ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئائىشە ياسىن خانىم ئىستانبۇلدا ۋاپات بولدى
2024.04.16

تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ۋە خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئاكتىپچانلىق بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بارغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئائىشە ياسىن 2024-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى بۆرەك كېسەللىكى سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 53 يېشىدا ئىستانبۇلدا ۋاپات بولدى.
مەرھۇمەنىڭ جىنازا نامىزى 16-ئاپرېل كۈنى سەفاكۆيدىكى فاتىھ جامەسىدە ئوقۇلغاندىن كېيىن سىلىۋېرى مازارلىقىدا يەرلىكىگە قويۇلدى. مەرھۇمەنىڭ جىنازا نامىزىغا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئۆلىمالار، زىيالىيلار، پېشقەدەم يۇرت ئاقساقاللىرى ۋە ئۇيغۇر جامائەت ئاممىسى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
مەرھۇمە بىلەن ئۇزۇن مەزگىل خىتاي كونسولخانىسى ئالدىدا بىللە نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان دوكتور بورھان ئۇلۇغيول مەرھۇمەنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئېلىپ بارغان ئىش-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئائىشە خانىمنى تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن تونۇدۇم، ئۇنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن قەلبى كۆيىدىغان، ۋەتەن ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان، ۋەتەنپەرۋەر ئايال ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان، شۇنداقلا نامايىشلاردا پۈتۈن ئاياللارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئاياللارنى چاقىرىپ مەيلى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار بولسۇن، مەيلى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار بولسۇن ئاياللارغا باشلامچىلىق قىلغانىدى. نامايىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن ماددىي-مەنىۋى جەھەتتە ئالاھىدە كۈچ ۋە ۋاقتىنى چىقىراتتى. قەلبى ۋەتەن ئۈچۈن كۆيەتتى، ۋەتەن دەپ ئېچىناتتى، ۋەتەن ئۈچۈن بىر ئىش قىلساق دەپ بەك ئىزدىنەتتى. شۇڭلاشقا بۇ ھەدىمىزنىڭ ۋاپاتى بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ بىر يوقىتىش بولدى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ چوڭ بىر يوقىتىش بولدى دەپ قارايمەن، بۇ ھەدىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇۋاتىمەن، بۇ ھەدىمىزنىڭ قىلغان قىلغان بارلىق ياخشى ئىشلارنى تەستىقلايمەن شۇنداقلا ئۇنىڭ ۋەتەن يولىدا كۆرسەتكەن پۈتۈن تىرىشچانلىقلىرىغا شاھىت بولىمەن» .
ئائىشە ياسىن خانىم ئەسلىدە ئۈرۈمچىدىكى 2-يولنىڭ كوچا ئاپتوبۇسنى ھەيدەپ شوپۇرلۇق قىلغان ئىكەن، كېيىن ئۇ ۋەزىپىسىنى تاشلاپ ئائىلىسى بىلەن بىرگە تۈركىيەگە كېلىپ ئىستانبۇلدا ئولتۇراقلاشقان. مەرھۇمە ئائىشە خانىم ئىستانبۇلدا يولدىشى ۋە ئىككى قىز پەرزەنتى بىلەن بىرلىكتە ياشايدىغان بولۇپ، يولدىشى مىللىي تېبابەت بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، چوڭ قىزى تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنىكەن، كىچىك قىزى ھازىر ئىستانبۇلدا تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇماقتىكەن.
مەرھۇمەنى 2002-يىلىدىن بۇيان تونۇيدىغان دىنى ئۆلىما شۇنداقلا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ھەبىبۇللا كۈسەنى مەرھۇمەنىڭ جىنازا نامىزىدا مەرھۇمە توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ سىڭلىمىز بىلەن 2002-يىلى چەت ئەلدە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچىگە بارغاندا تونۇشقانىدىم، ئۇ ئۆزى بەك جانلىق ئايال ئىدى، ئۇ ئۈرۈمچى 2-يولنىڭ كوچا ئاپتوبۇسنى ھەيدەيتتى. ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە ئاياللارنى تەشكىللەپ دىنى ۋە مىللىي سورۇنلارنى ئۇيۇشتۇرۇشقا جانلىق ۋە ئالاھىدە كۈچ چىقىرىپ ئاكتىپ خىزمەت قىلاتتى. كېيىن چەت ئەلگە چىقىپ تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىنمۇ دىن، ۋەتەن مىللەت دەۋاسى ئۈچۈن ئالدىنقى سەپتە ئاكتىپچانلىق بىلەن خىزمەت قىلىدىغان بىر قېرىندىشىمىز ئىدى» .
ھەبىبۇللا كۈسەنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇمە ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىدا بۆرەك كېسەللىكى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان بولۇپ، جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە كىرىپ قالغاندا خەلق ئاممىسىغا مۇراجىئەت قىلىپ ماددىي ياردەم چاقىرىقى ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن. پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ قوللاش نەتىجىسىدە ئۈچ تۆت كۈن ئىچىدە بىر مىليون لىرادىن ئارتۇق مەبلەغ ئىئانە قىلىنىپ، دوختۇرخانا چىقىملىرى ئۆتەلگەن ئىكەن.
ھەبىبۇللا كۈسەنى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئائىشە قېرىندىشىمىزنىڭ دوختۇرخانا چىقىملىرى ئۈچۈن ياردەم چاقىرىقى ئېلان قىلىنىش بىلەنلا ئۈچ تۆت كۈن ئىچىدە پۈتۈن دۇنيادىن ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر خەلقىمىز ياردەم قىلدى. بىر مىليون لىرادىن ئارتۇق پۇل يىغىلدى، كېيىن ئۇ ئايال ئۆزى تېلېفون قىلىپ ياردەم چاقىرىقىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغانىدى، دېمەك دىن، ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن كۆيۈنۈپ خىزمەت قىلغان ھەر قانداق كىشىنى خەلقىمىز ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ» .
بىز يەنە مەرھۇمە بىلەن ئىستانبۇلدا بىللە ئۆتكەن شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ئۇيغۇر دەۋاسى يولىدا نۇرغۇن خىزمەت-پائالىيەتلەرنى ئائىشە خانىم بىلەن بىرگە ئۇيۇشتۇرۇپ ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئاياللارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش خىزمەتلەردە ئاكتىپ ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە «ھەقىقەتەن ۋەتەن دېسە يۈرىكى كۆيىدىغان، جانلىق، ۋىجدانلىق قېرىندىشىمىز ئىدى، ئۇنىڭ ۋاپاتى ماڭا بەك تەسىر قىلدى»، دېدى.
بىز مەرھۇمەنىڭ ھاياتى توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن مەرھۇمنىڭ يېقىن دوستلىرىدىن قەلبىنۇر ئارمان خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
قەلبىنۇر خانىم، ئايىشە خانىم بىلەن 2014-يىللىرى ئىستانبۇلدا تونۇشقانلىقىنى، ئائىشە خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۆز تارىخىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ۋىچەت ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى ئاۋازلىق ئوقۇپ ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
قەلبىنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇمە يەنە «توي قىلاي» دېگەن نامدا بىر تور بېكەت ئېچىپ نۇرغۇن ئۇيغۇر قىز-ئوغۇل ياشلارنىڭ توي قىلىپ ئائىلە قۇرۇشىغا ۋاسىتە بولغان ئىكەن.
قەلبىنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇمە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان بۆرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ دورا ئىچىۋاتقان ئىكەن، مەرھۇمە يەنە ھەم ئۆپكە كېسەللىكى ۋە ئاشقازان كېسەللىكىگىمۇ گىرىپتار بولغانىكەن. ئەڭ ئاخىرىدا بۆرەك كېسىلى ئېغىرلاپ كەتكەن بولۇپ دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە كىرىپ قالغان ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە مەرھۇمە ئائىشە ياسىن 1971-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى 20-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغاندىن كېيىن شوپۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇپ كېيىن ئۈرۈمچىدە بىر مەزگىل كوچا ئاپتوبۇسى ھەيدىگەن ئىكەن. مەرھۇمە 2014-يىلى ئائىلىسى بىلەن بىرگە تۈركىيەگە كۆچۈپ كېلىپ ئىستانبۇلغا ئولتۇراقلاشقان ئىكەن.