ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە خىتاي دېموكراتلىرى ۋەكىللىرى 2-ماي كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت (Michelle Bachelet) نى خىتاينى زىيارەت قىلىشنى كېچىكتۈرۈشكە چاقىردى، شۇنداقلا بۇ ئالىي كومىسسار ئىشخانىسىنىڭ بۈگۈن ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىغا جىددىي قاراپ، ئۇنىڭغا باھا بېرىشتىكى نوپۇزى ۋە ئىشەنچلىك بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە دەۋەت قىلدى.
يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈن خىتايدىكى، جۈملىدىن ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە قاتتىق چەكلىمە قويۇۋاتقان بىر پەيتتە مىشېل باچېلېتنىڭ خىتاي بىلەن كېلىشىپ، ئۇ رايونغا زىيارەتكە بارماقچى بولغانلىقىنى ئەيىبلىدى ھەمدە زىيارەتكە بارغان تەقدىردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە ھەقىقىي ۋە ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن زۇمرەتئاي ئەركىن مۇنداق دېدى: «مىشېل باچېلېت ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بېقىشى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىشى، ئاندىن خىتايدىن نېمىلەرنى سورايدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشى كېرەك ئىدى. ب د ت نىڭ ئوينايدىغان رولى شۇ ئىدى. ئەپسۇسكى، بۇ ئالىي كومىسسار كۆپ قېتىم بىزنىڭ ئىشەنچىمىزنى يەردە قويدى، بۇ قېتىملىق زىيارەتمۇ شۇنىڭ ئىچىدە».
تىبەت ھەرىكىتى ئىنسىتىتۇتىدىن لادون تىتۇڭ (Lhadon Tetong) مۇنداق دېدى: «مىشېل باچېلېت بۇ قېتىم خىتايغا زىيارەتكە بېرىشتىن ئاۋۋال تىبەت تەشكىلاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، 2018-يىلدىن بۇيان بىز ئۇنىڭغا يوللىغان 10 پارچە خەتنىڭ بىرسىگىمۇ جاۋاب بەرمىدى، تىبەت ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى، ئۇنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى ب د ت نىڭ سابىق كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى زەيىد رەئد ئەل ھۈسەيىن (Zeid Al Hussein) بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىدۇ».
يىغىندا كۆرسىتىلىشىچە، مىشېل باچېلېت دېموكراتىك ئەللەردە كوممۇنىست خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە خىتاي دېموكراتلىرى بىلەن كەمدىن كەم سۆھبەتلىشىدىكەن، شۇنداقلا 1989-يىل بېيجىڭدا يۈز بەرگەن «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى»، ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى، 2008-يىل يۈز بەرگەن تىبەتلىكلەر قوزغىلىڭى، خوڭكوڭدىكى نامايىشلارنىڭ باستۇرۇلۇشى قاتارلىق ۋەقەلەرنى كۆرمەسكە سالىدىكەن.
يىغىندا سۆز قىلغان ۋەكىللەر يەنە مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىشنى كېچىكتۈرۈپ كەلگەنلىكىنى، مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۈرمە-لاگېرلارغا قامىلىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىسپاتلار تولۇق بولسىمۇ ئۇنى ئاشكارىلىمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە بۇ دوكلاتنى ئەسلىدە بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ ئالدىدا ئېلان قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن زۇمرەتئاي ئەركىن مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىشنى بۇنداق كېچىكتۈرمەسلىك كېرەك ئىدى. ئەگەر ئۇنى بۇ قېتىملىق زىيارەتتىن كېيىن ئېلان قىلسا ھېچقانداق ئىشقا يارىمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ زىيارەتنى بۇرۇنقىدەكلا دىپلوماتىيە ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۈچۈن بىر تەشۋىقات زىيارىتى قىلسا قىلىدۇكى، ئۇنىڭ توسقۇنسىز ئېلىپ بېرىلىشىگە يول قويمايدۇ. مەسىلەن، مىشېل باچېلېت خانىم يىغىۋېلىش لاگېرىغا بارالامدۇ؟ لاگېر قۇربانلىرى بىلەن ئەركىن پاراڭلىشالامدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالامدۇ؟ بىز بۇ ھەقتە ھېچنېمە بىلمەيمىز، چۈنكى بۇ زىيارەتنىڭ ھېچنېمىسى ئوچۇق ئەمەس، بىز پۈتۈنلەي قاراڭغۇلۇق ئىچىدە. بىز ئۇ دوكلاتتا نېمىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمىز، ئەگەر ئۇ بۇ دوكلاتنى خىتايدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئېلان قىلسا، گەپلىرى بۇرۇنقىدىن يۇمشاق قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى بىز بىلىمىزكى، ئۇنىڭ زىيارىتى چوقۇم توسقۇنلۇققا ۋە چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا ئۇ زىيارەتكە بېرىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، لاگېر شاھىتلىرى بىلەن كۆرۈشۈشى، ئاندىن بۇ زىيارىتىنىڭ مۇستەقىل، ئەركىن ئېلىپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى، لاگېر ۋە زاۋۇتلاردىكى مەھكۇملار بىلەن ھېچكىم نازارەت قىلمىغان ئەھۋالدا ئۇچرىشالىشى كېرەك».
ۋەكىللەر يەنە بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ ئاممىغا ئاشكارا بولۇش دەرىجىسىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، زىيارەتكە بارىدىغان جاي ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بېكىتىپ بەرگەن قىزىل سىزىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي تەلەپ قىلغان «دوستانە زىيارەت» يۇقىرى دەرىجىدە ئەستايىدىللىق ۋە جىددىيلىك تەلەپ قىلىدىغان بۇ ۋەزىپىنى، يەنى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى سۇغا چىلاشتۇرۇپ قويىدىكەن.
ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋ ئەپەندى خىتاينىڭ ب د ت دىن بارغان ھەر قانداق تەكشۈرۈش خادىمىنى خىتايدىكى مەھكۇملار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشتۇرمايدىغانلىقىنى مىساللار بىلەن بايان قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ شىنجاڭغا بېرىپ كىشىلەر بىلەن ئەركىن، مۇستەقىل پاراڭلىشىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەممىنى قامال قىلىدىغان كۈچلۈك بىر سىستېمىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇش كېرەك. مېنىڭچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ زىيارەتنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يېپىش ئۈچۈن قوللىنىدۇ ۋە بۇ تەكشۈرۈشنى ئەسلى مەقسەتتىن بۇرىۋېتىدۇ. ئاندىن بۇ زىيارەتتىن پايدىلىنىپ ئۆز ھېكايىسىنى تەشۋىق قىلىدۇ».
خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىن جوي سيۇ (Joey Siu) مۇنداق دېدى: «خوڭكوڭلۇقلارلا ئەمەس، خىتاينىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىغا قارىماي، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى خوڭكوڭغا بېرىپ سىياسىي مەھبۇسلار بىلەن كۆرۈشۈشنى ئويلىشىپمۇ قويمىدى، ھازىرمۇ ئۇ خوڭكوڭدا بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقان ۋەزىيەتكە سەل قاراۋاتىدۇ».
تىبەت ۋە خوڭكوڭ ۋەكىللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى 16 يىلدىن بېرى خىتايغا بېرىپ باقمىغان، 22 يىلدىن بېرى تىبەتكە بېرىپ باقمىغان، ئۇيغۇر رايونى بىلەن خوڭكوڭغا ئەسلا بېرىپ باقمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، مىشېل باچېلېت بۇ رايونلاردىن چىققان كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن باشقا، سىياسىي مەھبۇسلار، لاگېر شاھىتلىرى، ياتاقلىق مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىشى شەرت ئىكەن.
يىغىندا سۆز قىلغان ۋەكىللەر ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھېچقانداق كاپالەت بولمىغان ئەھۋالدا بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ خىتاينىڭ بىر مەيدان ئالدامچىلىقى بىلەن ئاياغلىشىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر رايونى، تىبەت رايونى، خوڭكوڭ ۋە باشقا جايلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ھەقىقىي تەكشۈرۈش ئىشىنىڭ نەچچە ئون يىللارغىچە ئەمەلگە ئاشماسلىقى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
تىبەتلىكلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش بىرلىكىدىن گلورىيا مونتگومىرى (Gloria Montgomery) مۇنداق دېدى: «مىشېل باچېلېتنىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتى تولىمۇ مەخپىي، بۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەگەر ئۇ خىتاينىڭ زۇلۇمىنى بىۋاسىتە باشتىن كەچۈرگەنلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلىمىسە، خىتاي ھۆكۈمىتى بېكىتىپ بەرگەن سىزىقتىن چىقالماي، بىكار ئايلىنىپ يېنىپ كېلىدۇ».
يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ بىردەك قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مىشېل باچېلېتنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىنى ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، تىبەت رايونى، خوڭكوڭ ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق زوراۋانلىقلىرى ھەققىدە چىققان نۇرغۇن خەۋەرلەرنى يالغانغا چىقىرىشقا ئۇرۇنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بەلكىم يېڭىدىن يامراۋاتقان كورونا ۋىرۇسىنى تىزگىنلەش باھانىسىدە مىشېل باچېلېتنىڭ زىيارىتىنى تېخىمۇ تار دائىرىدە چەكلەپ قويۇشى مۇمكىن.