«Discovery» قانىلىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنى غەزەپلەندۈردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.02.21
CGTN-Xinjiang-1024 ئامېرىكادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسال ئاخبارات ئورگىنى بولغان «بايقاش قانىلى» (Warner Bros. Discovery) خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى، چەت ئەلگە قارىتىلغان تەشۋىقات ۋاسىتىسى بولغان «خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى» ، يەنى CGTN تېلېۋىزىيە قانىلى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئېلى توغرىسىدا ئىشلىگەن «ھۆججەتلىك فىلىم» نىڭ كۆرۈنۈشى.
CGTN/Discovery

ئامېرىكادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسال ئاخبارات ئورگىنى بولغان «دىسكاۋېرى قانىلى» (Channel Discovery) يەنى «بايقاش قانىلى» خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى، چەت ئەلگە قارىتىلغان تەشۋىقات ۋاسىتىسى بولغان «خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى»، يەنى CGTN تېلېۋىزىيە قانىلى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئېلى توغرىسىدا ئىشلىگەن «ھۆججەتلىك فىلىم» قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى. بولۇپمۇ بۇ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق دىنىي پائالىيەتلىرىگە قاتتىق زەربە بەرگەنلىكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيت مەزگىلىدە ناماز ئوقۇشىنى چەكلىگەنلىكى، مەسچىتلەرنى چېقىپ ساياھەت ئورۇنلىرىغا ئايلاندۇرغانلىقى ۋە باشقا قىلمىشلىرى خەلقئارا جەمئىيەتكە مەلۇم. مۇشۇنداق بىر ۋاقىتتا «دىسكاۋېرى قانىلى» CGTN بىلەن بىر لىكتە ئىشلىگەن بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدا ئۇيغۇرلار خۇشال ھالدا، ئاممىۋى سورۇنلارغا يىغىلىپ دائىم ئۇسسۇل ئوينايدۇ. دىنىي ئىبادەتلىرىنى قىلىپ بايرام ئۆتكۈزىدۇ، دېگەن پىكىرلەر تەشۋىق قىلىنغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى جىم بانكىس (Jim Banks) نىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن كېلىپ چىققان 6 نەپەر دۆلەت مەجلىس ئەزاسى «دىسكاۋېرى»، يەنى «بايقاش قانىلى» نىڭ دىرېكتورى دەيۋىد زاسلاۋ (David Zaslav) غا خەت يازغان. خەتتە مەزكۇر «قانال» نىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى بىلەن شېرىكلىشىشىنىڭ سەۋەبى سۈرۈشتۈرۈلگەن.

خەتتە ئۇلار مۇنداق دېگەن: «CGTN بۇرۇن CNN ۋە باشقا ئاخبارات ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلغان. ھازىر ‹دىسكاۋېرى قانىلى› خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى بۇ CGTN قانىلى بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ توغرىسىدا ‹ھۆججەتلىك فىلىم› ئىشلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك، دىنى، ۋەتىنى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن ئۇزۇن يىللىق مەھرۇم قىلىش تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىنى ماختىغان» .

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى دەيۋىد زاسلاۋغا يوللىغان خەتتە يەنە مۇنداق دېگەن: «‹ دىسكاۋېرى قانىلى› ۋە CGTN بىلەن بىر لىكتە ئىشلىگەن ھۆججەتلىك فىلىم خىتاينىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقى› نى يوشۇرۇش تەشۋىقاتىغا يان تاياق بولغان. ھازىرقى ۋە ئىلگىرىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا خىتاي بولمىغان تۈركىي خەلقلىرىگە قارشى يۈرگۈزگەن باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتتى. شۇڭلاشقا، شىركىتىڭىزنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىغا ياردەم قىلغانلىقى توغرۇلۇق كۆرۈرمەنلەر ۋە ئامېرىكا خەلقىگە جاۋاب بېرىش مەجبۇرىيىتىڭىز بار» .

 لېكىن، «دىسكاۋېرى قانىلى» (Discovery) نىڭ ھازىرغىچە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ تەلىپىگە ھېچقانداق جاۋاب ياكى چۈشەندۈرۈش ئېلان قىلمىغانلىقى مەلۇم. مەزكۇر قانال يەنە رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سورىغان سوئاللىرىغىمۇ ھازىرغىچە جاۋاب قايتۇرمىدى.

 

 «دىسكاۋېرى قانىلى» نىڭ خىتاينىڭ CGTN قانىلى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە ئىشلىگەن ھۆججەتلىك فىلىمى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچى مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەنقىدلىرىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقات دىرېكتورى ھېنرىك شاجېسكى (Henryk Szadziewsk) «دىسكاۋېرى قانىلى» نىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى CGTN قانىلى بىلەن بىرلىكتە ئىشلىگەن «ھۆججەتلىك فىلىم» نىڭ مەزمۇنى ۋە خاراكتېرى ھەققىدە كۆز قارشىنى مۇنداق ئىپادىلىدى:

 «ھەممىمىز بىلگەندەك، ‹دىسكاۋېرى قانىلى› دۇنيا ھەققىدە پىروگرامما ئىشلەيدۇ. بۇ قانال پەقەت ئادەملەر ھەققىدە پىروگرامما ئىشلەپلا قالماستىن، بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇھىت ھەققىدىمۇ پىروگرامما ئىشلەيدۇ. ئۇلار بۇ قېتىم ئۇيغۇر رايونى ۋە ئۇ يەردىكى كىشىلەرنى تەسۋىرلەيدىغان ئاتالمىش ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەن. ئەلۋەتتە، ھازىر ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشنىڭ ۋاقتى ئەمەس. ھۆججەتلىك فىلىمدىكى تەسۋىر ۋە كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەممىسى ئېنىقكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۈزگۈچىدىن ئۆتكەن. شۇڭا، بۇ ھۆججەتلىك فىلىم، يەنى ۋىدىيولاردىن ئۇيغۇر رايونىدىكى مەنزىرە ۋە مەدەنىيەتنىڭ بىر تەرىپىنىلا كۆرەلەيسىز. بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدا ئېنىقكى ‹دىسكاۋېرى قانىلى› خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى CGTN بىلەن توختام تۈزگەن بولۇشى كېرەك. يەنى ئۇلار ھەمكارلاشقان. بۇ، ‹دىسكاۋېرى قانىلى› ئۈچۈن توغرا تاللاش ئەمەس، CGTN خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن نۇرغۇن تەشۋىقات پىروگراممىلارنى ئىشلىگەن» .

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى تەنقىدلەپ، بۇ فىلىمنىڭ مەقسىتى ھەققىدىكى كۆز قارشىنى مۇنداق شەرھلىدى: «بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدا شەرقى تۈركىستاننىڭ خىتاينىڭ زېمىنى ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ‹خۇشال-خۇرام› ۋە ‹بەختلىك› ياشاۋاتقانلىقى، نورمال دىنىي ئىبادەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى تەشۋىق قىلىنغان. ‹دىسكاۋېرى قانىلى› خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن ھەمكارلاشقان ۋە خىتاي ھاكىمىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىشىغا ۋە يوشۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن. »

يېقىندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساياھەتچىلىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نى يوشۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ساياھەتنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» دەپ ئاتاپ، چەت ئەل ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەت تەشكىللىمەسلىكىنى تەشەببۇس قىلغانىدى.

بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان تەتقىقاتچىلاردىن بىرى دوكتور ھېنرىك شاجىۋىسكى بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئوبيېكتىپ ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن تەشۋىقات فىلىمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

 «بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدا ئويلاشقا تېگىشلىك مۇھىم نەرسىلەر بار. بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە بىزنىڭ كۆز قارىشىمىزنى ئەركىن ئىپادىلەشكە رۇخسەت قىلىدۇ. ئەگەر بۇ ئۇلارنىڭ كۆز قارىشى بولسا، بۇنىڭدا بىر مەسىلە يوق. لېكىن ‹دىسكاۋېرى قانىلى› تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن، يەنى ئادىل بولۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەت، ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان جىنايەتكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىمۇ كۆرسىتىشى كېرەك. ھۆججەتلىك فىلىمدا ئۇنداق قىلىنمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەلگىكىدىن ئۆتكۈزۈلگەن تەشۋىقات فىلىمى بولغان. قورقۇنچلۇق يېرى بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدا كونتېكىست يەنى ئارقا كۆرۈنۈشى يوق. ھەر قانداق مەسئۇلىيەتچان ئورگان مۇۋاپىق كونتېكىست بىلەن تەمىنلەيدۇ. لېكىن بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدا ئۇ يوق.»

 

 دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى «ئىرقى قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتىپ، خىتايغا قارشى بەزى جازالارنى يولغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ «دىسكاۋېرى قانىلى» غا ئوخشاش داڭلىق ئۇنىۋېرسال ئاخبارات ئورگانلىرىنى يېنىغا تارتىپ ئۇزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى جىم بانكىس «دۆلەتلىك ئوبزور» (National Review) خەۋەر تورىغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «‹مەن ئۆزىنى ئادالەت ۋە باراۋەرلىكنىڭ چېمپىيونى‹ دەپ قارايدىغان ‹دىسكاۋېرى قانىلى› نىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىشىغا ۋە يوشۇرۇشىغا شېرىك بولۇشىنى چۈشەنمىدىم. »

يېقىندا ئامېرىكانىڭ داڭلىق رادىيو تېلېۋىزىيە قانىلى (CBS) مۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە بېرىپ مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەن. CBS قانىلىمۇ خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى يوشۇرۇش تەشۋىقاتىغا يان تاياق بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.