ جەمئىيىتى» نىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقى توغرىسىدا خىتاينىڭ ئادېلايد شەھىرىدىكى كونسۇلخانىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە سۈرەتلىرى بىلەن قوشۇپ ئېلان قىلىنغان.

ئادېلايىد شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىنىڭ تور بېتىدە بىلدۈرۈشىچە، 2019-يىلى 27-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاتالمىش «شىنجاڭ جەمئىيىتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا ئادېلايد شتاتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى جىڭ لىنىڭ قاتناشقانلىقى يېزىلغان. جىڭ لىنىڭ «شىنجاڭ جەمئىيىتى» نىڭ ئەزالىرى ۋە ئادىلايدتىكى خىتاي كونسولى خې لەنجىڭ قاتارلىقلار بىلەن بىرگە چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت