خەۋەرلەرگە قارىغاندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس 2023-يىلى 17-ئۆكتەبىردىن 18-ئۆكتەبىرگىچە، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ، خىتاينىڭ يەرشارى ئۇل ئەسلىھە تەشەببۇسىنىڭ ئون يىللىقىنى خاتىرىلەيدىكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭ بېيجىڭ زىيارىتىنى باشلاش ئالدىدا، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى-2023 يىلى-16 ئۆكتەبىر مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىردى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى تىرانا ھەسەن باياناتتا مۇنداق دېدى: «ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس، خىتاي ھۆكۈمىتىنى شىنجاڭدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن، ئەھمىيەتلىك ھەرىكەت قوللانمىدى. بۇ نۆۋەت ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› باشلىقلار يىغىنى يادرولۇق پرىنسىپلارنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ».
باياناتتا يەنە، 2022-يىلى 8-ئايدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارلىقى ئىشخانىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان جامائىتىگە قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇش، قىيناش، مەدەنىيەتكە زىيانكەشلىك قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە باشقا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئىسپاتلانغان دوكلاتنى ئېلان قىلغانلىقى ۋە دوكلاتتا خىتاينى ئۇيغۇر رايونىدا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن» دەپ خۇلاسە چىقارغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا يەنە، «گۇتېررېس 2017-يىلى باش كاتىپ بولغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق ۋە ئېغىر باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاشكارا تەنقىد قىلىشنى خالىمىدى» دەپ تەنقىد قىلىندى. دوكلاتتا گۇتېررېسنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك بىلەن ھەمكارلىشىپ، 2022-يىلدىكى شىنجاڭ دوكلاتى بويىچە تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، جۈملىدىن ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىق ئىسپاتلىرىنى داۋاملىق توپلاپ، ئەزا دۆلەتلەرگە دوكلات قىلىشى كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا: «گەرچە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارلىقى ئىشخانىسى مۇستەقىل بولسىمۇ، ئەمما ئالىي كومىسسار ۋە باش كاتىپ بىر-بىرىنىڭ ئاشكارا بايانلىرىنى كۈچەيتكەندە، ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق سىگنالى كۈچلۈك بولىدۇ» دېيىلگەن.
باياناتتا ئايرىم ھالدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «گۇتېررېس يەنە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ‹دۆلەت بىخەتەرلىكى› جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەشھۇر ئۇيغۇر ئىنسانشۇناس دوكتور راھىلە داۋۇت؛ ‹بۆلگۈنچىلىك› سەۋەبىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناس ۋە ساخاروف مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىلھام توختى قاتارلىق كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، جىنايىتى ئېنىق بېكىتىلمىگەن ۋە خالىغانچە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك».
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ گۇتتېرېسنىڭ بېيجىڭ زىيارىتى ئالدىدا ئېلان قىلغان بۇ باياناتى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ ھەقتە گېرمانىيەدىكى ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندى ئىنكاس قايتۇرۇپ: «بىزمۇ ب د ت باش كاتىپى گۇتتېرېس ئەپەندىدىن شۇنى كۈتىمىز. چۈنكى، ئۇنىڭ بۇ مەسىلىنى خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ئوتتۇرىغا قويۇش مەسئۇلىيىتى بار» دېدى.
خىتاي تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازىسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى يېقىندا دەلىللەنگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى راھىلە داۋۇتنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى ئەقىدە پولات، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ب د ت باش كاتىپىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بىگۇناھ ھالدا تۈرمىلەرگە قاماپ جازالاۋاتقان ئانىسىغا ئوخشاش بارلىق ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشىنى ۋە ئۆز ئۈمىدىنى بىلدۈردى.
بىز 16-ئۆكتەبىر، ب د ت بايانات ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىشنىڭ باش كاتىپ گۇتتېرېسنىڭ بۇ قېتىم بېيجىڭ زىيارىتىنىڭ كۈن تەرتىپىدە بار يوقلىغىنى سورىدۇق. ب د ت بايانات ئىشخانىسى كاتىپى سوئاللىرىمىزغا جاۋابەن، ئۆزىنىڭ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ھوقۇقى يوقلىغىنى، ب د ت باياناتچىسى ستېففىنى دۇجارىكنىڭمۇ باش سېكرېتارغا ھەمراھ بولۇپ، بېيجىڭ سەپىرىدە ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزنىڭ جاۋابىنىڭ ئۇلارنىڭ بېيجىڭدا بەرگەن باياناتلىرىدىن مەلۇم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەمدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىردەك، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بىر تەكشۈرۈش كومىتېتى تەسىس قىلىشى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جىنايەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا، كونكرېت قەدەملەرنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا قاتتىق قارشى تۇرۇپلا قالماي، ب د ت نىڭ دوكلاتى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت تەۋسىيەلەرنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مايا ۋاڭ خانىم، تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر چاقىرىقىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتتېرېسنى ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىگە ئىشەنچىسى بار يوقلىغىنى سوراپ يازغان ئېلخېتىمىزگە يازما جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، خىتايغا ئوخشاش زومىگەر ۋە كۈچلۈك بىر دۆلەتنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە نۇرغۇن كۈچ ۋە ۋاقىت كېتىدۇ، ب د ت نى خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى تەلەپ قىلىش بۇ ئۇزۇن ۋە جاپالىق تىرىشچانلىقنىڭ بىر قىسمى».
مايا ۋاڭ يەنە ئۆزلىرىنىڭ باياناتىنىڭ پەقەتلا گۇتتېرېسكىلا قارىتىلىپ قالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ يەنە مۇنداق دەپ يازغان: «بۇ چاقىرىق يەنە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگىمۇ ئوخشاشلا سىگنالدۇر».