8-ئىيۇن كۈنى 200 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە 37 نەپەر ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسى بىرلەشمە باياناتلار ئېلان قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە چاقىردى. بىر كۈندىن كېيىن، يەنى 9-ئىيۇن ب د ت خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى تەكشۈرۈش تەلىپىدە بولغانلىقى ئاشكارىلاندى. بۇ تەلەپ ئەلۋەتتە خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بىراق كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭمۇ مىشېل باچېلېتنىڭ مەغلۇبىيەتلىك زىيارىتىگە ئوخشاش نەتىجىسىز بىر زىيارەت بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بايان قىلىنىشىچە، مىشېل باچېلېت خىتاي ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەت ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خىتاي تەرەپتىن بۇ زىيارەتنىڭ «ھېچقانداق توسالغۇسىز ۋە شەرتسىز» بولۇشىنى تەلەپ قىلغان، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ ئوخشاش تەشەببۇسنى تەكىتلىگەن، زىيارەتنىڭ ئاساسىي نىشانى ئۇيغۇرلار قامالغان جازا لاگېرلىرى بولغان. بىراق بۇ تەلەپنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئاسانغا توختىمىغان.
خىتاي بىلەن ب د ت ئارىسىدىكى بۇ تالاش-تارتىش ئىككى يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان. 5-ئاينىڭ ئاخىرى مىشېل باچېلېت خىتاي ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەت ئېلىپ بارغاندا، بۇ زىيارەت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 20 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتى بولۇپ قالغان. ئەپسۇسكى، مىشېل باچېلېت خىتاي ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا خىتاينىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرى توغرىسىدا ھېچقانداق نەتىجە ھاسىل قىلالمايلا قالماي، خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىغا دەسمايە بولۇپ بېرىپ قايتىپ كەلگەن. ب د ت خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ زىيارىتى مۇبادا ئالدىمىزدىكى يىل، ئايلاردا ئەمەلگە ئاشقان تەقدىردىمۇ، نەتىجىسىدە پەرق بولمايدىكەن. چۈنكى خىتاي، جازا لاگېرلىرىغا قامالغان مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئىنسانىيەتسىز باستۇرۇشلىرىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىنى ب د ت خادىملىرىغا كۆرسىتىشنى ھېچقاچان خالىمايدىكەن.
گېرمانىيەدىكى سىياسىي بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى نورمان لاۋس 11-ئىيۇن ئېلان قىلغان «رەت قىلىش ھوقۇقى ب د ت نى مەسخىرىگە دۇچار قىلماقتا» ناملىق ماقالىسىدە بايان قىلىشىچە، ھازىرقىدەك مەستەبىتلەرنىڭ چەكلىمىلىرى، تىزگىنى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان ب د ت نى ئۈزۈل-كېسىل ئىسلاھ قىلمىغىچە، ئۇيغۇرلار كەبى ياۋۇز ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن باستۇرۇلىۋاتقان خەلقلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئەمەلگە ئاشمايدىكەن. نۆۋەتتە ب د ت نىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىش، جىددىي ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە ھېسابلىنىدىكەن.
نورمان لاۋس ماقالىسىنى مۇنداق جۈملە بىلەن باشلايدۇ: «‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى› شىنجاڭدىكى ئاتالمىش ‹ئىختىيارىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى› نىڭ رەھىمسىز پىراكتىكا مەيدانى ۋە جازا لاگېرلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى ۋەيران قىلىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا. ب د ت بۇنىڭغا قارىتا ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولغىدەك نېمە ئىش قىلالايدۇ؟ جاۋاب: ھېچنىمە!»
نورمان لاۋس سۆزىنى يەنە مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ: «رۇس ئارمىيەسى ئۇكرائىنا خەلقىنى بومباردىمان قىلىپ، ئاددىي پۇقرالارنى ئۆلتۈرمەكتە، ھەتتا جىنسىي زوراۋانلىقتىن ئۇرۇش قورالى سۈپىتىدە پايدىلانماقتا. بۇ يەردىكى سوئالمۇ ئوخشاشلا ‹ب د ت بۇنىڭغا قارىتا نېمە ئىش قىلالايدۇ؟› دېگەندىن ئىبارەت بولىدۇ. بۇنىڭ جاۋابىمۇ ھەم: ھېچنىمە!»
نورمان لاۋسنىڭ قارىشىچە، 1945-يىلى قۇرۇلغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، خىتاي، رۇسىيەدىن ئىبارەت 5 دۆلەتنىڭ ئىككىسى، يەنى خىتاي ۋە رۇسىيە مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ «رەت قىلىش ھوقۇقى» ب د ت نىڭ ھەققانىي قارارلار قوبۇل قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا ئىكەن. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بولسا ب د ت نىڭ جازا يۈرگۈزۈش، جازا قارارلىرىنى قوبۇل قىلىش ياكى ھەربىي ئارىلىشىش توغرىسىدا ئاخىرىقى ھۆكۈمنى چىقىرىدىغان ئالىي ئورگان بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي بىلەن رۇسىيەدىن ئىبارەت ئىككى مۇستەبىت، تاجاۋۇزچى دۆلەتنىڭ بۇ ئورگاندا بولۇشى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى ب د ت دا ئالىقاچان قۇرۇق شۇئارغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. بۇ ب د ت نىڭ ئوبرازىنىمۇ ئېغىر دەرىجىدە خۈنۈكلەشتۈرىدىغان ئاساسىي ئامىل بولۇپ قالغان.
ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ ب د ت غا ئۇزارغان قارا قولى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.
نورمان لاۋس «رەت قىلىش ھوقۇقى ب د ت نى مەسخىرىگە دۇچار قىلماقتا» ناملىق ماقالىسىدە، بۈگۈنكى ب د ت نىڭ مۇشۇ سۈپەتتە داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ بىرەر ئەھمىيىتى بار-يوقلىقى توغرىسىدا ئەستايىل ئويلىنىدىغان ۋاقىتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇ سۆزىدە، مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە بولۇۋاتقان خەلقلەرنى قوغدىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشتىن ۋاز كەچمەيدىغان بۇنداق بىر ۋەزىيەت ئاستىدا، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى ھازىرقى ب د ت دىن چېكىنىپ چىقىشقا دەۋەت قىلىدۇ، ھەمدە قىممەت قاراشلىرى ئوخشاش بولغان دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ يېڭىدىن بىر ھەققانىي خەلقئارالىق تەشكىلاتىنى قۇرۇپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، گەرچە بۇ يېڭى ئىتتىپاق پۈتۈن دۆلەتلەرگە ۋەكىللىك قىلالمىغان تەقدىردىمۇ. ئەكسىچە بولغاندا، ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەم شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ نەزەرىدىكى ئوبرازىنىڭ قاتتىق سۇنىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ سۇنۇشنىڭ تەسىرىنىڭ ئەجەللىك بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
دەرۋەقە، 2018-يىلى 8-ئايدا چاقىرىلغان ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ 96-نۆۋەتلىك يىغىنىدىن بىر ئاي كېيىن، مەزكۇر كومىتېت 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا كۈنتەرتىپتىن ئورۇن ئېلىشىغا ئاساس ھازىرلاپ بەرگەن بولسىمۇ، بىراق شۇنىڭدىن كېيىنكى 4 يىل مابەينىدە ب د ت دىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھېچقانداق زۇۋان چىقمىغان. بۇمۇ ئۇيغۇرلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ئامىللارنىڭ بىرى بولغان. مىشېل باچېلېتنىڭ 5-ئاينىڭ ئاخىرى خىتاي ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ بىر مەيدان درامما بىلەن ئاخىرلىشىشى بولسا ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرگەن.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىمۇ بۇ خۇسۇستا پىكىر بايان قىلىپ، ب د ت نى ئىسلاھ قىلىشنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى.