باۋارىيە ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى بىناسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
2021.04.30
28-ئاپرېل گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى باۋارىيە ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى بىناسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ھەم ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى بىرلىكتە 28-ئاپرېل گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى باۋارىيە ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى بىناسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن.
مەزكۇر نامايىش گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مەركىل بىلەن خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچاڭ ئوتتۇرىسىدا 28-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى تەرەپنىڭ 6-نۆۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى مەزگىلىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. سۆھبەتتىن بىر كۈن بۇرۇن، يەنى 27-ئاپرېل د ئۇ ق بايانات ئېلان قىلىپ، ئانجىلا مەركىلدىن ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئەسناسىدا قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە قويۇشنى تەلەپ قىلغانىدى.
28-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلخانىسى بۇ قېتىمقى باھار بايرىمىنى قۇتلۇقلاش مۇراسىمىغا باۋارىيەنىڭ بەزى مۇھىم سىياسىي ئەربابلىرىنىمۇ تەكلىپ قىلغان. بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مۇھىم مەقسەتلىرىنىڭ بىرى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىقلارغا بىپەرۋا ھالدا خىتاينىڭ باھار بايرىمىغا قاتناشماقچى بولغان باۋارىيەنىڭ ھۆكۈمەت قاتلىمىدىكى سىياسەتچىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش بولغان.
نامايىشتا د ئۇ ق، خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ھەم ئىلھام توختى ئىنستىتۇتىنىڭ رەھبەرلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا نۇتۇقلار سۆزلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. بۇ قېتىمقى نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇشقا قاتناشقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىمۇ مەزكۇر نامايىشنىڭ مەقسەتلىرى توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلدى.
نامايىش جەريانىدا ئىلھام توختىغا ياردەم گورۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەيىپلەش بىلەن بىرگە، گېرمانىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايلار بىلەن ھەمكارلاشماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.
د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدېن ئەپەندىمۇ 28-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇمۇ بۇ قېتىمقى نامايىش توغرىسىدا قىسقىچە پىكىر بايان قىلىپ ئۆتتى. د ئۇ ق فوندىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە تەسىراتلىرىنى ئىزھار قىلىپ، نامايىشنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
نامايىش 28-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن سائەت 3:30 دىن 6:30 غىچە 3 سائەت داۋاملاشقان. نامايىشچىلار ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى ھەم خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئەيىبلەش، جازا لاگېرلىرىنى تاقاش، مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىكار قىلىش، گېرمانىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلار ئاساس قىلىنغان تۈرلۈك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان.