5-ئاپرېل كۈنى بارىن ئىنقىلابىنىڭ 31 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ كاستامۇنۇ ۋە قاھرامانماراش شەھەرلىرىدە سۈرەت كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.
كۆرگەزمىدە بارىن ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغان شېھىتلارنىڭ سۈرەتلىرى ۋە شۇ قېتىملىق ۋەقەلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىم ۋە ماتېرىياللار كۆرسىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەسىس قىلغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى، مەزكۇر لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، دىنىي زاتلار، سەنئەتچىلەر، يازغۇچىلار ۋە باشقا ھەر ساھەدىكى سەرخىللەرنىڭ سۈرەتلىرى كۆرسىتىلگەن.
بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىنى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مەزكۇر كۆرگەزمىنى كاستومۇنىدىكى تۈرك ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، بەزى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە خەلقتىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئېكسكۇرسىيە قىلغان.
بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ئابدۇزاھىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر كۆرگەزمىنىڭ مەقسىتى بارىن شېھىتلىرىنى ئەسلەش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تۈرك خەلقىگە ھۆججەتلەر ئارقىلىق بىلدۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئابدۇزاھىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە سۈرەت كۆرگەزمىسى كاستامونۇ شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى تارىخىي مەسچىتنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولغاچقا، تارىخىي جايلارنى ساياھەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەن نۇرغۇن كىشى ئېكسكۇرسىيە قىلغان. ئابدۇزاھىر كۆرگەزمىنى ئايلانغان كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە «ھەر دائىم سىلەرنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز» دەپ ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.
كاستامۇنۇ تۈركىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ شەھىرىگە 2016-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا باشلانغان. ھازىر كاستومۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا 100 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار 4 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. ئابدۇلئەزىز ئەپەندى 4 يىلدىن بۇيان بۇ شەھەردە ئىزچىل ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، كاستامونۇ خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
5-ئاپرېل كۈنى تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇب رايونىغا جايلاشقان قاھرامانماراش شەھىرىدىمۇ بارىن ۋەقەسىدە شېھىت بولغان ئۇيغۇرلارنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. پائالىيەتنى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋەخپىسىنىڭ قاھرامانماراش شۆبىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتتە بارىن ۋەقەسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن فوتو-سۈرەتلەر قويۇلغاندىن سىرت، بارىن ۋەقەسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان ئاخبارات باياناتى ئوقۇپ ئۆتۈلگەن.
سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋەخپىسىنىڭ قاھرامانماراش شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى سەفەرجان پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
سەفەرجان قاھرامانماراش ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ شەھەرلەردىن بىرى بولۇپ قالغانلىقىنى، قاھرامانماراش خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاتتىق ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
5-ئاپرېل بارىن ۋەقەسى شېھىتلىرىنى ئەسلەش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش پائالىيىتى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ۋە كونيا قاتارلىق شەھەرلىرىدىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، كورونا ۋىرۇسىدىن تۈپەيلى بىر كۈن ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت بېرىلگەن.
