ئۇيغۇر ھەيئەت پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئاۋسترالىيەنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدى
2022.09.08
ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىدىن بولۇپ 6 كىشىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت 9-ئاينىڭ 5-كۈنى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئۈچ نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بىلەن ئۇچرىشىپ تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەن.
ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى مەمەت ئوبۇل، مۇئاۋىن رەئىسى گۈلمىرە زۇنۇن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھاجىرلار كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى مەخمەت جەلەپچى، د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن تەپتىشى جۈرئەت ئابدۇكېرىم، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى تالغات ئابباس ۋە سىدنېيدىكى ئاممىغا ۋاكالىتەن رىزۋانگۈل زۇنۇن قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت ئاۋسترالىيەنىڭ پايتەختى كانبېرراغا بېرىپ، ئۈچ نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بىلەن كۆرۈشكەن. ئاۋسترالىيە لىبېرال پارتىيەسىنىڭ لىدىرى سىمون جون بىرمىنخام (Simon John Birmingham)، يېشىللار پارتىيەسىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل لىدىرى جوردون ستەئەلە-جوھن (Jordon Ste’ele-John)، پارلامېنت ئەزاسى جەيمىس پاترسون (James paterson) ئەپەندىلەر ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بەزى ۋەدىلەرنى بەرگەن. مەمەت ئوبۇل ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە 31-ئاۋغۇستتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنىڭ ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا تەسىرى زور بولغان.
بۇ ئۇچرىشىش توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، مەخمەت ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 6 كىشىلىك بىر ھەيئەت بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش ۋە تەلەپلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەقسىتى بىلەن ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدىكى ئۈچ سېناتور بىلەن كۆرۈشتۇق. بۇلاردىن بىرى لىبېراللار پارتىيەسىنىڭ لىدىرى سىمون جون بىرمىنخام ئەپەندىدۇر. بۇ كىشى بۇرۇن ئاۋسترالىيەنىڭ مائارىپ، سودا ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەنىدى. بىز كۆرۈشكەن يەنە بىر كىشى بولسا، يېشىللار پارتىيەسىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل لىدىرى جوردون ستېلە-جوھن ئەپەندىدۇر. بىز كۆرۈشكەن يەنە بىر پارلامېنت ئەزاسى بولسا جەيمس پاتېرسون ئەپەندىدۇر. بۇ كىشى خەلقئارا خىتاي ئىشلىرى پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكىنىڭ ئەزاسىدۇر. بۇ كىشى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بەك ياخشى بىلىدۇ ۋە قوللايدۇ. بۇ كىشى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولغاچقا خىتايغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغانىدى. بۇ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بولسىمۇ رولى ناھايىتى زور».
مەخمەت ئەپەندى بۇ ئۇچرىشىشتا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز كۆرۈشكەن ئۈچ پارلامېنت ئەزاسىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردۇق ۋە ئۇلارغا بولغان تەلەپلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى ئىشخانىسى ئېلان قىلغان دوكلاتتىنمۇ خەۋەردار ئىكەن. لىبېرال پارتىيەسىنىڭ لىدىرى سىمون جون بىرمىنخام ئەپەندى دوكلات ئېلان قىلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرغانىدى. ئۇ، باياناتىدا خىتاينىڭ جازا لاگېرىغا قامىغان كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى، ئۇيغۇر رايونىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلارنى سوتقا تارتىشنى تەلەپ قىلغانىدى. مەنچە بۇ ئاخبارات باياناتى ناھايىتى مۇھىم».
مەخمەت ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا بەش تۈرلۈك تەلەپنى يەتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىز كۆرۈشكەن پارلامېنت ئەزالىرىدىن تۆۋەندىكىلەرنى تەلەپ قىلدۇق. بىرىنچىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى تونۇغان 9 دۆلەتكە ئوخشاش ئاۋسترالىيە دۆلىتىنىڭمۇ تونۇشى، ئىككىنچىسى ئاۋسترالىيەنىڭمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك توغرىسىدا قانۇن چىقىرىپ، ۋەتەندە مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپ چىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئاۋسترالىيەگە كىرىشىنى چەكلىشىنى، ئۈچىنچىسى ماگنىتىسكىي قانۇن بويىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن مۇناسىۋىتى بار خىتاي رەھبەرلەرنىڭ جازالىشىنى ۋە تۆتىنچى بولۇپ ئاۋسترالىيەنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىدە ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە سان بېرىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدۇق. ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى مەسىلىسىنى بىر ھەپتە بۇرۇن ئاۋسترالىيە كۆچمەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرىغىمۇ يەتكۈزگەنىدۇق. يەنە بىرى ئاۋستراليەدىكى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان تۈرلۈك تەھدىتلىرىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدۇق. بۇ مەسىلىگە پارلامېنت ئەزاسى جەيمىس پاتېرسون ئەپەندى ئالاھىدە قىزىقتى ۋە قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ئۇچرىشىشىمىز ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا بەك ياخشى ئۆتتى».
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى بىر يىلدىن بۇيان ئېلان قىلىشنى كېچىكتۈرۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئاۋسترالىيەدە تۇنجى بولۇپ، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇنداق بىر تەلەپنى سۇنغان. ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت ئوبۇل ئەپەندى ب د ت چىقارغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىغا زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئاۋسترالىيەدىكى بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇندىن كېيىن بەزى سىياسىي پارتىيەلەر ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا قارار لايىھەسى سۇنۇش ئېھتىمالى بار ئىكەن.