ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.11.30
ب د ت غا ئەزا 50 دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ «شىنجاڭ دوكلات» نى قوللاپ بايانات ئېلان قىلدى ب د ت غا ئەزا 50 دۆلەت سابىق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى باچېلېتنىڭ بۇ يىل 31-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 2022-يىلى 31-ئۆكتەبىر.
UN Photo / Jean-Marc Ferre

ب د ت نىڭ «ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتى» ئىنتايىن كۈچلۈك ئىبارىلەر بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قىيىن-قىستاق، ناچار مۇئامىلە، جىنسىي زوراۋانلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىش قىلمىشلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا، شۇنداقلا لاگېر ياكى باشقا تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدىكى ئەركىنلىكىدىن خالىغانچە مەھرۇم قىلىنغان بارلىق تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.

«ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتى» نىڭ بۇ باياناتى، بىر ب د ت ئاپپاراتىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ بۇ يىل 31-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «شىنجاڭ دوكلاتى» دىن بېرى ئېلان قىلىنغان كۈچلۈك چاقىرىقىدۇر.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، بۇ كومىتېت «ئاتالمىش كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى ۋە باشقا ئورۇنلاردىكى ئۇيغۇر ھەم باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلىرىنى نىشان قىلغان قىيىن-قىستاق ياكى ناچار مۇئامىلە، مەجبۇرىي ئەمگەك، جىنسىي زوراۋانلىق، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك خورلاش شەكىللىرىگە ئائىت بايانلاردىن چۆچۈگەن».

باياناتتا يەنە مەزكۇر كومىتېتنىڭ «مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، ئائىلىلەرنى ئايرىۋېتىش، ئىجتىمائىي ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك مۇسۇلمان توپلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىزتىراپ چېكىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سىياسەت ۋە ئەمەلىي ئىجرائاتلارغا ئائىت بايانلاردىنمۇ چۆچۈگەنلىكى» مۇ تەكىتلەنگەن.

«ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتى» نىڭ بۇ باياناتى مەزكۇر كومىتېتىنىڭ 22-نويابىر كۈنى باشلىنىپ 2-دېكابىر ئاخىرلىشىدىغان 108-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى. بۇ يىغىندا سابىق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى باچېلېتنىڭ «شىنجاڭ دوكلاتى» دىكى تەۋسىيەلەرگە ئەمەل قىلىش نۇقتىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولغان.

ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى 31-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار دوكلاتى. 2022-يىلى 1-سېنتەبىر، جەنۋە.
ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى 31-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار دوكلاتى. 2022-يىلى 1-سېنتەبىر، جەنۋە.
AFP

ب د ت «ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتى» نىڭ چاقىرىقى، ب د ت نىڭ يېڭى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك «باچېلېتنىڭ دوكلاتى» نى داۋاملىق كۈچكە ئىگە، دەپ قارامدۇ؟ دوكلاتتىكى تەۋسىيەلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۈچەمدۇ؟ دەيدىغان ھالقىلىق بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى. بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 29-نويابىر كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈركنىڭ ئ‍ىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلاردىن «ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتى» نىڭ باياناتىغا بولغان ئىنكاسىنى سورىدۇق.

كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ باش باياناتچىسى راۋىنا سامداسانى باياناتقا باھا بەرمەيدىغانلىقى، لېكىن ۋولكېر تۈركنىڭ «باچېلېتنىڭ دوكلاتى» نى كۈچكە ئىگە، دەپ قارايدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىدىكى تەۋىسيەلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

راۋىنا سامداسانى مۇنداق دېدى: «شۇنداق، ۋولكېر تۈرك ئەپەندى بۇ دوكلات توغرىسىدا ئاشكارا سۆز قىلدى. ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ بۇ دوكلات ھەققىدە قانداق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى پىلانىمۇ سورالغان. ئۇ بۇنىڭغا: ‹بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر دوكلات، ئۇنىڭدا جىددىي بايقاشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان› دېدى. ئۇ يەنە ‹بىز بۇ دوكلاتتىكى كۈچلۈك تەۋسىيەلەرنىىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن داۋاملىق ھەرىكەت قىلىمىز› دېدى. شۇنداق، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دوكلاتتىكى تەۋسىيەلەرگە ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ يوللىرىنى تېپىشقا مەركەزلىشىدۇ».

باچېلېتنىڭ دوكلاتى بۇ يىل 31-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي دوكلاتتىكى بايانلارنى رەت قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئ‍ىشخانىسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان. باچېلېتنىڭ دوكلاتى ئېلان قىلىنىپ ئارقىدىنلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىغا تەيىنلەنگەن ۋولكېر تۈركنىڭ، بۇ دوكلاتقا ئىگە چىقىش-چىقماسلىقى ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىلىق ھاياتىدىكى مۇھىم سىناق بولۇپ قالغانىدى. لېكىن سامداسانى خانىم، ۋولكېر تۈركنىڭ خىتاي بىلەن سۆزلىشىش يوللىرىنى تېپىش تىرىشچانلىقىغا خىتاينىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ خىتاي بىلەن بۇ جەھەتتىكى دەسلەپكى ئۇچرىشىشنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

راۋىنا سامداسانى مۇنداق دېدى: «ئۇ، ئۇچرىشىشنى باشلاپ بولدى. لېكىن سىزمۇ بىلگەندەك ئالىي كومىسسارنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغىنىغا تېخى بىر ئايدىن ئازراق ئاشتى. بىراق شۇنداقتىمۇ ئۇ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن دەسلەپكى ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى. ئۇنىڭ ئېيتقىنىدەك ئۇ ئۇچرىشىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇ مۇھىم دوكلاتتىكى تەۋسىيەلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلىشىدۇ».

راۋىنا سامداسانى ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشلىرىدا دوكلاتتىكى تەۋسىيەلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە دائىر ھەرقانداق بىر ئىجابىي تەرەققىيات بولغان-بولمىغانلىقىغا دائىر سوئالىمىزغا: «بۇ سوئالىڭىزغا مەن جاۋاب بېرەلمەسلىكىم مۇمكىن. چۈنكى، بۇ خىتاي تەرەپ جاۋاب بېرىشى كېرەك بولغان سوئال. بىراق بىز تەرەپكە نىسبەتەن كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىزنىڭ ئىشخانىمىز، دوكلاتتىكى تەۋسىيەلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن داۋاملىق ھەرىكەت قىلىمىز. بىز ئېيتىپ ئۆتكەندەك بۇ ئىنتايىن جىددىي بىر دوكلات. ئۇنىڭدىكى تەۋسىيەلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشتىكى ھالقىلىق ئامىل» دەپ كۆرسەتتى.

لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كومىتېتنىڭ ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش ئەھدىنامىلىرىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا بۇ چاقىرىقنى ئېلان قىلىشى، ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

مەركىزى ئىتالىيەدىكى «ھىمايىچىلارنى مۇداپىئە قىلىش تەشكىلاتى» نىڭ پائالىيەت دىرېكتورى لاۋرا خارت (Laura Harth) 29-نويابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «كومىتېتنىڭ بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىشىدىن بەك خۇرسەن بولدۇم. مەسىلە ناھايىتى كۈچلۈك تىلغا ئېلىنغان. بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئارزۇسى ۋە يولىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ ئەزا دۆلەتلەرگە قارىتا ئۇلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىش ئەھدىنامىسىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئەسلەتكەن. ھەتتا بىرەر خەلقئارالىق سوت بۇنى شۇنداق ئاتىمىغان بولسىمۇ، لېكىن كومىتېتنىڭ نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەر بۇنىڭغا قارىتا پوزىتسىيە بىلدۈرۈشتىن ياكى ھەرىكەت قوللىنىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا بۇ چاقىرىقنى قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم».

لاۋرا خارتنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەمدىكى نۆۋەت ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشنى كومىتېتىدەك پىداكارلىق بىلەن كونكرېت ھەرىكەت قوللىنىشىدا قالغان. لاۋرا خارت: «شۇڭا مېنىڭچە ئەمدىكى نۆۋەت ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزىمىدەك پىداكارلىق كۆرسىتىشى، ھەتتا ئۇلاردىنمۇ كۈچلۈك پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىدە چىڭ تۇرۇشى، ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى، شۇنداقلا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بىلەن بولغان ھەمكارلىقلاردا ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. چۈنكى، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى شىنجاڭدا بولغان ئىشلارغا جاۋابكار. شۇڭا، شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە ئالدىراشنىڭ ئورنىغا، خىتاي ئەمەلدارلىرىغا نىشانلىق ئېمبارگو قويۇپ، بۇنىڭ بولدى قىلىنمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش كېرەك».

ب د ت «ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتى» نىڭ چاقىرىقىدا يەنە «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى، شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ بارلىق شەكىللىرىنى تۈگىتىش توغرىسىدىكى خەلقئارا ئەھدىنامىدە ئ‍ۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى تەلەپ قىلىنغان. باياناتتا يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۆزلىرىنى قوغداۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك مۇسۇلمان توپلىرىغا قارىتا قورقۇتۇش ۋە باستۇرۇشنى دەرھال توختىتىپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك مۇسۇلمان توپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلىرىغا قارىتا مەسىلىنى مۇۋاپىق ۋە ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش چارىسى تېپىشى، شۇنداقلا ئۇلارغا تۆلەم تۆلىشى چاقىرىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.