دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا «خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» تەنتەنە بىلەن تەبرىكلىنىۋاتقان 8-مارت كۈنى، ئەنگىلىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ناھايىتى ئۆزگىچە بىر پائالىيەت ئارقىلىق زۇلۇم ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئاياللرىغا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
ئۇلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «مەن ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئىشىنىمەن» ناملىق خەشتەگ پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلاردا يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تۋىتتېردا بۇ پائالىيەتىنى قانات يايدۇرغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات!» گورۇپپىسى «مەن ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئىشىنىمەن» خەشتەگى بىلەن بىرلىكتە مەخسۇس بىر سىن كۆرۈنۈشى تارقاتقان. سىن كۆرۈنۈشىدە لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان ئۇيغۇر ئاياللىرى ئاشكارىلىغان لاگېرلار ھەققىدىكى بايانلارغا ھەممەيلەننىڭ ئىشىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات!» پائالىيىتىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى بىلەيىر مەكدوگېل ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈچۈن پائالىيەت باشلاتتۇق ۋە شۇنداقلا ‹ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات! › پائالىيىتىمىزمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى بىلىگىنىمىزدەك ئۇيغۇرلارغا ‹ئىرقىي قىرغىنچلىق› نىڭ ھەر تۈرلۈك شەكلى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئاياللارغا قارىتىلغان ۋەھشىيلىك تېخىمۇ ئېغىر. بىز بۇ خەلقئارالىق پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق يىللاردىن بىرى مىليونلىغان ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كېلىۋاتقان قورقۇنچلىق باستۇرۇشقا قارشى ‹بىز سىلەرنى قوللايمىز›، ‹بىز سىلەر بىلەن بىرلىكتە› دېمەكچىمىز.»
دۇنيانىڭ ھەر قانداق ئەيىبلەشلىرىنى ئىزچىل تۈردە ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى 4-فېۋرال ئۆزىنىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىش ۋە خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بىۋاسىتە بايانات بېرىش ئارقىلىق لاگېر شاھىتلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، سايراگۈل ساۋۇتباي، قەلبىنۇر سىدىق، گۈلزىرە ئاۋۇلقان قاتارلىقلارنىڭ گۇۋاھلىقى ئاساسىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ لاگېرلاردا سىستېمىلىق باسقۇنچىلىق ۋە جىنسىي زوراۋانلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى BBC قانىلىنىڭ خەۋىرىنى يالغانغا چىقىرىشقا ئۇرۇنغان ئىدى.
ئۆتكەن يىلى قۇرۇلغان «خىتايغا قارشى پارلامېنتلار بىرلىكى» مۇ ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈچۈن مەخسۇس «ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش» ناملىق سىن كۆرۈنۈشى تارقاتقان. مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئەزالىردىن ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، كانادا ۋە ئاۋىستىرالىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئورتاق ھالدا «بۇ يىلقى خەلقئارا ئاياللار بايرىمىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەت ئاياللىرىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ» دېگەن ئۇچۇرنى يەتكۈزگەن.
بۇ سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قوللايدىغانلىقنى بىلدۈرگەن پارلامېنىت ئەزالىرىدىن ياۋروپا پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى مرىيەم لېكىسمەن، ئەنگىلىيە پارلامېنىت ئەزاسى نۇسرەت غىنى قاتارلىقلارمۇ بار.
مەزكۇر بىرلىكنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى لۇيىك دې پۇلفورد ئەپەندى بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەقىقىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا ئاياللار بايرىمى كۈنىدە ئۇيغۇر ئاياللرى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتكە دىققەت تارتىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى قىلدۇق. ئۇلار ناھايىتى ئېغىر زۇلۇم كۆرۈۋاتىدۇ. ئۇلار نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان توپلۇق. ئۇيغۇر ئاياللىرى خەلقئارالىق قانۇن-نىزامنىڭ ئۇلانى قوغدىشىغا مۇھتاج. شۇڭا بىز دۇنيانىڭ دىقىتىنى تارتىش ۋە بۈگۈنكى خەلقئارالىق ئاياللار بايرىمى كۈنىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن بۇ سىننى ئىشلىدۇق.»
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان «مەن ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئىشىنىمەن» ۋە «ئۇيغۇلارنى قوللاش» خەشتەگى ئارقىلىق توپلانغان ئىنكاسلارغا قارىغاندا، دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ھېسىداشلىق قىلغانلار كۆپەيگەن ۋە بۇ زۇلۇمنىڭ توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن سادالار كۈچەيگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىممۇ بۇ بىرلىكنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشقان بولۇپ، ئۇ «خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» دەپ ئاتالغان بۇ كۈننىڭ ئۇيغۇر ئاياللرى ئۈچۈن ماتەم كۈنى ھىسابلىنىدىغانلىقنى ئېيتتى.
بىلەيىر مەكدوگېل ئەپەندى ۋە لۇيىك دې پۇلفورد ئەپەندى بۇ پائالىيەتلەرنىڭ كىشلەرنىڭ دىققىتىنى زۇلۇم ئاستىدا قېينىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتىش ئارقىلىق ئۇلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشنى توختىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.
بىلەيىر مەكدوگېل «مەن ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئىشىنىمەن» پائالىيىتى ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان نىشانى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ئاياللارنىڭ (لاگېر شاھىتلىرى) سۆزلىرىگە قارىغاندا، ئۇ يەردە ئاستا خاراكتىلىك ‹ئىرقىي قىرغىنچلىق› يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئاشكارىلانغان ئىسپاتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى مىليونلىغان كىشىلەرنى بىراق ئۆلتۈرمىگىنى بىلەن ئۇلارنى مەجبۇرى تۇغماس قىلىش، ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىۋېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئېرىتىپ يوقىتىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، قىرغىنچلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بىز كىشىلەرنىڭ بۇ ئەھۋالغا سۈكۈت قىلىپ قاراپ تۇرماسلىقىنى، بۇ زۇلۇمنى توختىتىشقا ھەرىكەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.»
لۇيىك دې پۇلفورد ئەپەندىمۇ «خىتايغا قارشى پارلامېنتلار بىرلىكى» نىڭ «ئۇيغۇلارنى قوللاش» پائالىيىتى ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان مەقسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «بىز سىن كۆرۈنۈشىدە بايانات بەرگەن قانۇن تۇرغۇزۇش ئۈچۈن سايلانغان كىشىلەردىن بىر قانۇن تۇرۇغۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ‹خىتايغا قارشى پارلامېنتلار بىرلىكى› نىڭ ئالاھىدىلىكى ئۇلارنىڭ سۆزلىرى دىققەتكە ئېلىنىدىغان قانۇن تۇرغۇزغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەنلىكىدۇر. چۈنكى ئۇلارنى خەلق سايلىغان. بىز مۇشۇ ئاۋازلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللرىنى قوغداش مەقسىتىگە يېتشنى ئۈمىد قىلىمىز.»
ئاخىرىدا رەھىمە مەھمۇت خانىم ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قورقۇنچلۇق ۋەزىيەتنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قەھرىمانلىق رولىنى ئوينىغانلىقىنى ۋە شۇ قەھرىمان ئاياللارنىڭ بايرىمىنى تەبىرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.