گېرمانىيە خىمىيە سانائىتى ماگناتى BASF «شىنجاڭ ماركور» نىڭ قىزىل سىزىقتىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.02.13
BASF-CIBA-qizil-chiragh قاتناش چىرىغىنىڭ كەينىدە كۆرۈنگىنى باسېل ئەتراپىدىكى شۋېيزېرخاللېدىكى BASF نىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىناسى. 2009-يىلى 7-ئىيۇل، شۋېيزېرخاللې
REUTERS

گېرمانىيەنىڭ داڭلىق خىمىيە سانائىتى ماگناتى بولغان BASF شىركىتى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «شىنجاڭ ماركور خىمىيە سانائىتى شىركىتى» بىلەن بولغان ئىككى ھەسسىدارلىق ئىشلەپچىقىرىش تۈرىدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلىشىدا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى «شىنجاڭ ماركور خىمىيە سانائىتى شىركىتى» نىڭ كىشىلىك ھوقۇق قىزىل سىزىقىدىن ھالقىپ كېتىشىنىڭ بۇنى تېزلەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. BASF نىڭ 12-فېۋرال مۇخبىرىمىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىشىچە، شىركەتنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلىشىدا بازار ۋەزىيىتى ۋە ھاۋاغا كاربون گازى قويۇپ بېرىش ئامىلى ئويلىشىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئاۋۋال ئېلان قىلىنغان BASF نىڭ ئىككى شىنجاڭ ھەمكارلىق تۈرىدىكى شېرىكى بولغان «شىنجاڭ ماركور خىمىيە شىركىتى» خادىملىرىنىڭ رايوندىكى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا، كېچىلىك ئاختۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقانلىقىغا دائىر دوكلات چېكىنىپ چىقىشنى تېزلىتىشتە مۇھىم رول ئوينىغانىكەن. BASF نىڭ ئاخبارات ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى دانىېلا روشېنبېرگ (Rechenberg Daniela) «شىنجاڭ ماركور خىمىيە سانائىتى شىركىتى» BASF نىڭ كىشىلىك ھوقۇق قىزىل سىزىقىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

 مەلۇم بولۇشىچە، BASF شىركىتى كورلا سانائەت باغچىسىنى بازا قىلغان «شىنجاڭ ماركور خىمىيە سانائىتى شىركىتى» بىلەن 2016-يىلى 1-ئايدا ۋە شۇ يىلى 7-ئايدا ئىككى ھەمكارلىق تۈرى ئىمزالىغان. بۇ ئىككى ھەمكارلىق تۈرى يىلىغا 100 توننىلىق بۇتانىدىئول (BDO) ۋە 50 مىڭ توننىلىق پولىتېترامىتېلىن ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. لېكىن ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنزنىڭ گېرمانىيەدىكى «ئەينەك» ژۇرنىلى ۋە ZDF تېلېۋىزىيە قانىلى بىلەن بىرلىشىپ تەييارلىغان دوكلاتىدا، «شىنجاڭ ماركور خىمىيە سانائىتى شىركىتى» نىڭ 2028-يىلى كېچىلىك تۇتقۇنغا قاتناشقانلىقىغا دائىر دەلىللەرنى ئاشكارىلىغان. BASF ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىككى ھەمكارلىق تۈرىنىڭ ھەسسىدارلىق پاي چېكىنى سېتىش قارارى 2023-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلانغانلىقىنى قەيت قىلسىمۇ، ئەمما بۇ قارار ئىككى ھەپتە ئاۋۋال ئادرىيان زېنزلەرنىڭ دوكلاتى ئېلان قىلىنىشىنىڭ ئارقىسىدىن ئېلان قىلىنغان.

دانىېلا رېشېنبېرگ 12-فېۋرال بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «شىركەت ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا بۇ ئىككى ھەسسىدارلىق تۈرىنىڭ پاي چېكىنى سېتىشنى قارار قىلغان. دېمەك، بىز بۇنىڭدىن بۇرۇنلا بۇ سودىدىن چېكىنىپ چىقىشنى ئويلاشقان. چۈنكى، بازارنىڭ ئەھۋالى بۇتانىدىئول ئۈچۈن قىيىنلاشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋاغا يۇقىرى مىقداردا كاربون گازىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى بىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىستراتېگىيەمىزگە ئۇيغۇن كەلمىدى. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە بىر مۇھىم ئامىل بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئاۋۋال ئېلان قىلىنغان بىزنىڭ شېرىك كارخانا ‹شىنجاڭ ماركور خىمىيە سانائىتى شىركىتى› گە ئائىت دوكلات بولدى.»

 لېكىن دانىېلا رېشېنبېرگنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشى بازار، مۇھىت ۋە يۇقىرى مىقداردىكى كاربون گازى سەۋەبىدىن باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى دوكلات چېكىنىپ چىقىشنى تېزلەتكەن. دانىېلا رېشېنبېرگ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ ماركور شىركىتى ھەققىدىكى يېقىنقى دوكلات ھەسسىدارلىقنى سېتىش قارارى تېزلەتتى… لېكىن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم، دوكلاتتا (تۇتۇشقا) قاتناشقان خىزمەتچىلەرنىڭ بىزگە ئورتاق شىركەتنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىكەنلىكى، بىزنىڭ ھەمكارلىق تۈرىمىزدىكى خىزمەتچىلەر ئەمەسلىكى ئالاھىدە قەيت قىلىنغان. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ بىزنىڭ شېرىك كارخانىغا بوپتۇ، دەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسەتمەيدۇ. چۈنكى، بۇ بىزنىڭ قىممەت ئۆلچىمىمىزگە خىلاپ. مانا بۇ بىزنىڭ بۇ سودىدىن چېكىنىپ چىقىشىمىزنى تېزلىتىشىمىزدىكى سەۋەب. لېكىن بىزنىڭ خىزمەتچىلىرىمىزدىن ھېچكىم بۇ ئىشقا ئىشتىراك قىلغان ئەمەس.»

ئۇ يەنە BASF نىڭ قارارى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى شېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قىزىل سىزىقىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئىپادىلەمدۇ، دېگەن سوئالىمىزغا، «ھەئە، شۇنداق» دەپ جاۋاب بەردى. مەزكۇر شىركەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ كورلادىكى ئىككى ھەمكارلىق تۈرىنىڭ 120 دەك خىزمەتچىسى بار بولۇپ، ئۇلاردىن 40 تەك خىزمەتچىBASF بىلەن «شىنجاڭ ماركور خىمىيە سانائىتى» نىڭ ئورتاق ھەمكارلىقىدىكى «BASF-ماركور خىمىيە ئىشلەپچىقىرىش (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتى» دە ئىشلەيدىكەن. BASF نىڭ «شىنجاڭ ماركور خىمىيە سانائىتى شىركىتى» بىلەن بولغان يەنە بىر ئورتاق ھەمكارلىق تۈرىنىڭ «ماركور مېيئاۋ خىمىيە (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتى» ئىكەنلىكى مەلۇم.

 BASF شىركىتى بۇنىڭ ئالدىدا يەنى 7-فېۋرال مۇخبىرىمىزغا ئەۋەتكەن يازما باياناتىدا، «قانداقلا بولمىسۇن، ھازىرقى دوكلاتقا جىددىي قارايدىغانلىقى ۋە تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى، شۇنداقلا بۇنى سودا مۇناسىۋەتلىرىدىكى باھالاشتا ھېسابقا ئالىدىغانلىقى» نى ئېيتقان، ئەمما ھەمكارلىق تۈرىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغانىدى. BASF كىشىلىك ھوقۇق قىزىل سىزىقىدىن ھالقىپ كېتىش سەۋەبلىك ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەمكارلىق تۈرىدىن چېكىنىپ چىقىرىشنى قارار قىلغان تۇنجى غەرب كارخانىسى ھېسابلىنىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ ئىنتايىن مۇھىم قارار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلماقتا. لاگېر ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مۇتەخەسسىسى، ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادىيان زېنز 13-فېۋرال بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر قارار، چۈنكى تۇنجى قېتىم بىر غەرب شىركىتىنىڭ بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسەن رايوندىن چېكىنىپ چىقىش ھەققىدە ئاكتىپ قارار چىقىرىشىدۇر. بۇ قارار مەزكۇر شىركەتنىڭ نۇرغۇن جەھەتتىن ئۆزى ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشنى ئاساس قىلغان ئەمەس، بەلكى مېنىڭ گېرمانىيە ئاخباراتىغا تەمىنلىگەن تەتقىقات دوكلاتىمنى ئاساس قىلغان. بۇنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ، دەلىلنىڭ كۈچىنى نامايان قىلغان. بۇنىڭدا BASF نىڭ ھەسسىدارلىق تۈرىگە شېرىك بولغان بىر شىركەتنىڭ بۇ ۋەھشىيلىككە قاتنىشىپ، چوڭ تۇتقۇندا ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرۈش، ئۇيغۇر ئائىلىلىرى بىلەن يېتىپ-قوپۇشتا ۋە تاماقتا بىللە بولغانلىقى مەلۇم بولدى.»

 ئادرىيان زېنزنىڭ تەكىتلىشىچە، BASF نىڭ قارارى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ چوڭ تۇتقۇن باشلىنىپ 7 يىلدىن كېيىن بۇ قارارنى ئېلىشى بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىكەن. ئادرىيان زېنز مۇنداق دېدى: «بىز BASF بۇ رايوندىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلىشتا ‹خاندېلسبلات› نىڭ ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان (شىنجاڭ ماركور) نىڭ تۆپىسىدىكى جوڭتەي شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىگە دائىر دوكلاتىنى ئاساس قىلغان دېسەكمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ قارارىنى بەك ئۇزۇن ۋاقىتتا، يەنى 2024-يىلى چىقىرىشى كىشىنى بەك ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. 2017-يىلى چوڭ تۇتقۇن باشلىنىپ 7 يىلدىن كېيىن بۇ قارارنى چىقاردى. بەكمۇ كېچىككەن بۇ قارار، بۇ شىركەتنىڭ رايوندىكى مەسئۇلىيىتىنى چۈشىنىپ يېتىشى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى بېسىم ئاستىدا چىقىرىلدى. »

 نۆۋەتتە، BASF نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن چېكىنىپ چىقىش قارارىدىن ئارقىسىدىن كىشىلەرنىڭ دىققىتى، ئۈرۈمچىدە تارماق زاۋۇتى بولغان گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركىتى-ۋولكىسۋاگېنغا بۇرالماقتا. گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك يارىمى كومىتېتىنىڭ رەئىسى رېناتا ئالت (Renata Alt) خانىم، ئۇيغۇر دىيارى غەرب شىركەتلىرىنىڭ ئىقتىسادى پائالىيەتلىرىدە «بېرىشكە بولمايدىغان» رايون ھېسابلىنىشى، بۇنىڭ ۋولكىسۋاگېن ئۈچۈنمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. رېناتا ئالتنىڭ تەكىتلىشىچە، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى، غەرب كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇشىغا بېسىم ئىشلىتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزگە ئىلماسلىق سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىشىنى كىشىلەرگە نورمال ئەھۋال، دەپ قوبۇل قىلدۇرماقچى بولغان» ئىكەن.

ئادرىيان زېنز، BASF نىڭ قارارى ۋولكىسۋاگېنغا قاتتىق بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە بۇ قارار ۋولكىسۋاگېنغا زور بېسىم پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى ۋولكىسۋاگېن رايوندا قېلىپ قالغان بىرىدىن بىر شىركەت بولۇپ قالدى. BASF نىڭ قارارى بۇ رايوننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەخلاقى بولمىغان، تۇرۇشقا بولمايدىغان ۋە قوبۇل قىلىنمايدىغان رايون، دەپ قارىلىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. مەن شۇنى ئېيتالايمەنكى، ۋولكىسۋاگېننىڭ رايوندىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلىش چۇقانلىرىنىڭ ھازىردىن باشلاپ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. »

 BASF نىڭ يازما باياناتىدا قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر شىركەت ئۇيغۇر دىيارىدىن چېكىنىپ چىقسىمۇ، لېكىن خىتايدىكى سودىسىدا ئۆزگىرىش بولمايدىكەن. باياناتتا، شىركەتنىڭ خىتايدىكى سودا پائالىيىتى ۋە پىلاندىكى مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. BASF شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن چېكىنىپ چىقىش قارارى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا لاگېرلار ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ بۇ يىللىق چاغان مەزگىلىدىكى تەشۋىقاتلىرىدا، ئۇيغۇرلار چاغانلىق تەشۋىقات مەزمۇنىنىڭ نۇقتىلىق تېمىسىغا ئايلانغان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ چاغانلىق تەشۋىقاتلىرىدا، خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆزلەشتۈرگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چاغاننى قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقى ۋە تەبرىكلەۋاتقانلىقى كەڭ تارقىتىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى تۇرمۇشنىڭ «نورماللىقى» نى پەردازلاشقا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.