3-ماي دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنىدە ئەركىن ئاخباراتچىلىق ۋە ئاخباراتچىلارنى قوغداش تەكىتلەندى

0:00 / 0:00

1993-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 3-ماينى «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى» دەپ جاكارلىغان بولۇپ، ھەر يىلى بۇ كۈندە دېموكراتىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بىرى بولغان ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلىنىپ كەلمەكتە.

پۈتكۈل دۇنيا خىتاي قاتارلىق مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ غەربتىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىدىن ۋە ئۇنىڭ ئالاقە مۇنبەرلىرىدىن كەڭ-كۇشادە پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ھەدەپ ئۆزىنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىنىڭ تەشۋىقاتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر دەرىجىدە ھېس قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە، يەنى 2021-يىللىق ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنىدە ئۇچۇرنىڭ ئاممىۋى مۈلۈك ئىكەنلىكى نوقتىلىق تەكىتلەندى.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىن ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا «دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مۇستەبىتلىك كۈچىيىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەتلەر ئوچۇق-ئاشكارىلىقتىن تېخىمۇ يىراقلىشىپ باستۇرۇشچان بولۇۋاتىدۇ. چىرىكلىك كېڭىيىۋاتىدۇ. خاتا ئۇچۇرلار ۋە ساختا مەلۇماتلار ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ،» دېگەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بەزى ھۆكۈمەتلەر ژۇرنالىستلارنى تۈرمىگە تاشلايدۇ، ئۇلارغا پاراكەندىچىلىك سالىدۇ، ئۇلارنى زوراۋانلىقنىڭ نىشانى قىلىدۇ. . . ھەممە يەردىكى كىشىلەر ئەركىن ھالدا ئۆز ئېتىقادىنى ئىپادىلىشى، ئەركىن پىكىر قىلىشى، ئۇچۇر ۋە پىكىرلەرنى ئىزدىيەلىشى، قوبۇل قىلىشى ۋە ئورتاقلىشىشى كېرەك. ئۇ ھەتتا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئومۇمىي خىتابنامىسىگە يېزىلغان، چۈنكى پىكىر قىلىش، ئەركىن سۆزلەش ئىنسان بولۇشنىڭ مەنىسى. بىز ئەركىن ئاخباراتنى ئىنسانلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمىز. مۇخبىرلارغا زىيان يەتكۈزگەنلىك، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تەھدىت سالغانلىقتۇر.»

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئېلان قىلغان 2021-يىللىق دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىك كۆرسەتكۈچىدىن قارىغاندا، ئىزچىل ھالدا ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان خىتاي بۇ يىل كەينىگە يەنىمۇ چېكىنىپ، 180 دۆلەت ئىچىدە 177 – ئورۇنغا، يەنى ئارقىدىن سانىغاندا دۇنيادىكى ئەڭ ناچار 3-دۆلەت بولغان. ژورنالىستلار، يازغۇچى-ئەدىبلەر ئەڭ كۆپ قاماققا ئېلىنىدىغان خىتاي كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىنتىرنىت تور چەكلىمىسى، نازارەت ۋە تەقىبلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن ئىكەن. خىتايدا ھازىر 120 دىن ئارتۇق ژورنالىست-يازغۇچى تۈرمىدە بولۇپ، مەزكۇر ئورگان ئىلگىرىكى دوكلاتىدا بۇلار ئارىسىدا 58 نەپىرىنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقەتنى يېزىۋاتقان ئۇيغۇر ژورنالىستلارنى، يازغۇچى-ئەدىبلەرنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەۋەر قىلىۋاتقان چەت ئەللىك ژورنالىستلارغىمۇ تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا مۇخبىرلارنى باستۇرۇپلا قالماي، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرلىرىنىمۇ تەھدىت قىلىپ كەلمەكتە. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە جازا لاگېرلىرىنى دۇنياغا تۇنجى بولۇپ ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نىشانىغا ئايلاندى. خىتاي رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ 6 نەپەر مۇخبىرىنىڭ يۇرتلىرىدىكى بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى لاگېرغا قامىغان ۋە بەزىلىرىنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. يېقىندا مۇخبىرىمىز گۇلچېھرەنى «تېرورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش» بىلەن قارىلىغان.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ باشلىقى بەي فاڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرلىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچرىشىنى قاتتىق تەنقىدلىدى ۋە بۇنىڭغا خاتىمە بېرىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «يۇقۇم مەزگىلدە ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ زور دەرىجىدە چېكىنىشى مەسئۇلىيەتچان ئاخباراتچىلىقنىڭ زۆرۈر بولۇپ قالغانلىقىنى نامايەن قىلىپ بەردى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا توختىماي زىيانكەشلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇخبىرىمىزنى تۆھمەت چاپلاش ھەرىكىتىنىڭ نىشانىغا ئايلاندۇردى. دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئەركىن ئاخباراتچىلىقنىڭ ئوچۇق-ئاشكارىلىققا كاپالەتلىك قىلىشتىكى رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. . . ئۇلار ئەركىنلىكنى چەكلىگۈچىلەر يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ۋەقەلەرنى يورۇتۇشقا داۋام قىلىدۇ.»

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ سۆزىدە دۇنيا ئاخبارات كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ھاكىمىىتىنىڭ تەھدىتلىرىگە قارىماي ئۆز خىزمىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلار كۆرۈۋاتقان زۇلۇمنى ئاشكارىلاش يولىدا خىزمەت كۆرسىتىۋاتقان بارلىق ژورنالىستلارنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىنمۇ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا: «ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە ئاخباراتچىلار دېموكراتىيەنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى. ژۇرنالىستلار تەھدىتكە، ھۇجۇمغا، چەكلىمىگە ئۇچرىسا ۋە ياكى تۈرمىلەرگە تاشلانسا، جەمئىيەتنىڭ ئىرادىسى ۋە جاسارىتىگە بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلغانلىق بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا ھەر قايسى جايلاردىكى مۇخبىرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئەركىن ۋە بىخەتەر ھالدا خىزمەت قىلىش ئىمكانىيىتىنى تەشەببۇس قىلىشقا ۋە قوغداشقا ۋەدە بېرىدۇ،» دەپ تەكىتلىدى.