خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشى» نامىدا ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى، شۇنداقلا ئاتالمىش «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلاتسىيە قەدىمىنى تېزلىتىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە ئۆز مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش تەقەززاسىنى جىددىي رەۋىشتە ھېس قىلدۇرماقتا.
ئۇيغۇر كىملىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتىدا جىددىي كرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقان پەيتتە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ھەر خىل شەكىلدە ئۆزىنىڭ ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچىمەكتە. تۈركىيەدە «بىز يازىدىغان بىر ئەتە بار!» شۇئارى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر بالىلار ئۈچۈن قۇرۇلغان «ئۇيغۇر بالا يازغۇچىلار جەمئىيىتى» ئەنە ئاشۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ نەتىجىسىدۇر.
«ئۇيغۇر بالا يازغۇچىلار جەمئىيىتى» نىڭ رەسمىي تور بېتىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ جەمئىيەت ئەدەبىياتتىكى تالانت ئىگىلىرىنى بايقاش، ئۇلارغا ئۆز قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان پۇرسەت ۋە تېخىمۇ كەڭرى بىر سەھنە يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان ئىكەن. مەزكۇر جەمئىيەتكە ئۇزۇندىن بۇيان ئانا تىل ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان «ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى» يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بالىلاردىن ئەزا قوبۇل قىلغان.
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد خەندان، «ئۇيغۇر بالا يازغۇچىلار جەمئىيىتى» ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مۇھاجىرەتتە ۋەتەندىكىگە ئوخشاش بالىلىرىمىزنىڭ بىر يەردە توپلىشىپ ياشايدىغان، پۈتۈن كۈن ئانا تىلىدا دەرس ئالىدىغان ئىمكانىيىتى يوق. شۇڭا ئانا تىلدا سۆزلىيەلەيدىغان ھەم يازالايدىغان بالىلارغا مۇشۇ شەكىلدە ئانا تىلىنى ئىشلىتىدىغان بىر پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ناھايىتى مۇھىم، دەپ قارايمەن. بۇ جەمئىيەتتە بالىلار ئۆزلىرى ئاساسلىق رول ئوينىغاچقا، ئۇلاردا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ئاشىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، بۇ جەمئىيەتنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، بىر-بىرى بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ئۆگىنىدۇ.»
مۇيەسسەر خەنداننىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى، يەنى مەزكۇر جەمئىيەت ئەزالىرى چىقىرىۋاتقان «ئۇچقۇن» نامىدىكى بالىلار تور گېزىتى، بالىلار ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان تور دەرسلىرى ۋە يازغۇچىلارنى تەكلىپ قېلىپ ئۆتكۈزۈلىدىغان تور لېكىسىيەلىرنىڭ ھەممىسىنى باشتىن-ئاخىر بالىلارنىڭ ئۆزلىرى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.
«ئۇيغۇر بالا يازغۇچىلار جەمئىيىتى» نىڭ نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق 11 ياشلىق رەئىسى ئاكىف ئۇيغۇر رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ئۇنىڭ ناھايىتى زىرەكلىكلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلام بىلەن سايلانغانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى، ئاندىن كېيىن مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلمىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. «ئۇيغۇر بالا يازغۇچىلار جەمئىيىتى» نىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق 16 ياشلىق مۇئاۋىن رەئىسى ئايشە ئەمچى مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ نىشانى ۋە كونكىرېت خىزمەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى.
ئاكىف ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 31-ئىيۇل كۈنى «ئۇيغۇر بالا يازغۇچىلار جەمئىيىتى» قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى لېكسىيەنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەن. ئۇلار «نېمە ئۈچۈن يازىمىز؟» دېگەن تېمىدا تارىخ پەنلىرى دوكتورانتى ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم دۆلەت ئەپەندىنى لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغان بولۇپ، لېكسىيەنىڭ ئاخىرىدا بالىلار بىردەك: «بىز ئىز قالدۇرۇش ئۈچۈن يازىدىكەنمىز ۋە يېزىشىمىز كېرەككەن» دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن.
ئاكىف ئۇيغۇر مەزكۇر جەمئىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيان، نۇرغۇن ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مىسال سۈپىتىدە ھازىرغىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 14 سان چىقىرىپ بولغان «ئۇچقۇن» ناملىق تور گېزىتىنى توشۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
كانادا ۋىندسور ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋىنسېنت ۋوڭ (Vincent Wong) ئالدىنقى ھەپتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مىليونلىغان بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ھەققىدە توختالغانىدى. ئۇ، بۇ مەكتەپلەرنىڭ بالىلارنى ئاتا-ئانىسىنىڭ مېھرىى-مۇھەببىتىدىننلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇلارنى ئۇيغۇر تىلى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىدىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىش ئۈچۈن لايىھىلەنگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتكەندى.
ئۇزۇن يىل ئۈن-تىنسىز ئانا تىل ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن مۇيەسسەر خەندان مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزلۈكىنى ساقلاپ قېلىشتىكى مۇھىم قورغانلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئانا تىل مەكتىپىدىكى بالىلار ۋە مۇشۇ جەمئىيەتتە خىزمەت قىلىۋاتقان بالىلاردىكى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقنى كۆرگەن ۋاقىتتىكى پەخىرلىك ھېسسياتىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئاخىرىدا مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئايشە «ئۇيغۇر بالا يازغۇچىلار جەمئىيىتى» گە تېخىمۇ كۆپ بالىلارنىڭ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئەزا بولماقچى بولغان بالىلارنىڭ شەرتلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
ئىگىلىشىمىزچە، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلار ۋە زىيالىيلار، ھەرقايسىي ئەللەردىكى بالا يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئانا تىلىدىكى ئىجادىيەتلىرىنى قىزغىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئىلھام بېرىپ كەلمەكتىكەن.