خىتاينىڭ ب د ت ئەلچىسى شۈ چىن: «شىنجاڭنى تەكشۈرۈش مەقسىتىدىكى زىيارەتنى قۇبۇل قىلمايمىز»

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ۋەزىيەتنىڭ كۈنسىرى ئۆتكۈرلىشىشىگە ئەگىشىپ، خەلقارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىگە بولغان دىققىتى ئاشماقتا. خەلقارا ئورگانلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتايدىن ئۇيغۇر رايونىغا «چەكلىمىسىز زىيارەت» ئۈچۈن رۇخسەت بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كىرىش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

يېقىندا خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شۈ چىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا «دوستانە زىيارەت» تە بولۇشىنى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن بۇ زىيارەتنىڭ رايوننى تەكشۈرۈش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېن شۈ ب د ت دىكى يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى 31-يانۋار.
خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېن شۈ ب د ت دىكى يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى 31-يانۋار.

خىتاينىڭ جەنۋەدىكى باش ئەلچىسى شۈ چىن ۋە خىتاي ھەيئىتى ئاكرەدىت ئاخباراتچىلار بىرلىكى (ACANU) نىڭ تور يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

تۈركىيە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى خىتاي ھەيئىتىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى مىشېل باچىلېتنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى «چەكلىمىسىز زىيارەت» قىلىش چاقىرىقىغا مۇناسىۋەتلىك سوئال سورىغان بولۇپ، خىتاي ئەلچىسى مەزكۇر سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:

«بۇ زىياراەت جىنايەت گۇمانى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بىر تەكشۈرۈش ئەمەس، بەلكى دوستانە بىر زىيارەت بولۇشى كېرەك. زىيارەت بىر سوتچىنىڭ تەكشۈرۈشىدەك ھالەتتە ئەمەس، دوستانە بىر ھەمكارلىق ئاساسىدا بولۇشى كېرەك.»

شىۋىتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى نىجات تۇرغۇن زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى تەكشۈرۈشىنى خىتاينىڭ قۇبۇل قىلماسلىقىنىڭ سەۋەبى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى تەكشۈرۈش سالاھىيىتى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتى (OHCHR) نىڭ باياناتچىسى روبىت كەلۋىن، 1-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كىرىشىنىڭ مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئۇ خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئۇيغۇر ئېلىغا «ھەقىقىي مەنىدە» ياكى «ھەرقانداق بىر شەكىلدە» كىرىش رۇخسىتىنىڭ بىرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

13-سېنتەبىر كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېت، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 48-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان «شىنجاڭنى تەكشۈرۈش سۆھبىتى» نىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى ئېيتقانىدى.

خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىغا كىرىشكە ئۇرۇنغان خەلقئارالىق ئورگانلاردىن باشقا، مۇستەقىل ئاخبارات ئورگانلىرىمۇ يىللاردىن بۇيان رايونغا كىرىشتە قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىماقتا.

تونۇلغان تۈرك ژۇرنالىست ئالپەر بۇتكا زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ خەلقارالىق ئورگان ۋە ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ پائالىيىتىنى چەكلىشى ھەققىدە مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىيەنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. بىر دۆلەت ئۆزىگە ئىشەنسە ئاخباراتتىن قورقمايدۇ. قورققىدەك بىر نەرسىسى بولمىسا، ئاخباراتقا چەك قويمايدۇ. خىتاي ھەققىدە ئىنتايىن ئاز بىر نەرسە بىلىمىز. خىتاي ئاخباراتنى ۋە تەكشۈرۈشنى چەكلەش ئارقىلىق خىتاي ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ چىنلىقىنى ئىسپاتلاۋاتىدۇ. ساقلىغۇدەك بىر نەرسە بولمىسا، ئىشىكلەرنى ئاچسۇن، خالىغان كىشى بېرىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرسۇن.»

خىتاي ھۆكۈمىتى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسەتلىرىنى قىرغىنچىلىق سەۋىيەسىدە رادىكاللاشتۇرغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسەتلىرىنى يەرلىك مىللەتلەرنى يوقىتىش نىشانى ئۈچۈن سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەركەت دەپ قارىماقتا.