ب د ت ئالدىدا جازا لاگېرىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلمەكچى
2020.08.12
لوپ ناھىيەسىدىكى 4-يىغىۋېلىش لاگېرىدىكى تۇتقۇنلار سىياسىي ئۆگىنىشتە. 2017-يىلى مارت، خوتەن.
د ئۇ ق 45-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ب د ت ئالدىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان.
د ئۇ ق 10-ئاۋغۇست كۈنى چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ب د ت ئالدىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن جازا لاگېرلىرىدىكى ياكى غايىب بولغان قېرىنداشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان.
چاقىرىقتا مۇنداق دېيىلگەن: «تۇتقۇن قىلىنغان ياكى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىزنىڭ رەسىملىرىنى 8-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە بىزگە يەتكۈزۈپ بېرىشىڭىزنى سورايمىز. بىز بۇ رەسىملەرنى جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا كۆرگەزمىگە قويۇش ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇلار تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى ئۇنتۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز».
ب د ت بىناسى ئالدىدا جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ب د ت نىڭ 9-ئايدا باشلىنىدىغان 45-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم بىلدۈرۈشنىڭ ياخشى پۇرسىتى ئىكەنلىكى» نى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، د ئۇ ق نىڭ بۇ يىل 2-ئايدا ب د ت بىناسى ئالدىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى پاش قىلىش ئۈچۈن چېدىر قۇرۇپ رەسىم كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
د ئۇ ق رەئىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 2-ئايدا ئۇلار جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشى لاگېردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئازاد سۇلتان قاتارلىقلارنى سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق سۆزلىتىپ، د ئۇ ق نى يالغانچىغا چىقىرىشقا ئۇرۇنغان ۋەقەلەرمۇ بولۇپ ئۆتكەن.
«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدېن ئەپەندى بۇ توغرىسىدا توختالغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى خەلقئاراغا پاش قىلىش نۇقتىسىدىن بۇ قېتىمقى رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەت ئۇيغۇر بۇ خۇسۇستا قاراشلىرىنى ئىزھار قىلغاندا، ب د ت نىڭ بۇ قېتىمقى 45-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ گەرچە شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان خىتاي زۇلۇمىنى بىلسىمۇ، كونكرېت ئەھۋاللاردىن يېتەرلىك خەۋىرى يوقلۇقىنى، ئۇلارغا بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق دىققىتىنى تېخىمۇ كۆپرەك جەلپ قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
د ئۇ ق نىڭ پروگرامما خادىمى ئەۋا ستوكېرمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ بۇنداق بىر كۆرگەزمىنى تەشكىللىشىمىزدىكى ئاساسلىق مەقسەت 1 مىليون 800 مىڭ بىلەن 3 مىليون ئارىلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقىنى دۇنيانىڭ يەنە بىر قېتىم سەمىگە سېلىش ئۈچۈندۇر. بۇ 3 مىليون ئۇيغۇرنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ھېكايىسى بار، ھەر بىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى بار ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزگىچە ھېكايىسى بار. بىز مانا بۇ ھېكايىنى دۇنياغا ئاڭلاتماقچى. دۇنيانىڭ سۈكۈتلىرى ئۇزۇن داۋاملىشىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ سۈكۈتلىرىنى بۇزىدىغان ۋاقىت كەلدى.»









