لوندون كىتاب يەرمەنكىسىدە «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» نىڭ 1-ماددىسى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇلغان

0:00 / 0:00

لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 2024-يىللىق لوندون كىتاب يەرمەنكىسىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نەشرىيات مەھكىمىسى ئورۇنلاشتۇرغان پىكىر ئەركىنلىكى ۋە نەشرىيات ھوقۇقى پائالىيىتىدە «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» نىڭ 1-ماددىسىنى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇغان. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر پىكىر ئەركىنلىكى ۋە نەشرىياتچىلىقىغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەنقىدلىگەن.

«لوندون كىتاب يەرمەنكىسى» (The London Book Fair) 1971-يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ تىپتىكى كىتاب يەرمەنكىسى بولۇپ، ئادەتتە ھەر يىلى مارتتا ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ يەرمەنكە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىتاب يەرمەنكىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ يىلقى لوندون كىتاب يەرمەنكىسى 2024-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى باشلىنىپ 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن. بۇ يەرمەنكىگە 160 دۆلەتنىڭ نەشرىيات ساھەسىدىكى ۋەكىللىرى قاتناشقان.

2024-يىللىق لوندون كىتاب يەرمەنكىسىدە ب د ت نەشرىيات مەھكىمىسى ئورۇنلاشتۇرغان «پىكىر ئەركىنلىكى ۋە نەشرىيات ھوقۇقى» پائالىيىتىدە. 2024-يىلى مارت، لوندون.
2024-يىللىق لوندون كىتاب يەرمەنكىسىدە ب د ت نەشرىيات مەھكىمىسى ئورۇنلاشتۇرغان «پىكىر ئەركىنلىكى ۋە نەشرىيات ھوقۇقى» پائالىيىتىدە. 2024-يىلى مارت، لوندون. (Eziz Eysa Elkün teminligen)

ئىگىلىشىمىزچە، لوندون كىتاب يەرمەنكىسىدە نەشرىياتى ھوقۇق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. لوندون كىتاب يەرمەنكىسى مەتبەئە، ئاۋازلىق كىتاب-ماتېرىيال، تېلېۋىزىيە فىلىملىرى، كىنو قاتارلىق مەدەنىيەت-سەنئەت مەھسۇلاتلىرىنى رەقەملىك قاناللاردا سېتىش ۋە تارقىتىشتىكى دۇنياۋى چوڭ بازارلارنىڭ بىرى ئىكەن.

2024-يىلى 12-مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن ب د ت نەشرىيات مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان 2024-يىللىق لوندون كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ فوكۇس تىياتىرىدا «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ماقۇللانغانلىقىنىڭ 75-يىللىق خاتىرىسى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ، 1948-يىلى 10-دېكابىر كۈنى «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ب د ت گە ئەزا دۆلەتلەر تەرىپىدىن ماقۇللانغاندا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بولغانلىقىنى، ھەتتا ئۇ ۋاقىتتا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەۋجۇت بولمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە كېيىنچە ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، 74 يىلدىن بۇيان، يەنى مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ماقۇللانغان 75 يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىزچىل تۈردە ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلغان. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئەيىبلەپ، يىغىن تەلىپى بويىچە «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» نىڭ 1-ماددىسىدىكى مۇنۇ قۇرلارنى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇغان:

«ھەممە ئىنسانلار تۇغۇلۇشىدىنلا ئەركىن بولۇپ، ئىززەت-ھۆرمەتتە ۋە باشقا بارلىق ھوقۇقلاردا باراۋەردۇر. ئەقىل ۋە ۋىجدان ساھىبى بولغان ئىنسانلار بىر-بىرىگە قېرىنداشلارچە مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.»

2024-يىللىق لوندون كىتاب يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى مارت، لوندون.
2024-يىللىق لوندون كىتاب يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى مارت، لوندون. (Eziz Eysa Elkün teminligen)

ئەزىز ئەيسا ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئەيىبلەش بىلەن ۋاقىتتا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن ئەنگلىيە پۇقراسى بولساممۇ، كىشىلىك ھوقۇقۇم خىتاي تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىندى. مەن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن مېنىڭ كىشىلىك ھوقۇقۇمنى قوغدىشىنى، ھېچ بولمىغاندا ئاپام بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشەلەيدىغانلىقىمغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۆتۈنىمەن. 2017-يىلدىن باشلاپ، مەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قورقۇتۇشى ۋە پاراكەندىچىلىكى سەۋەبىدىن ئاپام ۋە باشقا تۇغقانلىرىم بىلەن ئالاقە قىلالمىدىم. بۇ پاراكەندىچىلىك ھەتتا 80 ياشلىق ئانامغا كېڭەيدى، ئۇنىڭ لوندوندىكى ئوغلى بىلەن (مەن بىلەن) سۆزلىشىشىنى توستى.»

لوندون كىتاب يەرمەنكىسى ۋە ئۇنىڭدىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر مەزمۇنلار ھەققىدە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.