ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرىنى ئويناش ۋە ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى
2024.08.27
25-ئاۋغۇست، يەنى يەكشەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان «نۇزۇگۇم» مەدەنىيەت ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرىنى ئۆگىتىش، شۇنداقلا ئۇلارنى ئەنئەنىۋى مەھەللە ئويۇنلىرى بىلەن ئوينىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ مەھەللىلەردە ئوينايدىغان ھەر خىل ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرى مۇھاجىرەتتە تۇغۇلغان ئۇيغۇر بالىلىرى ئارىسىدا ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان بولۇپ، مەركىزى ئىستانبۇلدىكى «نۇزۇگۇم» جەمئىيىتى ئىستانبۇلدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن مەخسۇس بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ پائالىيەتكە ئىستانبۇلدىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمۇ قاتناشقان. ئۇيغۇر بالىلار شۇ كۈنى ئىستانبۇل كوچىلىرىدا ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرىنى ئويناپ، قىزغىن كەيپىيات ھاسىل قىلغان.
پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر «ئاق تىرەك، كۆك تىرەك»، «قارا قارا قۇشلىرىم»، «ياغاچ ئات»، «دوپپا تالىشىش»، «ياغلىق تاشلاش»، «بەشتاش»، «ئارغامچىدا سەكرەش»، «ۋىژىلداق» قاتارلىق 30 دەك ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنىنى ئوينىغان.
شۇ كۈنى نەق مەيداندىكى پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان شەرقىي تۈركىستان «نۇزۇگۇم» مەدەنىيەت ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بۇ ھەقتە مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەھۋال تونۇشتۇردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيىتىمىز مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر باللىرىمىزغا ئۇنتۇلۇشقا، ھەتتا يوق بولۇشقا يۈز تۇتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا ئوينايدىغان ئويۇنلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ئەسلىتىش ۋە ئوينىتىشنى مەقسەت قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇلدى. ھازىرقىدەك بالىلىرىمىز ئويۇن ئويناشتىن يىراقلىشىپ ئائىلىدە تېلېفون ئوينايدىغان، دەرس خوش ياقمايدىغان، بىر-بىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىرى سۇسلىشىۋاتقان بىر ئەھۋالدا، ئۇلارنى ھەم جىسمانىي ھەم زېھنىي جەھەتتىن ساغلاملاشتۇرۇش، بىر-بىرىگە يېقىنلاشتۇرۇش ۋە دوستلاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدۇق.
مۇنەۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغاندىن كېيىن، پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز بالىلىرىغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ھەم سىڭدۈرۈش قىزغىنلىقىنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز بۇ پائالىيەتنى ئېلان قىلغان كۈندىن باشلاپ، خەلقىمىزنىڭ قوللىشى، باللىرىمىزنىڭ ھاياجانلىرى، يىراق-يىراقلاردىن بالىلىرىنى ئويناتقىلى ئەكەلگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ بىزگە بىلدۈرگەن يۈرەك سۆزلىرى كۆپ بولدى. بۇنىڭدىن شۇنى ھېس قىلدۇقكى، بىز بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا بەكمۇ كېچىكىپ قاپتۇق، ئەسلىدە بۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنراق ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز كېرەك ئىكەن، ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر جامائىتىمىزنىڭ ئۆز بالىلىرىغا ئۆز مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشقا بولغان قىزغىنلىقى ۋە ئارزۇسىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق. بىز بۇ پائالىيىتىمىزنىڭ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت بولغانلىقىنى تونۇپ يەتتۇق، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا غەيرەتلەندۇق».
بىز يەنە پائالىيەت مەيدانىدا ئويۇن ئويناۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى زىيارەت قىلدۇق. ئابدۇلۋاھاب ئىسىملىك 11 ياشلىق ئۆسمۈر بۇ پائالىيەتتە «قارا-قارا قۇشلىرىم» ۋە «بەشتاش» قاتارلىق ئويۇنلارنى ئويناپ خۇشال بولغانلىقىنى، ئۆزى بىلمەيدىغان نۇرغۇن ئويۇنلارنى بۇ يەردە ئۆگەنگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ، «بۇ پائالىيەتتە مەن ۋەتىنىمىزدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئويۇنلىرى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆگەندىم» دېدى.
بۇ پائالىيەتتە ھەر خىل بالىلار ئويۇنلىرى ئوينىلىشتىن باشقا يەنە بالىلارغا قىزىقارلىق ھېكايە سۆزلەش، رەسىم سىزىش قاتارلىق پائالىيەتلەرمۇ ئېلىپ بېرىلدى. رەسىم سىزىۋاتقان ئۆسمۈر قىزلارنىڭ بەزلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقىنى كۆتۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىمىنى سىزغان ئىدى. بىز رەسىم سىزىۋاتقان 9 ياشلىق ئائىشە ئىسىملىك قىزدىن نېمە رەسىم سىزىۋاتقانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ، ئاي-يۇلتۇزلۇق شەرقىي تۈركىستان بايرىقى بىلەن تۈرك بايرىقىنى سىزىۋاتقانلىقىنى، تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىنداش خەلق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، «تۈرك خەلقى بىز ئۇيغۇرلارغا تۈرك ۋەتىنىدە ياشاش ئىمكانى بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئىككى بايراقنى كۆتۈرگەن ئۇيغۇرنىڭ رەسىمىنى سىزدىم» دېدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەزىزە ئابدۇمالىك ئىسىملىك يەنە بىر ئۆسمۈر قىز، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە «ياغاچ ئادەم» دېگەن ئويۇننى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، «ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەنئەنۋىي ئويۇنلىرى ئۇنتۇلۇپ قالمىسۇن، كېيىنكى ئەۋلادلارمۇ ئوينىسۇن دېگەن مەقسەتتە بۇ ئويۇنلارنى ھازىر بالىلارغا ئۆتۈۋاتىمىز» دېدى.
بىز يەنە ھۇمەيرا ئىسىملىك قىز بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق، ھۇمەيرا ئۆزىنىڭ «ياغاچ ئادەم»، «ئاق تىرەك، كۆك تىرەك» دېگەندەك ئويۇنلارنى ئويناپ بەك خوش بولغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە مۇشۇنداق ئويۇنلارنى ئويناشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.