10-ئىيۇل كۈنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەسچىتكە ئايلاندۇرۇلغان ئاياسوفىيە مۇزېيى تۈركىيە ئىچى-سىرتىدا نۇرغۇن تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولماقتا. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچى رەئىسى مۇستافا كامالنىڭ ئاياسوفىيەنى مۇزېيغا ئايلاندۇرۇش قارارىنى ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ بىكار قىلىشى، تۈركىيە ۋە غەرب دۆلەتلىرىدە تۈركىيەنىڭ بارغانسېرى دىندىن خالىي ئورنىنىڭ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىغا ئائىت ئەندىشىلەرنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوخشاش كۈندە تۈركىيە پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇلغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈش لايىھەسى» نىڭ ئاق پارتىيە ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن رەت قىلىنىشى ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا تەشۋىق قىلىۋاتقان ئىسلامىي قىممەتلەرگە بولغان سەمىمىيىتىگە سوئال تاشلىماقتا.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تونۇلغان ژۇرنالىست سەئىد سەفا ئەپەندىم ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى تەشۋىق قىلىۋاتقان ئىسلامچى ۋە مىللەتچى قىممەت قاراشلارغا مۇخالىپ پوزىتسىيەسىدىن قىلچە ھەيران قالمىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەتنىڭ بىر كۈن ئىچىدە بىر ياقتىن ئاياسوفىيەنى مەسچىت قىلىپ، يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇر تۈركلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ‹لايىھە› نى رەت قىلىشى ئەسلىدە تەشۋىق قىلىۋاتقان ئاساسىي ئىدىيەلەرگە قارىغىنىڭىزدا (ئۆزلىرىچە ئىسلامچە ۋە مىللەتچى ئىدىيەلىرى بار) بىر-بىرىگە زىتتەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ تەشۋىق قىلغان ئىدىيەلىرىگە ئەمەس، قىلغانلىرىغا ۋە قىلماقچى بولغانلىرىغا قاراش كېرەك. ھۆكۈمەت پۈتۈنلەي پاراگماتىك (پايدىچىلىق) پائالىيەت قىلىۋاتىدۇ. ئىشلىرىغا يارىغان نەرسىلەرنى قوللىنىپ، ئىشىغا يارىمىغان، يەنى سايلامدا ئۆزىگە پايدا ئىلىپ كەلمىگەن، ئىچكى سىياسەتتە ئىشلىتىلىش قىممىتى بولمىغان مەسىلىلەرگە باشقىچە مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. سايلام بېلىتى جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى يوقىتىپ قويۇۋاتقان ۋە گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈچىيىۋاتقاندا ئاق پارتىيەنىڭ ئاياسوفىيەنى مەسچىتكە ئۆزگەرتىشى ئۇلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن نورمال بىر قارار. كونسېرۋاتىپ گۇرۇپپىلارنىڭ، بولۇپمۇ جامائەت ۋە تەرىقەتلەرنىڭ داۋۇتئوغلى ۋە ئېلى باباجان قۇرغان پارتىيەلەرگە قېيىشىغا توسالغۇ بولۇشى لازىم بولۇپ قالدى.»
كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە، ئەردوغان ھۆكۈمىتى ئاياسوفىيەنى مەسچىتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ئىسلام جۇغراپىيەسىدە سىياسىي ئىسلامچىلار ئارىسىدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى مۇستەھكەملىمەكچى ئىكەن. بىراق تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىگە جىم تۇرۇۋېلىشى ئەردوغان ھۆكۈمىتى تەرغىب قىلىۋاتقان ئىسلامىي قىممەت قاراشلىرىغا مۇخالىپ ئىكەن. سەئىد سەفا ئەپەندىم بۇ زىتلىقنىڭ رېئاللىقى ۋە ئاق پارتىيە بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنى قوللاۋاتقان خەلقىنىڭ ئەردوغان ھۆكۈمىتىگە نېمە ئۈچۈن بىسىم قىلمايۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «ئاياسوفىيەنىڭ مەسچىتكە ئايلىنىشى مىللەتچىلىك ۋە مۇقەددەسلىك تۇيغۇلىرىنى ئۇرغۇتقانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر ئاق پارتىيەگە قېيىشى مومكىن. ئەردوغان ئىسلام جۇغراپىيەسىدە سىياسىي ئىسلام چۈشەنچىسىدىن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە يېڭى ئىسلام لىدىرى بولۇش ئۈچۈن قەدەم بېسىۋاتىدۇ. ئاياسوفيەنىڭ مەسچىتكە ئايلىنىشى بۇ قەدەمنىڭ بېسىلىشىنى ئاسانلاشتۇراتتى. لېكىن خىتاي بىلەن بولغان تىجارى مۇناسىۋەتلەر، پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرى خەتەرگە ئۇچرىمىسۇن دەپ ئۇيغۇر تۈركلىرىنى كۆرمەسكە سىلىۋېلىپ بارىدۇ. ئۇيغۇر تۈركلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قارارلارنىڭ ئىچكى سىياسەتتە كوزىر بولۇش قىممىتى ئانچە يوق، سايلامدا بىلەت ئۇتۇش يوشۇرۇن كۈچى چوڭ ئەمەس (دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىتايغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىۋاتىمىز، ۋاقتى كەلگەندە ئۇيغۇر تۈركلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قولىمىزدىن كەلگىنىنى قىلىمىز، ھازىر كۈچىمىز يەتمەيۋاتىدۇ، شارائىت ھازىرلاۋاتىمىز) دەۋاتىدۇ. خۇددى ئاياسوفىيەنى مەسچىتكە ئايلاندۇرغاندا شارائىت ھازىرلىدۇق دېگىنىگە ئوخشاش. بۇلارغا بىلەت تاشلىغان ۋەتەنداشلارمۇ بۇ پىكىرلەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئۇلارغا نىسبەتەن ھازىر ئەردوغان ئۇيغۇر مەسىلىسىدە قولىدىن كەلگىنىنى قىلىۋاتىدۇ.»
تونۇلغان تەتقىقاتچى دوكتور خاقان گۈنەش «بىر كۈن» گېزىتىدە ئېلان قىلغان «ئۇيغۇرلارغا قارشى قىلىچ ھەققى قېرىنداشلىقى» ناملىق ماقالىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن ئاياسوفىيە مەسىلىسىنى سېلىشتۇرۇپ، مۇنداق دېگەن: «ئاياسوفىيە مۇزېيىنىڭ مەسچىتكە ئايلاندۇرالىشى بىلەن يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان فەتىھچى زىھنىيەتنىڭ فەتىھ قىلغان كىشىنىڭ قىلىچ ھەققىگە تايانغان ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەتلىرى ئۈستىدە ‹ھاكىممۇتلەقلىق› قە ئىگە ئىكەنلىكىنى ياقلىغان ئىدىيە، ئۇلار ئويلىغاندەك ‹يەرلىك ۋە مىللىي› ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمرانلىرىمۇ بۆلگۈنچى مىللەتچىلەر ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ‹قىلىچ ھەققى› نى ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرى بىلەن كارى بولمىغان مەزكۇر زىھنىيەت بېيجىڭنىڭ يېنىدا رىيادنى، ئىسلامئابادنىڭ يېنىدا ئەنقەرەنى باغلاپ، قالاق مىللەتچىلىك ھەمكارلىقىنى تىجارەت بىلەن كۈچلەندۈرۈۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنى، يەنى شەرقى تۈركىستانلىقلارنى خىتاي شوۋىنىزمىغا تاپشۇرۇپ بەرگىلى بولمىغانغا ئوخشاش، ئىسلامچىلارنىڭ قالاقلىقىغا ۋە مىللەتچىلەرنىڭ ساختا ھەمكارلىقى ۋە كوزىر قىلىۋېلىشىغىمۇ تاپشۇرۇپ بەرگىلى بولمايدۇ.»
ئاياسوفىيەنىڭ مۇزېي سالاھىيىتىنىڭ بىكار قىلىنىپ مەسچىتكە ئايلاندۇرۇلۇشى، غەرب ئەللىرىنىڭ قارشىلىقى ۋە تەنقىدلىرىگە دۇچ كەلگەن. ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ غەربتىن ۋە غەرب ۋەكىللىك قىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە پرىنسىپلىرىدىن ئۇزاقلىشىۋاتقانلىقى كۆزەتكۈچلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا. مەزكۇر مەسىلىنىڭ غەرب بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئائىت سوئاللار كۈن تەرتىپكە كەلمەكتە. تۈركىيەدە «دىنى ئەركىنلىك» ۋە «لايىقلىق» قا بولغان ئەندىشىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىپ ماڭىدىغانلىقى تالاش-تارتىش قىلىنماقتا.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تونۇلغان سىياسىي ئانالىزچى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئاسىيە ئابدۇلئەخەت (ئاسىيە ئۇيغۇر) خانىم «تۈركىيەنىڭ غەرب بىلەن بولغان سىياسىي زىددىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: «ئەردوغان غەربتىن يىراقلىشىپ شەرققە يېقىنلاشقانسېرى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قويۇقلىشىدۇ. تۈركىيە ‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى› نىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى ۋە ئەقىل ئامبىرى بىرلىكى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان. بەلكىم ئالدىمىزدا غەربتىن يىراقلاشقانسېرى ‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى› غا ئەزا بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەزا بولماي تۇرۇپمۇ ‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى› نىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى ۋە ئەقىل ئامبىرى ھەمكارلىقىدا تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا چېتىپ تۇتۇش ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىش قىلمىشى بۇرۇن بولغان ئىكەن. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنىنىڭ ئارخىپلىرىدا قانچە كىشىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىگە ئائىت ئېنىق مەلۇمات بار. ناۋادا تۈركىيە ‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى› غا ئەزا بولۇپ كىرسە، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىكى ھەر خىل سىياسىي پائالىيەتلىرى پۈتۈنلەي چەكلىنىشى مومكىن.»
ئاسىيە خانىم زىيارىتىمىز داۋامىدا تۈركىيەنىڭ غەربتىن ئۇزاقلىشىپ خىتايغا ئوخشاش دۇنيانىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە يېقىنلىشىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ، تۈركىيە ئۈچۈنمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «2017-يىلى تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى تۈزۈلگەن. لېكىن تا ھازىرغىچە ئەمەلىيلەشمىگەن. بۇ خىل ئېھتىماللىقنى بار دەپ قارىساق بولىدۇ. تۈركىيە غەربتىن يىراقلاشقاندا، غەرب قىممەت قاراشلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىپ، مەسىلىلەرنى شەرقنىڭ، يەنى خىتاينىڭ ئىدېئولوگىيەسىگە ئاساسەن ھەل قىلىشى مۇمكىن. ئەردوغان كېيىنكى يۆنىلىشى ھەققىدە خىتاي بىلەن دوست بولۇپ، غەربنى دۈشمەن كۆرىدىغانلىقى شەپىسىنى بېرىۋاتىدۇ. بۈگۈنكىدەك خىتاي دۇنيانىڭ دۈشمىنىگە ئايلانغان ۋەزىيەتتە تۈركىيەنىڭ بۇ خىل سىگنالنى بېرىشى، تۈركىيە ئۈچۈنمۇ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ خەتەرلىك دەپ قارايمەن.»
0:00 / 0:00