قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاۋاز قوشۇپ 5-ئاپرېل بارىن ئىنقىلابىنىڭ 34 يىللىقى ۋە 8-ئاپرېل شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 79-يىللىقىنى خاتىرىلىدى. پائالىيەت 5-ئاپرېل كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋەكىللىرىنىڭ تەشەببۇسىدا بىشكەك شەھىرىنىڭ ئالامېدىن مەھەللىسىدە ئۇيۇشتۇرۇلدى.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆزىنىڭ مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيەسىنى قۇرغان بولۇپ، گەرچە، 1950-يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ ئارمىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى كۆپ يىللاردىن بۇيان مەزكۇر كۈننى خاتىرىلەپ كەلمەكتە.

خاتىرىلەش پائالىيىتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالەتچىسى روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىيېفنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى. مۇراسىمغا بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.
مەزكۇر پائالىيەت ئىپتارلىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان. ئالدى بىلەن رىياسەتچى كۆپچىلىككە سالام يوللاپ بارىن ئىنقىلابى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانلىق باستۇرۇشى توغرىسىدا تولۇق مەلۇمات بەردى.
رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى مەۋلان ھپشۇروف بارىن ئىنقىلابى ۋە زەينىدىن يۈسۈپ توغرىسىدا سۆزلەپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ داۋاملىق قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ كۈچەيتىشىنى تىلغا ئالدى.
مۇراسىم داۋامىدا ۋەتەن ئازادلىقى يولىدا قۇربان بولغان قېرىنداشلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى.
مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇھەررىرى ئەكبەرجان باۇدۇنوف مىللىي ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتتى.

مەزكۇر مۇراسىمغا قاتناشقان پائالىيەتچىلەردىن تۇرسۇنئاي ئىسلام خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇ خىل مۇراسىملارنىڭ جامائەت ئەھلى، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ روھىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 79-يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى يەنە قىرغىزىستان جەنۇبىدىكى جالال ئاباد شەھىرىدە جامائەت ئەربابلىرىدىن ئەلىشىر ناسىراخۇنوفنىڭ تەشەببۇسىدا ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئەلىشىر ئەپەندى ئۆزى جامائەت ئەھلىگە مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى، خىزمەتلىرى ۋە ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات قىلدى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقلىرىغا ئاۋاز قوشۇپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدىكى مۇھىم ئاممىۋى ۋە سىياسىي ۋەقەلەرنى خاتىرىلەپ ئۇنى كېلەچەك ئەۋلادلارغا قالدۇرۇش، ياش ئەۋلادلارنىڭ تارىخنى بىلىش ۋە ئۆگىنىش روھىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بەرمەكتە.