17-فېۋرال «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كانادالىق ئادۋوكات فېرناند دې ۋارېنېسنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلىرى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى. فېرناند دې ۋارېنېس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاز سانلىقلار مەسىلىسى ئالاھىدە دوكلاتچىسى بولۇپ 2017-يىلىدىن ئېتىبارەن مەزكۇر خىزمەتنى ئۆتەپ كەلمەكتە.
فېرناند دې ۋارېنېس زىيارەت جەريانىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسەتلىرىنىڭ خاراكتېرىنى «ئىرقى ئايرىمىچىلىق» ياكى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ بەلگىلەشتە ئۆزىنىڭ پىكىر بېرىش ياكى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى، چۈنكى بۇ خىل ۋەقەلەرنى تەكشۈرۈش تەلىپى تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقىنى ئېيتقان.
زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى فېرناند دې ۋارېنېس مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاتتىق مەسخىرىسىگە قالغان.
گېرمانىيەلىك ژۇرنالىست ئوبىرمەيىن تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېيتىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ سابىق دىنىي ئەركىنلىك ئىشلىرى دوكلاتچىسى خەينەر بىلەفەلىت فىرنادنى قاتتىق تەنقىدلەپ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئۇ خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرىنى تەرىپلەشكە ئۇيغۇن سۆز تاپالمىغان بولسا مەزكۇر خىزمەتكە ماس كەلمەيدۇ.»
فېرناند دې ۋارېنېس زىيارەت جەريانىدا ھېچقانداق ئۇيغۇر تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئۆزىدىن بۇ خىل ۋەقەلەرنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلمىغانلىقىنى، تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە دىققەت قىلمىغانلىقىنى ۋە بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار فېرناند دې ۋارېنېسنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش ھەققىدە ھېچكىمنىڭ تەلىپىنى تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقى ھەققىدە بايانلىرىنىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى دىلنۇر رەيھان خانىم ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا تايلاندتا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت نىڭ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا دائىر يىغىنغا بارغاندا فېرناند دې ۋارېنېسقا ھەر پۇرسەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقانلىقىنى، يىغىن تۈگىگەندە ئۆزى بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتى تۇتقۇن قىلغان 400 دىن كۆپ ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا بولغان ئەندىشىلىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن تاشپولات تىيىپ ۋە خالمۇرات غوپۇر ھەققىدە دوكلات تەييارلاپ فېرنانىدقا ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.
كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مەزكۇر كومىسسىيونغا دوكلات ئەۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان.
بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئىنژېنېرى ئەركىن سىدىق ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنىز تىۋىتىر ھېسابىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمنىڭ فېرناند دې ۋارېنېسقا يازغان خىتىنى ۋە تەكشۈرۈش تەلىپىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلىگەن.
تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنىز بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بەلكىم ‹جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى› دولقۇن ئەيسانىڭ فېرناند دې ۋارېنېسقا يازغان خېتىنى كۆرۈشكە قىزىقىدىغاندۇ؟ فېرناد قەستەن رېئاللىقنى بۇرمىلاۋاتامدۇ-قانداق؟»
بىز مۇناسىۋەت بىلەن ئەركىن سىدىق ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئەركىن سىدىق ئەپەندىم، يۇقىرىقى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
ئەركىن سىدىق ئەپەندىمنىڭ دېيىشىچە، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەزكۇر ئورگانغا بىر نەچچە قېتىم دوكلات يوللىغان ۋە ئايرىم كۆرۈشۈپ ئەھۋالنى ئاڭلاتقان بولسىمۇ، فېرناد پۈتۈنلەي ساختا بايانات بېرىپ ھېچكىمنىڭ بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلمىغانلىقىنى ئېيتقان.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ۋە سۇيىئىستېمال قىلىشىغا ئۇچراۋاتقانلىقى سەۋەبلىك تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ مەزكۇر مەسىلە ئۈستىدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەپسىلىي دوكلاتلىرى مەۋجۇت ئىكەن.
ھەتتا ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا بىرازىلىيە، كانادا، فىرانسىيە، ھىندىستان، جەنۇبىي ئافرىقا، تۈركىيە، شىۋېتسىيە، گېرمانىيە، ھىندونېزىيە، ئەنگلىيە، نىگېرىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 135 تەشكىلات شىكايەتنامە يوللاپ ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررىس بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باشىلېتنى خىتاينىڭ ب د ت قائىدە-تۈزۈملىرىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ ب د ت دا كۈنتەرتىپكە قويۇلۇشىغا كاشىلا چىقىرىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەشكە چاقىرغانىدى.
ئەركىن سىدىق ئەپەندىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئالدىدىمۇ توغرا ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىنمايۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە خەلقئارا سىياسىي سىستېمىنىڭ نورمال مېخانىزمىغا ئىنتايىن كۆپ سەلبىي ئۆزگىرىش ئىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىرغا قەدەر ب د ت ياكى سەھىيە تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينىڭ مەيدانىنى قوبۇل قىلىپ سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئېغىر پاجىئەلەرنىڭ بىرى.»