قازاقىستاندىكى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ئايمان ئوماروۋا ئۈچۈن روزا ھېيتنىڭ ھارپا ئاخشىمى، قارا باسقان بىر كېچە بولدى. بۇ كېچە ئۇنىڭ ئەرمەك ئىتى ئوز قورۇسىدا سىرلىق ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئايمان بۇنى ئۆزىنىڭ ئاغزىنى يۇمدۇرماقچى بولغانلارنىڭ تەھدىت سۇيىقەستى دەپ بىلدۈردى. بۇنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىغا بىر مۈشۈكنىڭ ئۆلۈكى تاشلاپ قويۇلغان ئىكەن.
لاگېر شاھىتى سايراگۈلنى 3-ئىيۇن قازاقىستاندىن سالامەت شۋېتسىيەگە ئۇزىتىپ، ئىككىنچى قەدەمدە مىرزا قاماقتىكى «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ رەھبىرى سېرىكجان بىلەشنى ئەركىنلىككە چىقىرىش ئۈچۈن خىزمەتكە كىرىشكەن، ئادۋوكات ئايمان ئوماروۋا بۈگۈن رادىيومىزغا ئۆزىنىڭ يېقىندىن بۇيان تەكرار تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئايمان ئوماروۋانىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، 4-ئىيۇن كۈنى شىۋېتسىيەگە يېتىپ بارغان لاگېر شاھىتى سايراگۈل بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئۇنىڭ ئۇ جايدا ئۆزىنى ناھايىتى بىخەتەر ۋە ئەركىن، خاتىرجەم ھېس قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئۈمىدلىك بولۇپ قالغانلىقىدىن خوش بولغان بولسىمۇ، ئەپسۇس ئۇ كېچە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيقۇسىز بىر ئەندىشىلىك كېچە بولغان. ئۇ، كېچىچە قورۇسىدا غەيرىي ئاۋازلارنى تۇيغان، ئەمما ئۇيقۇچىلىقتا نېمىلىكىنى جەزىملەشتۈرەلمىگەن. ئەتىسى ئەتىگەن سائەت 9 دا بولسا ئۇ بالىلىرى بىلەن تەڭ ئۆز قورۇسىدا ئەرمەك ئىتى بارسنىڭ ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلگەنلىكىنى كۆرگەن.
ئايمان ئىتىنى «ئۆلتۈرۈلگەن» دەپ جەزم قىلىشىدىكى سەۋەبلەرنى ئىتنىڭ جەسىتىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دەپ شەرھلىدى: «بىرىنچىدىن رەسىملەردىن قارىسىڭىز ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ جېنىنى بىرى مەجبۇرىي ئالغان. ئېغزىغا توپا تىقىلغان.
ئىككىنچىدىن، بارس ئائىلىمىزدە تۇرۇۋاتقىنىغا بەش يىل بولغان ئەرمەك ئىتىمىز، ئۇنىڭ خۇي-مىجەزىنى ياخشى بىلىمەن، ئىنتايىن شوخ، ساغلام ھايۋان، ئۇنىڭ تۇيۇقسىزلا بىر كېچىدە قېرىپ ياكى كېسەل بىلەن ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس.
ئۈچىنچىدىن، ھەر تۈرلۈك دېلولار ئۈستىدە ئۇزۇن يىل ئىشلىگەن بىر ئادۋوكات بولۇش سۈپىتىم بىلەن كەسپىي تەجرىبەم، سەزگۈم، بۇ ئىتنىڭ قەستەن ۋە بىخەتەرلىك تېخنىكالىرىدىن خەۋىرى بار كەسپىي خادىملار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
ئايمان يەنە ئۇنىڭ ئىتىنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىگە قورقۇنچلۇق ئاگاھلاندۇرۇش ياكى تەھدىت سالماقچى دەپ گۇمان قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ يەنە مۇنداق دەيدۇ:
«ئىتىمنى كىمنىڭ ياكى كىملەرنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىگە ئىسپاتىم بولمىسىمۇ ئەمما مەن بۇنى، ئاغزىمنى يۇمدۇرماقچى بولغانلارنىڭ قەستەنلىك بىلەن قىلغان سۇيىقەستى دەپ قارايمەن. چۈنكى، بۇ مېنىڭ لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباينى ئەركىنلىككە چىقارغىنىمدىن كېيىن ۋە ئەتە 6-ئىيۇن سېرىكجاننىڭ سوتى بولىدىغان كۈنلەرنىڭ ئارىلىقىدا يۈز بەردى. بۇنى تاسادىپىيلىق دەپ قارىمايمەن، بۇلارنىڭ مەقسىتى ماڭا تەھدىت سېلىپ قورقۇتۇش ئارقىلىق قىلىۋاتقان خىزمىتىمدىن قول ئۈزدۈرۈش».
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ھايۋاننىڭ ئۆلۈكى بىلەن تەھدىت قىلىش تۇنجى قېتىملىقى ئەمەس، بۇ ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىككى ئايلار بۇرۇنمۇ بىر قېتىم يۈز بەرگەن، ئۇ چاغدا بىر كۈنى شەھەر ئۆيدىن سىرتقا چىقىشىمغا، ئىشىك ئالدىمغا تاشلاپ قويۇلغان بىر مۈشۈكنى كۆرۈپ كۆڭلۈمگە بىر غۇم چۈشكەن ئىدى. ئىتىمنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ئىككىنچى سىرلىق ۋەقە. بۇ بىر تۈرلۈك كلاسسىك تەھدىت قىلىش ئۇسۇلى، يەنى ئۆلۈم ئارقىلىق قورقۇتۇشنى مەقسەت قىلغان.
ئۇ: «سىز قورقتىڭىزمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا ناھايىتى كەسكىن جاۋاب بەردى: «ئەلۋەتتە قورقتۇم، ئۆزۈم ئۈچۈن ئەمەس، بالىلىرىم ئۈچۈن قورقتۇم، ئەندىشىلەندىم. چۈنكى بالىلار بەك قورقۇپ كەتتى. چۈنكى ئۇ ئىتنى بالىلىرىم ياخشى كۆرەتتى، مەن بىلەنمۇ داۋاملىق ئوينايتتى بىز بارسقا بىر يىگىتكە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلاتتۇق. ئۇ ئائىلىمىزنىڭ ئەزاسىدەك بولۇپ قالغان، ئىسىت! ئۇ مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلدى».
ئايمان ئوماروۋا ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن يەرلىك ساقچىغا مەلۇم قىلغان بولسىمۇ ئۇلاردىن ھېچقانداق ئىنكاس كەلمىگەن، ئاخىرى ئىتىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئۆزى ئىتىنى كەسپىي قانۇن دوختۇرىغا ئاپىرىپ بەرگەن ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ۋەقەنى ئاڭلاتقان. بۇ سىرلىق ۋەقە غۇلغۇلا قوزغاشقا باشلىغاندىن كېيىنلا ساقچىلار ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ شەكىلگە ئىتنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە سوئاللارنى سوراپ كەتكەن، ئەمما ھازىرغىچە ھېچقانداق ئېنىقلاش ئېلىپ بارمىغان.
بۇ ھەقتە توختالغان ئايمان ئەپسۇسلانغان ھالدا: «مەن ساقچىلارنىڭ ئىنكاسىدىن بۇ ۋەقەنى يېپىۋېتىشنى خالايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.» دەيدۇ. ئۇ ساقچى تەرەپتىن قوغدىنىشقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، ئۆيى ئەتراپىغا مەخسۇس كامېرا ئورنىتىش ئۈچۈن شىركەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانىكەن.
ۋەقەدىن خەۋەردار بولغان «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن قايرەتنىڭ ئېيتىشىچە، ئادۋوكات ئايماننىڭ ئىتىنىڭ سىرلىق ھالدا قورۇسىدا ئۆلۈپ قېلىشى بىر بىنورمال ھادىسە بولسىمۇ ھازىرچە ئۇنى كىم قىلغانلىقىنى كېسىپ ئېيتىش تەس ئىكەن. قايرەت بۇ ۋەقەنىڭ داڭلىق ۋە مەردانە ئادۋوكات ئايمانغا تەسىر كۆرسىتىشى ۋە ئۇنى سېرىكجاننىڭ دېلوسى ئۈستىدە ئىشلەشتىن توسۇپ قالالىشىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قازاقىستاندا لاگېرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق توپلاشتەك پىدائىي خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان تىلشۇناس گېنې بونن ئۆزىنىڭمۇ بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان بولسىمۇ ھازىرچە كېسىپ بىر نېمە دېمەك تەس دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئايمان، 10-مارتتىن باشلاپ مىرزا قاماقتا تۇرۇۋاتقان «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ يېتەكچىسى سېرىكجاننىڭ شەخسىي ئادۋوكاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەتە يەنى 6-ئىيۇن قازاقىستان پايتەختىدە سوتقا چىقماقچى. ئايمان گەرچە بۇ ۋەقە ئائىلىسىگە ئازاب ۋە تەھدىت تۇغدۇرغان بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئادالەت ئۈچۈن دەس تۇرۇشتىن ھەم ئۆزىنىڭ كەسپىي ۋە ئىنسانىي بۇرچىنى ئادا قىلىشتىن توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
0:00 / 0:00