24-فېۋرال ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 43-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى جەنۋەدە باشلانغان كۈنى د ئۇ ق دەرھال ب د ت بىناسى ئالدىدا چوڭ چېدىر قۇرۇپ، رەسىم كۆرگەزمىسى ئارقىلىق خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى پاش قىلىش پائالىيىتىنى باشلىغان ئىدى.
بۇ پائالىيەتكە ئامېرىكا، تۈركىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، گېرمانىيە ۋە شىۋېتسارىيەدىن بىر بۆلۈڭ ئۇيغۇرلار كېلىپ قاتناشقان بولۇپ، بۈگۈن بىز ب د ت بىناسى ئالدىدىكى نەق مەيداندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك ئىنكاسلىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ رەسىم پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەت ھەققىدە توختالغاندا، خىتاينىڭ ب د ت نى ئالداش ئۈچۈن يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇشۇ ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن 93-نۆۋەتلىك ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش يىغىنىدا ئېتىراپ قىلىنىپ دۇنياغا جاكارلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكادىن بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئۈچۈن د ئۇ ق باش مەسلىھەتچىسى رىشات ئابباس، د ئۇ ق باش تەپتىشى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ھەمدە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباسلارمۇ كېلىپ قاتناشقان بولۇپ، ئابدۇلھېكىم ئىدرىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ قېتىمقى جەنۋەدىكى پائالىيەتتە يالغۇز رەسىم كۆرگەزمىسىلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى ب د ت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي پائالىيەتلەر بولغان.
گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇھە شەھىرىدىن كېلىپ بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى بۇ رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيىتىنىڭ كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى سەمەت ئابلا ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملار روشەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن» بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ كىشىلەردە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ھېسداشلىقلار پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ب د ت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئىگىلىشىمىزچە، «ئۇيغۇر ئەركىنلىك چېدىرى» دەپ ئاتالغان بۇ چېدىرنىڭ تاملىرى جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنۈشلەر، شوئارلار، خىتابلار ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقلىرى بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، چېدىر ئىچىگە تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت رەسىملەر، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى نامايان قىلىدىغان تۈرلۈك مىللىي بۇيۇملار، خىتاينىڭ مەسچىتلەرنى چېقىش ھەم مىللىي مەدەنىيەتلەرنىڭ ئىزىنى ئۆچۈرۈش قىلمىشلىرىغا ئائىت سۈرەتلەر تىزىلغانىدى.
گوللاندىيەنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدىكى دام مەيدانىدا 1 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان رەسىم كۆرگەزمىسى ئارقىلىق يەككە نامايىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى بۇ قېتىم ب د ت ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە ئۆزىنىڭ گوللاندىيەدە ئىشلەتكەن رەسىملىرىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى. گېرمانىيەدىكى ياشلاردىن ئېلىيار سىدىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جەنۋەنىڭ ھاۋا كىلىماتى سوغۇق بولۇپ، قار ۋە يامغۇرنىڭ دەردىدە بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈش ئاسانغا چۈشمىگەن. ئۇلار چېدىرنىڭ بىخەتەرلىكى سەۋەبلىك كېچىدە چېدىر ئىچىدە يېتىشقا مەجبۇر بولغانلىقى ئۈچۈن كۆپ قىينالغان.