فاھرەتتىن يوقۇش: «تۈركىيە بارىن ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سورىشى كېرەك»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2023.04.05
abdureshit-qaraxan.jpg ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى بايانات ئوقۇماقتا. 2023-يىلى 5-ئاپرېل، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

1990-يىلى 5-ئاپرېل كۈنى «بارىن ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن بۇيان، چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى بۇ تارىخىي ۋەقەنى ھەر خىل شەكىللەردە خاتىرىلەپ كەلمەكتە. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە نامايىش قىلىش، ئاخبارات-بايانات ئېلان قىلىش، بارىن قۇربانلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق خىلمۇ-خىل ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 1950-يىللاردىن كېينىكى تارىخىدىكى زور ۋەقەلەرنىڭ بىرى ھېسابلانغان بارىن قوزغىلىڭىنى خاتىرىلەپ ۋە ياد ئېتىپ كەلمەكتە.

5-ئاپرېل كۈنى، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن «بارىن ئىنقىلابى» دەپ نام بېرىلگەن مەزكۇر ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 33 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىمۇ «بارىن ئىنقىلابىنى خاتىرىلەش» تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەت ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ مۇراسىمغا تۈركىيەدە قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئىيى يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رىدۋان ئۇز ئەپەندى، پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى، «كېلەچەك» پارتىيەسى رەھبەرلىرى، «يېڭىدىن رەفاھ» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى دوغان بېكىن ئەپەندى، شۇنىڭدەك ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن سىرت مۇخبىرلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

پائالىيەتتە ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى سۆز قىلىپ بارىن ئىنقىلابىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە بۇ ئىنقىلابتىن ئالىدىغان تەجرىبە-ساۋاقلار توغرىسىدا توختالدى.

پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش سۆزىدە تۈركىيەنىڭ «بارىن ۋەقەسى» دە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سورىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيەنىڭ مىللىي مەسىلىسىدۇر. بۇ مەسىلىسى پارتىيەلەرنىڭ ئۈستى بىر مەسىلىدۇر. ھەر قانداق بىر تۈرك، بىر مۇسۇلمان ھەتتا ھەرقانداق بىر ئادەم بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى كېرەك. بۇ، 1949-يىلى باشلانغان 74 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بىر زۇلۇمدۇر. بۇ جەرياندا بارىن، غۇلجا ۋە ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى قاتارلىق ئۈچ چوڭ قىرغىنچىلىق بولغان. ئەپسۇسكى بۇ زۇلۇم داۋاملىشىۋاتىدۇ. 2017-يىلىدىن تارتىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلاندى. ئەپسۇس تۈركىيە باشتا بارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرى تېخىچە سۈكۈتتە. تۈركىيە ھۆكۈمىتى تېخىمۇ جىددىي ھەرىكەت قىلىپ، بارىن ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن مىڭلىغان بالىلار، ئانىلار ۋە بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ جاۋابكارلىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سورىشى كېرەك. بۇنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنىڭ ھېسابى سورىلىشى كېرەك. 5-ئاينىڭ 14-كۈنى تۈركىيەدە ئومۇمىي سايلام بولىدۇ، بىزنىڭ ياخشى پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسە بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشىمىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى ئىزدەشتىن ئىبارەت».

پائالىيەتتە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى سۆزلىدى. ئابدۇلخمىت قاراخان ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن 33 يىل بۇرۇن بارىن خەلقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمىغا قارشى قوزغىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەقەللىي ھەق-ھوقۇقىنى ۋە ئادالىتىنى تەلەپ قىلغانىدى. بۇ ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىگە نەق 33 يىل بولغان بولسىمۇ، تېخى تۈنۈگۈن يۈز بەرگەندىكىدەك خەلقىمىزنىڭ يۈرىكىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنى يوق. چۈنكى 33 يىل بۇرۇن خىتاي قانداق شەكىلدە ئۇيغۇر خەلقىگە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان بولسا، 33 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ زۇلۇم بارغانسېرى شىددەتلىك تۈس ئېلىپ، تېخىمۇ ۋەھشىي ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. شۇڭا 33 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ زۇلۇملىرى ھەر كۈنى تېخىمۇ ھەسسىلەپ ئاشقانلىقى ئۈچۈن، بارىن ئىنقىلابى 33 يىلدىن بۇيان خۇددى تۈنۈگۈن يۈز بەرگەندەك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نەپرىتىنى ئۇلغايتىۋاتىدۇ».

ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتىن تارتىپ خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەگەر ھەرقايسى دۆلەتلەر بۇنىڭدىن 33 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن بۇ ھەرىكەتكە قارىتا ۋاقتىدا تېگىشلىك جاۋابىنى بەرگەن بولسا، ئۇيغۇر خەلقىگە ياردەم قولىنى ئۇزاتقان بولسا ۋە خىتايغا بېسىم ئىشلەتكەن بولسا، خىتاي زۇلۇمى نۆۋەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە يەتمىگەن بولاتتى. لېكىن دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇرماسلىقى، مەزكۇر ۋەقەدىن 33 يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئېغىر بىر ۋەزىيەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى دەپ ئويلايمىز. شۇڭا ھەر قايسى دۆلەتلەر بولۇپمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتى تېخىمۇ جىددىي ھەرىكەت قىلىپ، بارىن ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن مىڭلىغان بالىلار، ئانىلار ۋە بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ جاۋابكارلىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سورىشى كېرەك. بۇنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنىڭ ھېسابى سورىلىشى كېرەك».

«يېڭىدىن رەفاھ» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوغان بېكىن ئەپەندى پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇندىن كېيىنمۇ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا ئىيى پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رىدۋان ئۇز ئەپەندى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىمنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىگە ئەۋەتكەن خېتىنى ئوقۇپ بەردى. ئۇ، خېتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ پارتىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، ھەر دائىم ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن بارىن ئىنقىلابى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 33 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «بارىن شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش» ماملىق پائالىيەتكە تۈركىيەنىڭ دۆلەتلىك ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقى، قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋە بەزى تېلېۋىزىيە، گېزىتلەرنىڭ مۇخبىرلىرى ئىشتىراك قىلدى. بارىن ۋەقەسى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت خەۋەرلەر تۈركىيە مەتبۇاتلىرىدا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قايتىدىن كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.