قازاقىستان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى: ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دوكلاتى ئۇيغۇرلار ھاياتىدىكى زور ۋەقە

0:00 / 0:00

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى باھالاش دوكلاتىنى رەسمىي ئېلان قىلىشى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، ئورگانلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىر قاتاردا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭمۇ دىققەت مەركىزىدە بولماقتا.

دوكلاتتا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىلمىشلىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ خۇلاسە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى، جۈملىدىن زىيالىيلىرىنى خۇرسەن قىلدى. ئۇلار بۇنى ئۇيغۇرلار ھاياتىدا يۈز بەرگەن زور تارىخىي ۋەقە، دەپ قارىماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسلىھەتچىسى، تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۇ ئىنتايىن مۇھىم، ئەدلىيەۋىي ۋە سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە ۋەقە. بۇنى مەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىدا، شۇنداقلا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىدە دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ھادىسە دەپ ھېسابلايمەن. چۈنكى 48 بەتلىك بۇ دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرىستاندا (شەرقىي تۈركىستاندىكى) ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىدىغان بەش نۇقتا بويىچە، يەنى خىتاينىڭ جىنايىتىنى خەلقئارا جىنائىي ئىشلار قانۇنىغا ئاساسلىنىپ كۆرسىتىپ بەرگەن. ئەمدى بىزنىڭ لىدېرىمىز دولقۇن ئەيسا ئېيتقاندەك، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇشۇ قارارنى چىڭ تۇتۇپ، تېخى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلمىگەن، قارار ئالمىغان دۆلەتلەرگە خىزمەت ئىشلىشى، ئومۇمەن خىتاينىڭ مۇشۇ لاگېرلىرىنى ياپقۇزۇش، چېكىندۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنى قولغا ئېلىشى ناھايىتى مۇھىم. چۈنكى ب د ت غا ھازىر جەمئىي 193 دۆلەت ئەزا، ئاخىرىقى نۆۋەتتە دۆلەتلەر ئارا ئۇرۇشلارنى ۋە باشقىلارنى ھەل قىلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئورگان يەنىلا مۇشۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدۇر.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسلىھەتچىسى، پېشقەدەم ژۇرنالىست رىزا سەمەدى ئەپەندى، بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ ۋەھشىلىكى تۈپەيلى خانۇ-ۋەيران بولۇۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنى خۇشال قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەسىلە بۇ دوكلاتنىڭ تەسىر دائىرىسىنىڭ قانداق بولۇشىدا. ئامېرىكا باشلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەپ، خىتاينىڭ خەلقىمىزگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش چاقىرىقىنى باشلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە چەت ئەللەردىكى بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئىنسان قەدرىيىتىنى ھىمايە قىلىدىغان دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينىڭ جىنائىي قىلمىشلىرىغا قارشى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ تەشەببۇسنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىماقتا. بۇ چاقىرىقنىڭ تۈپ نىشانى ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› نىڭ باشلامچىسى شى جىنپىڭ باشلىق بارلىق جىنايەتچىلەرنى جازالاش، لاگېر-تۈرمىلەردىكى گۇناھسىز مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىش، مەجبۇرىي قۇللۇق ئەمگىكىنى بىكار قىلىش، ئىچكى خىتاي ئۆلكىلىرىگە پالانغان ئۇيغۇر ئوغۇل-قىزلىرىنى ۋەتىنىگە قايتۇرۇش، ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەن، بالىلار باغچىلىرىغا قامالغان پەرزەنتلىرىنى ئۆيلىرىگە قايتۇرۇش، ئايال-قىزلىرىمىزغا قارىتا تۈرلۈك ۋەھشىلىكلەرنى توختىتىش ۋە باشقىمۇ جىنايى قىلمىشلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىن ئىبارەت.»

رىزا سەمەدى بۇ دوكلاتنىڭ خىتاينىڭ ۋەھشىيانە جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا قارىتىلغان ئەمەلىي ھەرىكەتلەرگە دەستەك بولۇشىنى ئۈمىد ۋە ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتۇلۇقوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مىشېل خانىم شۇنچە بېسىمغا قارىماي، ئاخىرى دادىللىق بىلەن ئۇيغۇرىستاندىكى مەزلۇم خەلقىمنىڭ بېشىغا چۈشكەن پاجىئەلىك كۈنلەرنى، خىتاي كومۇنىستىك پارتىيەسى پەيدا قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا ئاشكارىلىدى. ئاشكارىلىغاندىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ خۇلاسە چىقاردى. مەن مۇشۇ خەۋەرنى، خىتاينىڭ مۇشۇ ۋەھشىيلىكىنى 60 يىلدىن كېيىن دۇنيانىڭ تونۇغانلىقنىغا، شۇ خۇلاسىگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، جېنىم تېنىمگە سىغماي قالدى. مەن بۇنىڭدىن 60 يىل بۇرۇن كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن گۈزەل غۇلجا شەھىرىدىن ئايرىلىپ ئۇيغۇرىستان ئېلىمنى تاشلاشقا مەجبۇر بولغان، قېرىنداش قازاق ئېلىدىن پاش پاناھ تىلەشكە مەجبۇر بولغان ئىدىم.»

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئۆتكۈزگەن خىتاينىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا ھېساب بېرىدىغانلىقىنى، جاپاكەش ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ باشقا خەلقلەرگە ئوخشاش ئۆز زېمىنىدا ئەركىن-ئازاد ياشايدىغان كۈنلەرنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەدلىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، ئاكادېمىك شەيمەردان شەرىپوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مىشېل باچېلېت خانىمنىڭ بۇ دوكلاتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە چوڭ ئەھمىيىتى شۇنىڭدىكى، ئۇنىڭدا خىتاي كومممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ يۇقىرىدا ئاتالغان جىنايىتىنى ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ دوكلاتتا ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دېگەن ئاتالغۇ تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا يانداش كېلىدىغان ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دېگەن ئاتالغۇ ئىشلىتىلگەن. ئۇنىڭغا ئاساس سۈپىتىدە تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى 7-8 يىلدىن بۇيان سوزۇلۇپ كېلىۋاتقان ئەھۋال دوكلاتتا ئېنىق كۆرسىتىلگەن. مۇشۇ يەردە تەكىتلەپ ئۆتۈش لازىمكى، خەلقئارا جىنايەتلەرنى، شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› نى ئىسپاتلاپ دەلىللەش نۇرغۇن ئىش ۋە كۈچ تەلەپ قىلىدۇ.»

شەيمەردان شەرىپوف بۇ جەھەتتە خەلقئارانىڭ رولىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئامېرىكا باشلىق تەرەققىيپەرۋەر غەرب ئەللىرىنىڭ، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئوبيېكتىپ پىكرىنى، كۆزقارىشىنى، پوزىتسىيەسىنى سۆز ئۈستىدە ئېيتىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەھۋالنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ رەسمىي قارار ئالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىستىك سىستېمىسىنىڭ يالغان ۋە ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنىدىغان تەشۋىقاتلىرى بىلەن خەلقئارانى ئەمدى ئالداپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە لوندون ئۇيغۇر سوتىدىن باشلانما ئالغان خەلقارادىكى تەرەققىيپەرۋەر ۋە ئىنسانپەرۋەر پوزىتسىيەنىڭ ئاساسىي ئېقىمنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، خىتاي كوممۇنىست سىستېمىسىنىڭ خەلقارا ئەدلىيەۋىي سوت سىستېمىسى تەرىپىدىن جازالىنىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تىلشۇناس ئالىمە، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى دىلنۇر قاسىموۋا خانىم مۇنداق دېدى: «كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئانا ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتى ھەددىدىن ئېشىپ، خەلقىمىز ھايات-مامات ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، بۇ دوكلادنىڭ ئېلان قىلىنىشى، ئەلۋەتتە بىز ئۈچۈن چوڭ تارىخىي ۋاقە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ دوكلات ئانىلىرىمىز بالىلىرىدىن، بالىلىرىمىز ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ، قان يىغلاۋاتقان، دۇنياغا مەشھۇر نامايەندىلىرىمىز خىتاينىڭ تۈرمە ۋە لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقان، مېھنەتكەش خەلقىمىز بىر پارچە نانغا زار بولۇپ قاخشاۋاتقان، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە تىلىمىز، مەدەنىيىتىمىز، ئەدەبىياتىمىز ئاياق-ئاستى قىلىنىۋاتقان، ئومۇمەن ئۇيغۇر خەلقى خەلق بولۇپ ساقلىنىپ قالامدۇ يا يوقىلىپ كېتەمدۇ دېگەن دەھشەتلىك ئوي پەيدا بولۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى. ئەمدىكى گەپ، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ، تەرەققىيپەرۋەر كۈچلەرنىڭ، ئىنسانپەرۋەر شەخسلەرنىڭ، پۈتكۈل دۇنيانىڭ خىتايغا بولغان كۆزقارىشىنىڭ، ئۇنىڭ ياسالما ۋە ساختا سىياسىتىگە بولغان پوزىتسىيەسىنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدە. مەن ئويلايمەنكى، خىتاينىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ رەسمىي ئېلان قىلىنىشى، خىتاي ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن زەربە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى كۈرىشىمىزنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۈچەيتىشىمىز لازىم.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى دوكلاتى ئېلان قىلىنىپ، بىر ھەپتە ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ رەسمىي ۋەكىللىرى بۇ ھەقتە بىرەر پىكىر بىلدۈرمىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېقىندا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە رەسمىي زىيارەتتە بولماقچىكەن.